رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

مەدىنىنىڭ ھىجرەت مەزگىلىدىكى ۋەزىيىتى (1)

ھىجرەت قىلىش دېگەنلىك - ھەر خىل پىتنە - پاسات ۋە مەسخىرە مازاقلاردىن قۇتۇلۇش دېگەن مەنىنىلا بىلدۈرۈپ قالماستىن، بەلكى يەنە تىنچ - ئامان شەھەردە يېڭى بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىش دېگەنلىك بولاتتى. شۇڭا، بۇ يېڭى ۋەتەننى قۇرۇشقا قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرالايدىغان ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە شانۇ - شەۋكىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالايدىغان ھەرقانداق بىر مۇئمىن - مۇسۇلمانغا ھىجرەت قىلىش پەرز قىلىپ بېكىتىلدى. چۈنكى، ئىسلام دەۋىتىنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش، ئىسلام نۇرى بىلەن جاھالەت زۇلمىتىنى يورۇتۇش ۋە ھەق ئارقىلىق باتىلنى يوقىتىش ئۈچۈن چوقۇم سىستېمىلىق، بىرلىككە كەلگەن ۋە قۇدرەتلىك بىر كۈچنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئىدى. پارچە - پۇرات ھەرىكەتلەر بىلەن بۇ مەقسەتلەرگە يەتكىلى بولمايتتى. مەدىنىدە دەل مانا مۇشۇ كۈچنىڭ تەشكىللىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك شارائىت ھازىرلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ يېڭى جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشتا كۆپچىلىكنىڭ دىنىي داھىيسى، ھەربىي قوماندانى ۋە سىياسىي رەھبىرىگە ئايلانغان بولۇپ، بارلىق ھوقۇق ئۇنىڭ قولىغا نىزاسىز مەركەزلەشكەنىدى.

   پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنىدە ئەھۋالى بىر – بىرىگە تۈپتىن ئوخشاشمايدىغان مۇنداق ئۈچ خىل سىنىپتىكى ئادەملەر بىلەن توغرا ۋە ئادىل مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا توغرا كەلدى.

   1. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاق كۆڭۈل ۋە ساپ دىل ساھابىلىرى (ئاللاھ تەئالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن).

   2. تېخىچە ئىمان ئېيتماي تۇرۇۋاتقان مۇشرىكلار - ئۇلار مەدىنىدىكى يەرلىك قەبىلە ئاھالىلىرى ئىدى.

   3. يەھۇدىيلار - ئۇلار ئەرەبلەرگە نىسبەتەن يات مىللەت ئىدى.

   مەدىنىنىڭ شارائىتى مەككىدىكىگە ئوخشاشمايتتى. ساھابىلار مەككىدىكى چېغىدا گەرچە پىكىر جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن، ئۆم - ئىناق، بىرلا مەقسەت، بىرلا نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كېلىپ - چىقىشى بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدىغان خىلمۇخىل ئائىلىلەردىن ئىدى. ئۇ كوچىدىن بۇ كوچىغا قوغلىنىپ يۈرەتتى. ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئازراقمۇ ئارىلىشىش ھوقۇقى بولمىغانىدى. بارلىق ھوقۇق دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قولىدا ئىدى. شۇڭا، ئۇلار مەككەدە ھەرقانداق بىر ئىنسانىيەت جەمئىيتىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئېسىل پەزىلەتلەر مۇجەسسەملەشكەن بىر ئىسلامىي جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا قادىر بولالمىغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلىرىنىڭ پەقەت ئىسلامىي ئەقىدە - پرىنسىپلار ۋە ھەربىر شەخس ئەمەل قىلالىشى مۇمكىن بولغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بايان قىلىش ۋە ياخشى ئادەم بولۇش، خەيرى - ئېھسان قىلىش، ئەخلاقلىق بولۇش ۋە رەزىل - پەسكەشلىكلەردىن خالى بولۇشقا تەرغىب قىلىش بىلەنلا چەكلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز.

   ئەمما مەدىنىدىچۇ؟ بۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقى باشتىن - ئاخىر ئۆزىنىڭ قولىدا بولدى. ھېچ كىشى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قامچىسىنى ئوينىتالمىدى. ئەمدى ئۇلارغا يۈكسىلىش، تەرەققىيات، تۇرمۇشنى ياخشىلاش، ئىگىلىك تىكلەش، سىياسەت بەلگىلەش، ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش، تىنچلىق ئورنىتىش، ئۇرۇش قىلىش، ھالال - ھارام، تائەت - ئىبادەت ۋە ئەدەپ - ئەخلاق دېگەنگە ئوخشاش ھاياتىي دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى ئىنچىكىلەپ تەرتىپكە سېلىش ۋە ئوڭشاش ئۈچۈن بارلىقى بىلەن ئاتلىنىش پۇرسىتى يېتىپ كەلگەنىدى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى جەھەتتە جاھىلىيەت جەمئىيتىگە ئوخشاشمايدىغان، ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ھەرقانداق بىر ئىلغار جەمئىيەتتىن ئالاھىدە ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋە ئون يىل مابەينىدە مۇسۇلمانلار مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەت بەدىلگە تارقاتقان بۇ ئسلام دەۋىتىنىڭ ۋەكىللىك مەھسۇلى بولالايدىغان يېڭىچە بىر ئىسلامىي جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ۋاقتى - سائىتى يېتىپ كەلگەنىدى.

    ھەممىگە ئايانكى، ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنى مۇشۇ يوسۇندا بەرپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بىر كۈن، بىر ئاي ياكى بىر يىلدا پۈتىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇنىڭغا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئاڭ - سەۋىيسىنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئالىيجاناب پەزىلەتلىك ئىشلارغا كۆندۈرۈش ۋە تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەش بىلەن بىرگە، دىن ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ تەكامۇللىشىشى ۋە قانۇن، ئەمرى - پەرمانلار تولۇقلىنىپ، كىشىلەر ھەرىكىتىنىڭ شەرىئەت ئەندىزىسىگە چۈشۈشى ئۈچۈن مەلۇم جەريان كېتەتتى. ئاللاھ تەئالا بۇ شەرىئەتنىڭ ئەمىر -  پەرمان ۋە قانۇن - نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بېرىشكە كېپىل بولدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تەئالانىڭ ئاشۇ شەرئىي قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا، ئۇنىڭغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەشكە ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ «ئاللاھ ئۇممىيلەرگە (يەنى يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى ئۇقمايدىغان ئەرەبلەرگە) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى) ئەۋەتتى. ئۇ (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى) ئۆگىتىدۇ» (62:2) دېگەن ئايىتىدە بايان قىلىنغاندەك مۇسۇلمانلارنى تەربىيىلەپ ۋە توغرا نىشاننى بويلاپ يول باشلاپ مېڭىشقا مەسئۇل بولدى.

   ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار قۇرئان كەرىمگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۈزلەندى. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئەھكام ۋە ئەمرى - پەرمانلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئالدىرايتتى ۋە ھەرقانداق بىر ئەھكام نازىل بولسا، خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلاتتى. شۇڭىمۇ ئاللاھ تەئالا بۇلار ھەققىدە: «ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا، ئىمانى (تېخىمۇ) كۈچىيىدۇ» (8:2) دېگەن.

    بۇ مەسىلىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىش بىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەتقىقات ماۋزۇيىمىز ئەمەس. شۇڭا، بىز بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك توختىلىمىز. گەرچە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ھەممىدىن ئاۋۋال قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى، شۇنداقلا ئىسلام دەۋىتى ۋە ئىلاھىي ئەلچىلىكىنىڭ ئاساسىي نىشانى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۇنداق جىددىي مەسىلە ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يەردە يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسىلە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى.

   1. مۇسۇلمانلار مەسىلىسى - ئۇلار ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرى ئۆزىنىڭ توغۇلۇپ ئۆسكەن ماكانى، ئانا يۇرتى ۋە مال - دۇنياسى ئىچىدە ئامان - ئېسەن ۋە غەمسىز ياشاۋاتقانلار. ئۇنداقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن ئۆزگە غەم - ئەندىشىسى يوق بولۇپ، ئۇلار مەدىنىدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلار بولغان ئەنسارلار ئىدى. ئەنسارلار ئارىسىدا ئەزەلدىنلا قاتتىق سۈركىلىش ۋە ئاداۋەت ئوتلىرى ئۆچمەي كەلگەن بىر خەلق ئىدى.   ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلار بار ئىدى (ئۇلار مۇھاجىرلاردۇر). ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىسى يوقالغان، ئۇلار مەدىنىگە ئارانلا جېنىنى جايلاپ چىقىۋېلىشقان. ئۇلارنىڭ نە پاناگاھى، نە تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئىش ئورنى، نە جاھاندارچىلىق قىلىپ تۇرغىدەك مەبلىغى يوق ئىدى. بۇ مۇساپىرلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس، بەلكى تېخى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتاتتى. چۈنكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەن ھەرقانداق بىر كىشنىڭ ھىجرەت قىلىپ چىقىشى پەرز قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.

  ھەممىگە مەلۇمكى، مەدىنە ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان باي شەھەر ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى تېزلا داۋالغۇشقا ئۇچرىدى ۋە مۇشۇنداق قىيىنچىلىق پەيتىدە ئىسلام دىنىغا ئۆچمەنلىك قىلغۇچى دۈشمەن كۈچلەر مەدىنىگە قارىتا يېرىم ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەنلىكتىن، مەدىنىنىڭ سىرتتىن كىرىدىغان تاۋار مىقدارى ئازلاپ كېتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچرىغانىدى.