رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئىلاھى چاقىرىق ۋە ئۇنىڭ ماددىلىرى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تەئالادىن «ئى (ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر)! تۇر! ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر. پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا. كىيىمىڭنى پاك تۇت. ئازابتىن (يەنى ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول. كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە (يەنى كىشىگە بىرەر نەرسە سوۋغا قىلساڭ، ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئېلىشنى تەمە قىلما). پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىل» (7 — 74:1) دېگەن مەزمۇندا بىر نەچچە ئىلاھىي چاقىرىقلارنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ چاقىرىقلار گەرچە قارىماققا ئاددىي، يۈزەكىدەك تۇيۇلسىمۇ، ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلغاندا مەنىسى چوڭقۇر، نىشانى ئېنىق، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك ۋە رېئال ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە دانا بۇيرۇقلار ئىدى، ئالايلى:

   1. ئاگاھلاندۇرۇش نىشانى — ھاياتلىق ئالىمىدىكى ھەربىر شەخىسنى ئاللاھ تەئالا رازى بولمايدىغان يولدا مېڭىۋېرىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ قەلب قاتلىمى ۋە كۆڭۈل تۆرىگە قورقۇنچ ۋە ئەيمىنىش تۇيغۇسىنى سېلىپ قويۇشتىن ئىبارەتتۇر.

   2. پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاش — بۇنىڭدىن مەقسەت، يەر يۈزىدە ئاللاھ تەئالانىڭ ئەزەمىتى ۋە كاتتا شانۇ-شەۋكىتىدىن باشقا ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ھاكاۋۇر چوڭچىلىقىنى قۇبۇل قىلماسلىق، بەلكى ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ۋە جىمىي ئۇلۇغلۇق ۋە بۈيۈكلۈك ئاللاھ تەئالاغىلا مەنسۇپ دېگەن ئەقىدىنى تۇرغۇزۇش.

   3. كىيىمنى پاك تۇتۇش ۋە ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئىشلارنى تاشلاش (ئىچى ۋە تېشىنى ئۈزۈل-كېسىل پاكلاش) — ئىنسان ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتىنىڭ سايىسى ۋە ھىدايىتىنىڭ نۇرى ئاستىدا ياشىغانىكەن، مۇمكىنقەدەر بارلىق سەلبىي ئىشلاردىن ۋە ئادەمنىڭ روھىغا داغ كەلتۈرىدىغان ئىللەتلەردىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشى ۋە يىراق تۇرۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ. بۇ چاغدا ساغلام قەلب ئىگىلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا يېپىشىدۇ. گۇمراھ ۋە رەزگى دىللارمۇ ئۇنىڭ ھەيۋىتى ۋە ئالىيجاناپ پەزىلىتىنى ھېس قىلالايدۇ. نەتىجىدە پۈتۈن دۇنيا ئىختىيارى ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ئەتراپىغا ئۇيۇشىدۇ.

   4. قىلغان - ئەتكەن ياخشىلىقنى كۆپ ساناپ كەتمەسلىك — ئىنسان ئۆزىنىڭ ياخشى ئىش-ياخشى پائالىيەتلىرىنى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى بەك چوڭ ساناپ كەتمەسلىكى، بەلكى داۋاملىق ھارماي-تالماي تىرىشىپ-تىرمىشى ئىشلىشى، جاپا چېكىش، قۇربان بېرىش ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى تىكلىشى، ئاندىن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كېتىشى، بەلكى تۆلىگەن بەدەللىرىنى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ھېس قىلمايدىغان ۋە سەزمەيدىغان دەرىجىدە ئاللاھ تەئالا ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلىدىغان بولۇشى لازىم.

   5. ئاخىرقى ئايەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پات يېقىندا زالىم دۈشمەن كۈچلەر تەرىپىدىن تۈرلۈك ئەرزىيەت-كۈلپەتەرگە، مەسخىرە-مازاقلاغا، ئېشىپ-تېشىپ ئۆزى ۋە ئەسھابىلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان مۇئمىن-مۇسۇلمانارنى تەلتۆكۈس قىرغىن قىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىشارەت ۋە بېشارەتلەر بېرىلگەن ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى شەخسىي مەنپەئەت نېسىۋىسىنى دەپ ئەمەس، بەلكى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ تەئالانىڭلا رازىلىقىنى ئىزدەپ، يۇقىرىقىدەك قىيىنچىلىق ۋە ئېغىر كۈلپەتلەرگە باتۇرانە جاسارەت ۋە سۇباتلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرۇلغان.  ; ئاللاھۇ ئەكبەر (ئاللاھ ھەممىدىن كاتتا). بۇ ئەمىر پەرمانلار كۆرۈنۈشتە نېمىدېگەن ئاددىي ۋە نېمىدېگەن يۈزەكى، ئەمما تەسىرچانلىقى ۋە جەزبىدارلىقى نېمىدېگەن كۈچلۈك! ئەڭ مۇھىمى ئەمەلىياتچانلىقى نېمىدېگەن كۈچلۈك! ئۇ پۈتۈن دۇنيانى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بىرلا نىشانغا قاراپ يۈزلەندۈرۈشتە نېمىدېگەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە!   ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىقى ئايەتلەر دەۋەت ۋە ۋەز-نەسىھەت ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، «ئىنزار» (ئاگاھلاندۇرۇش) دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا ھاياتلىقتىكى بەزى ئەمەللەر ئۆز ئىگىلىرىگە ئىنتايىن يامان ئاقىۋەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئالايلى، ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ نامى-ئەمەللىرىنڭ نەتىجىسىنى مۇشۇ دۇنيادا تولۇق ۋە نەق كۆرەلمەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ياخشىلىرى ئۈچۈن بېرىلىدىغان مۇكاپات، يامانلىرى ئۈچۈن بېرىلىدىغان جازا مۇشۇ دۇنيادا ھەرگىزمۇ تولۇق نەقلەشتۈرۈلمەيدۇ، ئەلۋەتتە. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا، «ئىنزار»نىڭ ئۆزىلا ئەمەللەرگە قارىتا چوقۇم ھېساب-كىتاب بولىدىغانلىقى ۋە ھاياتىي دۇنيانىڭ كۈنلىرىدىن باشقا بىر كۈننىڭ چوقۇم مەۋجۇدلۇقىنى شەرتسىز دەلىللەيدۇ. ئۇ كۈن بولسىمۇ «قىيامەت» كۈنىدۇر.

   مانا بۇ كۈننىڭ مەۋجۇدلۇقى بىز ھازىر ياشاۋاتقان ھاياتتىن ئۆزگە بىر ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇدلىقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ.

   ئايەتنىڭ داۋامى يەنە بەندىلەردىن توغرا ئەقىدىلىك بولۇشنى، ھەممە ئىشتا ئاللاھ تەئالاغا تەۋەككۇل قىلىشنى، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش، ئۆز مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىشتەك شەخسىيەتچىلىكنى تەرك ئېتىشنى ۋە ئاللاھ تەئالانى نارازى قىلىش بەدىلىگە بەندىلەرنىڭ رازىلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ناپاك ئىللەتلەرنى قەتئىي تەرك ئېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.   دەۋەت تېمىلىرىنى يەنە تۆۋەندىكى ماددىلارغا مەركەزلەشتۈرۈشكە بولىدۇ:

   1. تەۋھىد، يەنى تەبىئەتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى يەككە-يېگانە ئاللاھ دەپ ئېتىقاد قىلىش.

   2. قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش.

   3. يامان ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغان مۇنكەر، پاھىشە ئىشلاردىن قول ئۈزۈش ۋە ئۇلۇغۋار، ئالىيجاناب ۋە پەزىلەتلىك ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۆز نەپسىنى پاكلاش.

   4. ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ تەئالاغا تاپشۇرۇش.

   5. يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە دانا يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىش ... قاتارلىقلار.   ئاندىن ئايەتنىڭ باشلىنىشىلا بۈيۈك ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بۇ ئۇلۇغۋار ئىشقا تەكلىپ قىلىش نىداسى ۋە ئۇنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ۋە بېشىنى چۆمكىۋېلىپ بىخۇد يېتىۋېلىشتىن جىھاد قىلىشقا، كۈرەش قىلىشقا ۋە جاپا-مۇشەققەتكە تارتىپ چىقىرىشقا چاقىرىش نىداسى: «ئى (ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر)! تۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر» (2 — 74:1) بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ چاقىرىقتا گويا: «ئى مۇھەممەد! بىر كىشىلىك نەپسى (جېنى) ئۈچۈنلا ياشىغۇچىلار جاپا تارتماي راھەتلىك ياشىشى مۇمكىن. ئەمما، ساڭا ئوخشاش بۇنداق ئېغىر يۈكنى ئۆز زىممىسىگە ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇيقۇنىڭ نېمە كېرىكى؟ راھەت-پاراغەتنى نېمە كېرىكى؟ ئىللىق فىراش، تىنچ تۇرمۇش ۋە كۆركەم مال-ماتالارنىڭ نېمە كېرىكى؟! تۇر! ئۇلۇغۋار ئىشلار سېنى كۈتمەكتە! ئېغىر يۈك (ئىلاھىي ئەلچىلىك يۈكى)نى زىممەڭگە ئېلىش ئۈچۈن تۇر! جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىن كۈلپەتلەر ئۈچۈن تۇر! ساڭا قانغىچە ئۇخلاش، راھەت-پاراغەت ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەتنى ۋاقتى كەتتى. ئەمدى بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئىزچىل بىدارلىق ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان جاپالىق كۈرەش باشلىنىدۇ. تۇر! مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن تەييار تۇر ۋە بۇيرۇق كۈت!» دېيىلگەنىدى.   مانا بۇ قەتئىي ھەم كەسكىن بۇيرۇقلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئائىلە شادلىقىدىن، راھەتلىك ۋە ئىللىق كۆرپىسىدىن ۋە تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشىدىن سۆرەپ چىقىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىكى مەۋقەسىزلىك، خۇراپاتلىق ۋە ناھەقچىلىكلەر ئارىسىغا ئىختىيارسىز ئىتتىرىپ كىردى.

   پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ بۇيرۇقلارغا بىنائەن ئورنىدىن دەس تۇردى. ئۇ شۇ تۇرغانچە 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىزچىل، سابىت بەرقەدەم تۇردى. ئۇھ ... دەپ راھەت سېغىنىپ ئولتۇرمىدى، زېرىكىپ توختاپ قالمىدى. ئۆز نەپسى ئۈچۈن ۋەياكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈنلا ياشىمىدى.

   ئۇ يەر شارىدىكى ئەڭ ئېغىر يۈك — چوڭ ئامەنەت يۈكىنى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە-ئېتىقاد يۈكىنى ۋە ھەرقايسى مەيدانلاردىكى جەڭ ۋە جىھاد يۈكىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ، ھارماي-تالماي ئىزچىل ئاللاھ تەئالانىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىپ، 20 يىلدىن كۆپرەك ھاياتىنى كۈرەش مەيدانىدا ئۆتكۈزدى. ئۇ بۇ ئىلاھىي چاقىرىقنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە — پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، بىر ئىشنى يەنە بىر ئىشقا توقۇنۇشتۇرۇپ قويمىدى، بىر ئىشنى دەپ يەنە بىر ئىشنى ئاقسىتىپ قويمىدى.

   ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭغا بىز ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار نامىدىن ئەڭ ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن! ئامىن!   تۆۋەندىكى قۇرلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋەت ئېلىپ بارغان جەرياندىكى جاپالىق ۋە كۈرەشچان ئۆمۈر مەنزىللىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسىدۇر (ئۇنى كۆڭۈل ئېكرانىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ كۆرگەيسىز!).