رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

سالاملىشىپ تۇرۇشنى قاچان ئۈگىنىمىز

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "ئىمان ئېيتمغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر- بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر، سىلەرنى بىر - بىرىڭلارنى ياخشى كۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ئىشقا يېتەكلەپ قويمايمۇ؟ ئۆز ئارا كۆپ سالاملىشىڭلار". [مۇسلىم، بۇخارى رىۋايىتى].

    بۇ ھەدىس خەلقنىڭ دىللىرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشتە، ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە دوستلۇق ئورنىتىشتا، خەلققە ئامان - ئېسەنلىك، خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى بېرىشتە ئالاھىدە رولى بولغان ئەڭ يۈكسەك ئىسلام ئىجتىمائىي ئەدەب – ئەخلاقىغا كېپىللىك قىلىدۇ. كۆپ سالاملىشىش ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈشۈش ۋە دوستلۇقنىڭ كۈچلۈك ۋاسىتىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىس پۈتۈن مۇسۇلمان جامائىتى ئارىسىدا كۆپ سالاملىشىپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇسۇلمانلارغا بۇ يۈكسەك ئىسلام ئىجتىمائىي ئەدەب - ئەخلاقىغا ئاڭلىق ھالدا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنى ھەقىقى تۈردە ئىجرا قىلىشنى يۈكلىدى، بۇنى سالامغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەنپەئەتلەرگە باغلاپ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ جەننەتكە، ئۇنىڭ نازۇ - نېمەتلىرىگە ئېرىشەلىشىڭلار ئىمانىڭلارغا باغلىق، ئىمانىڭلارنىڭ ھالاۋىتىنى تېتالىشىڭلار بىر - بىرىڭلارنى خالىس ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشۈشىڭلارغا باغلىق، خەلق ئىچىدە ئۆز ئارا مۇھەببەت، ياخشى كۆرۈشۈشنىڭ ئومۇملىشىشى پەقەت ئۆز ئارا كۆپ سالاملىشىشىڭلار ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ھەدىستىكى  ئۆز ئارا كۆپ سالاملىشىشقا باغلانغان بۇ مەنپەئەتلەرنى ھەقىقى تونۇپ يەتكەن كىشى بۇنى چوقۇم ياخشى ئىجرا قىلىدۇ ۋە ھەقىقى تەتبىقلايدۇ.

سالام ھەققىدە كەلگەن بەزى ئايەت ۋە ھەدىسلەر
  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

   {ئى مۆمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغۇچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار...}. سۈرە نۇر 27- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

   {سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار)...}. سۈرە نۇر 61- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

   {(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى}. سۈرە زارىيات 24-25 - ئايەتلەر.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس (ئاللاھ رازى بولسۇن) مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلامنىڭ قايسى ئەمەللىرى ياخشى؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: "يوقسۇللارغا تائام بېرىش، تونۇغان - تونۇمىغان كىشىلەرگە سالام قىلىش" دەپ جاۋاپ بەرگەن. [بۇخارى، مۇسلىم رىۋايىتى].

   ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "ئاللاھ تەئالا ئادەمنى ياراتقان ۋاقىتتا: (ئى ئادەم!) بارغىن، مالائىكەلەرگە سالام بەرگىن، ئۇلارنىڭ ساڭا قايتۇرغان مۇقەددەس سالامىگە قۇلاق سالغىن، شەكسىزكى ئۇ, بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مۇقەددەس، پاك سالامى بولىدۇ، دېدى. ئادەم: - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دېدى. مەلائىكەلەر: - ئەسسالامۇ ئەلەيكە ۋە رەھمەتۇللاھ، دەپ ۋە رەھمەتۇللاھ جۈملىسىنى قوشۇپ جاۋاپ قايتۇرۇشتى". [بۇخارى، مۇسلىم رىۋايىتى].

  بەرا ئىبنى ئازب (ئاللاھ رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى كېسەل يوقلاش، جىنازىغا ئەگىشىش، چۈشكۈرگىچىگە تەشمىت ئېيتىش، (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن دېيىش) ئاجىزغا ياردەم بېرىش، زۇلۇم قىلىنغۇچىغا ياردەم بېرىش، ئۆز ئارا كۆپ سالاملىشىش ۋە قەسەمگە ۋاپا قىلىشتىن ئىبارەت يەتتە خىسلەتلىك ئىشلارغا بۇيرىدى. [بۇخارى، مۇسلىم رىۋايىتى].

 ئابدۇللاھ ئىبنى سالام (ئاللاھ رازى بولسۇن) رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ: "ئى خالايىقلار! ئۆز ئارا كۆپ سالاملىشىڭلار، پېقىرلەرگە تائام بېرىڭلار، تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈپ قۇيماڭلار، باشقىلار ئۇخلاۋاتقاندا سىلەر ناماز ئوقۇڭلار، (شۇنداق قىلغاندا) جەننەتكە تىنچ - ئامان، سالامەت كىرەلەيسىلەر". [تىرمىزى، ئىبنى ماجە رىۋايىتى].
 سالامنىڭ ھۆكۈم ۋە ئەدەپ - ئەخلاقلىرىنى تەپسىلى بىلىش ئۈچۈن ھەدىس ۋە پىقھى كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىش لازىم.

 ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.