رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەل بولۇپ كەلگەن ئەلچىلەر ئۆمەكلىرى (2)

6. بەنى ئۇزرە ئەلچىلىرى — بۇلار ھىجرىيىنىڭ 9- يىلى سەپەر ئېيىدا كەلگەن. ئۇلار 12 ئادەم ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەمزە ئىبنى نۇئمان ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئەلچىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ: «بىز بەنى ئۇزرە خەلقى قۇسەي (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالتىنچى بوۋىسى) نىڭ ئانا تەرەپ تاغىلىرىمىز. قۇسەيگە ياردەم بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، خۇزائە ۋە بەنى بەكرى قەبىلىلىرىنى مەككىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا تايانچ بولغانمىز. بىزنىڭ ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۇرۇق-تۇغقانلچىىقىمىز ۋە كونا قىرابىتىمىز بار» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا قىزغىن مۇئامىلىدە بولدى ۋە ئۇلارغا شامنى چوقۇم پەتھى قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئاخىردا ئۇلارنى رامبال، پالچى ۋە جىنكەش داخانلاردىن ئىش سوراشتىن ۋە بۇت-ھەيكەللەرگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەشنى تاپىلىدى. ئەلچىلەر ئىمان ئېيتىپ، ئىسلام قائىدىلىرىنى ئۆگىنىپ قايتىشتى.

7. بەللى ئەلچىلىرى — بۇلار ھىجرىيىنىڭ 9- يىلى رەبىىۇلئەۋۋەلدە كېلىپ مۇسۇلمان بولغان ۋە مەدىنىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ مۇسۇلماندارچىلىقتا زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى سوراپ ئۆگىنىۋالغان. ئۇلارنىڭ باشلىقى ئەبۇ زەبىب: «زىياپەتتە ساۋاپ بارمۇ؟» دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەلۋەتتە بار، سېنىڭ مەيلى باي، مەيلى نامرات ھەرقانداق ئادەمگە قىلغان خەير-ئېھسانىڭ سەدىقە بولىدۇ» دېدى. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «زىياپەت ۋاقتى قانچىلىك بولىدۇ؟» دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈچ كۈن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ: «ئېزىپ كېلىپ قالغان قوينى قانداق قىلغۇلۇق؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇ سېنىڭ ياكى سېنىڭ قېرىندىشىڭنىڭ ۋەياكى بۆرە-يىرتقۇچنىڭ دېدى. ئۇ يەنە: «تۆگىنىڭ ئازغان-تازغانلىىنىچۇ؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنىڭ بىلەن سېنىڭ نېمە كارىڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئىشىڭ بولمىسۇن، تاكى ئۇنى ئۆز ئىگىسى تېپىۋالسۇن» دېدى.

8. سەقىف ئەلچىلىرى — بۇ ئەلچىلەر ھىجرىيىنىڭ 9- يىلى رامىزاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەبۇك غازىتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىينلا يېتىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇش جەريانى تولىمۇ ئەگرى-توقاي بولغان. مۇسۇلمانلار تائىف غازىتىدىن قايتىپ مەدىنىگە يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغاندا ئۇلارنىڭ باشلىقى ئۇرۋە ئىبن مەسئۇد سەقەفى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇسۇلمان بولدى ۋە تائىفقا قايتىپ ئۇلارنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ خەلقىم ماڭا ئىتائەت قىلىدۇ ۋە ماڭا ئەگىشىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ سەقىف خەلقى ئىچىدە يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق شەخس ئىدى. جىمى خەلق ئۇنى ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ بەكرەك سۆيەتتى ۋە ھىمايە قىلاتتى. ئۇ بۇ قېتىم سەقىف خەلقىنى ئىسلامغا چاقىرىۋىدى، ئۇلار ئۇرۋەگە ماقۇل بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ۋە ھەر تەرەپتىن ئوق ياغدۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشتى. ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار يەنە ساراسىمىگە چۈشتى ۋە ئەتراپتىكى مۇسۇلمان بولۇپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەل بولغان جىمى ئەرەبلەر بىلەن قارشىلىشىپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئارىدىن بىر ئادەمنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەلچىلىككە ئەۋەتمەكچى بولدى. ئۇلار ئەبدىيا لەيل ئىبنى ئەمرىنى تاللىدى ۋە ئۇنىڭغا بۇ تەكلىپنى بېرىۋىدى، ئابدىيا لەيل ئىبنى ئەمرى ئۇنىمىدى. چۈنكى، ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ كەلسە، ئۇرۋىگە ئوخشاش قىسمەتكە قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلالمايمەن، بىراق بىرقانچە ئادەم بىللە بارساق مەيلى». شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەبدىيا لەيل ئىبنى ئەمرىگە ئىتتىپاقداش قەبىلىلەردىن ئىككى كىشىنى، بەنى مالىك قەبىلىسىدىن ئۈچ كىشىنى قېتىپ ئالتە كىشىلىك بىر ئۆمەك تەشكىللىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئوسمان ئىبنى ئەبىلئاس سەقەفى ئۆمەك ئىچىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەلچى ئىدى. ئەلچىلەر مەدىنىگە يېتىپ كېلىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا قۇرئان ئاڭلىسۇن ۋە كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇغىنىنى كۆرسۇن ئۈچۈن مەسجىدنىڭ بىر چېتىدىن ئالاھىدە بىر چېدىر تەييارلاپ بەردى. ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئەتىگەن-ئاخشامد ئۇچرىشىپ تۇردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلار بىلەن ھەر قېتىم ئۇچراشسا، ئۇلارنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلاتتى. ئاخىر ئۇلارنىڭ باشلىقى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مەدىنە تەرەپ بىلەن سەقىف خەلقى ئوتتۇرىسىدا بىر پارچە ھۆججەت توختىتىشنى، ھۆججەتكە سەقىف خەلقى ئۈچۈن زىناخورلۇق، ھاراقكەشلىك ۋە جازانىخورلۇققا يول قويۇشنى، لات بۇتىنى چېقىۋەتمەسلىكنى، ئۇلاردىن نامازنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە كىچىك خۇسۇسىي بۇتلارنى ئۆزلىرىنى چاققىلى سالماسلىق، ئاندىن ئۇلار ئەل بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈشنى شەرت قىلىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ شەرتلەرنىڭ بىرىنىمۇ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، ئۇلار يەنە چېدىرىغا كىرىپ مەسلىھەتلەشتى ۋە ئۆزئارا غۇلغۇلا قىلىشتى. ئاخىر ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسلىم بولماقتىن باشقا چىقىش يولى يوقلىقىنى ھېس قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. پەقەت لات بۇتىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ئادەم ئەۋەتىپ چاقتۇرۇۋەتسە پىكىرى يوقلىقىنى، ئەمما سەقىف خەلقى بۇ بۇتنى ئۆز قوللىرى بىلەن چاقمايدىغانلىقىنى شەرت قىلدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ بۇ شەرتىگە قۇشۇلدى ۋە ئۇلارغا بىر پارچە مەكتۇب يېزىپ بېرىپ، ئوسمان ئىبنى ئەبىلئاس سەقەفىنى ئۇلارغا ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى. سەۋەبى، ئۇ ئەلچىلەر ئارىسىدىكى ئىسلامىي بىلىملەرنى ئىگىلەشكە، قۇرئان ئوقۇشقا ۋە دىن ئۆگىنىشكە ئەڭ قىزىقىدىغان كىشى ئىدى. ئەلچىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئۇنى ياتىقىدا قالدۇرۇپ چىقىپ كەتسە، ئۇ بۇ چاغدا مەسجىدتىكى ئىلمىي سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلاتتى. ئەلچىلەر قايتىپ كېلىپ چۈشلۈكى ئۇخلاپ قېلىشسا، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن قۇرئان ئۆگىنەتتى ۋە دىنىي ئەھكاملارنى سورايتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇخلاپ قالغان بولسا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىزدەيتتى. ئوسمان ئىبنى ئەبىلئاس كېيىنكى مۇرتەدلەر زامانىدا ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئەڭ بەرىكەتلىك ۋە تۆھپىسى ئەڭ زور كىشى بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا سەقىف خەلقىمۇ بۇزۇلۇپ مۇرتەد (دىندىن ئاغقۇچى) بولماقچى بولغاندا، ئۇ نەسىھەت قىلىپ: «سىلەر ھەممىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولۇپ، ھەممىدىن بۇرۇن مۇرتەد بولماڭلار» دېدى. نەتىجىدە ئۇلار ئىسلامدا چىڭ تۇرۇپ مۇرتەد بولمىدى. ئەلچىلەر تائىفقا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، تائىف خەلقىگە ئۇرۇش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۆزلىرىمۇ ئىنتايىن بىئاراملىق ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئىزھار قىلىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇلاردىن ئىسلامدىن باشقىسىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، زىناخورلۇق، ھاراقكەشلىك ۋە جازانىخورلۇقتىن قەتئىي قول ئۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بولمىسا قوشۇن تارتىپ كېلىپ ئۇرۇشماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتى. بۇنى ئاڭلاپ سەقىف خەلقىنىڭ جاھىلىيەتچە مۇغەمبەرلىكى تۇتۇپ، ئىككى-ئۈچ كۈندەك ئۇرۇش تەييارلىقىدا ئالدىراش ئۆتتى. تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئاللاھ تەئالا ئۇلارنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سالدى چېغى، ئۇلار قايتا يىغىلىپ ھېلىقى ئەلچىلەرگە مەدىنىگە قايتىپ مۇھەممەدنىڭ تەلىپىگە كۆنىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇرساڭلار دېيىشتى. ئىش مۇشۇ يەرگە يەتكەندە ئەلچىلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىدى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن سەقىف خەلقى تامامەن مۇسۇلمان بولدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باشچىلىقىدا بىرقانچە ئادەمنى لات بۇتىنى چېقىۋېتىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار يېتىپ كېلىپ بۇتنى چېقىش ئالدىدا مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەمراھلىرىغا: «مەن سىلەرنى بىر كۈلدۈرۈپ قوياي» دېدى-دە، قولىغا بولقىنى ئېلىپ بۇتقا قاتتىق بىرنى ئۇردى-دە، ئاندىن ئۆزىنى تاشلاپ تىپىچەكلەشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن قاراپ تۇرغان تائىف ئاھالىسى چۇرۇقلىشىپ كەتتى ۋە: «ئاللاھ مۇغىرىگە لەنەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا لات تەقسىرەت قىلدى» دېيىشتى. بۇ چاغدا مۇغىرە سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئاغزىڭنى يىغ قاغىش تەگكۈرلەر، بۇ دېگەن ئەسكى تام ۋە لاي-خىشلار، خالاس» دېدى-دە، بۇتخانىنىڭ دەرۋازىسىغا ئۇرۇپ ئۇنى ئۆرۈۋەتتى ۋە يامىشىپ بۇت ھەيكىلىنىڭ ئۈستىگە چىقتى. باشقىلارمۇ چىقىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار لات بۇتىنى گۈلدۈرلىتىپ يىقىپ يەر بىلەن تەڭ تۈزلىۋەتتى، ھەتتا بۇتخانىنىڭ ئۇلىنى كولاپ ئۇ يەردىكى زىبۇ-زىننەت ۋە كىيىم-كېچەكلەرن چىقىرىۋالدى. سەقىف خەلقى قوللىرىنى چىشلىشىپ ھەيران قېلىشتى. خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئادەملىرى قېزىۋېلىنغان نەرسىلەرنى ئېلىپ مەدىنىگە قايتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ نەرسىلەرنى شۇ كۈنىلا قوشۇن ئارىسىدا تەقسىم قىلىپ بەردى ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە نۇسرەت ئاتا قىلغانلىقىغا ۋە ئۆز دىنىنى غالىب قىلغانلىقىغا ھەمدۇسانا ئوقۇدى.