رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m013.jpg

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەكارىمى ئەخلاقنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن:جۈمە نامىزى ۋەخۇتبىنى ئوقۇغان ھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ سالىھ بىن ئابدۇللالاھ ئىبنى ھۇمەيدد جانابلىرى...ئىما ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەكارىمى ئەخلاقنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:ئې مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش،ئەخلاق-پەىلەتنىڭ يۈكسەكلىكى تەقۋادارلىقتۇر. مەخلۇقاتلارنڭ خوجىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەت ئۈچۈن مەكارىمى ئەخلاقنى تاماملاش،شەرىئەت ئەھكاملىرىنى يەتكۈزۈش،شەرىئەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن رەھمەت پەيغەمبىرىدۇر. شەرىئەت ئەھكاملىرى نازىل بولغاندا تەكامۇللاشقان ھالدا نازىل بولغان ھەمدە ئىنساندا ياخشى ئەخلاق ۋە دىن،گۈزەل مۇئامىلە ئاساسىنى پۇختىلاشنى مەخسەت قىلغان. مەنىۋى ئەدەپ-ئەخلاق،مۇامىلىدەئىسىللى ئاللاھ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان ئىنئامدۇر.باشقىارنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش، باشقىلارغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلىش دىننىڭ جەۋھىرى ھېساپلىنىدۇ.ئىناندا زوق-شوقنىڭ گۈزەللىكى، ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ گۈزەللىكىنىڭ دەلىلىدۇر.باشقىار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە مىھرىبانلىق،ئوچۇق چىرايلىق،ئېسىل ئەخلاقلىق بولۇش،سۆز- ھەركەتتە،ئىما-ئشارەتلەردە باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە كىلىدىغان قىلىقلارنى قىلماسلىق ھەقىقىي گۈزەل ئەخلاقتۇر.ئىنسالار ئۆز تەبىئىتىدە شۇنداق مۇلايىملىقنى ياخشى كۆرىدۇ،باغرى يۇمشاقلىققا مايىل كىلىدۇ. ئىنسالارغا تەبەسسۇملۇق، گۈزەل چىراي،ئىللىق مۇئامىلە،قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش،چىرايلىق سۆز ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىش دىللارنى ئەسىر قىلىدىغان سىھرىي كۈچتۇر. چىرايلىق مۇئامىلە ئارقىلىق سىز دىمەكچى بولغان، ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان بارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز قارشى تەرەپ تىز قوبۇل قىلىدۇ. ئىنساغا ئىسىل پەزىلەت،يۈكسەك زوق،باشقىلارغامىھرىبانلىق بىلەن ئىللىق مۇئامىلە قىلىشتەك خىسلەتلەرنىڭ بېرىلىشى ئىماننىڭ،بەخت-سئادەتنىڭ ئالامىتىدۇر.ئەخاق-پەزىلەت،مىھرىبانلىقى يوقۇرى ئىنسان ئۆزىنى بەختلىك قىلغاندىن تاشقىرى،يىراق-يقىن دوسلىرى،تۇققانلىرىنىمۇ بەختلىك قىلالايدۇ. ھايالىق بولۇش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر. دىنىمىزنىڭ تەلىماتى بولسا باشقىلارغا داۋملىق ئىللىق،مىھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئىسلام قېرىنداشلىقى،دىن رىشتىسىنى مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق ئەخلاق،مۇئامىلە ئىبادىتى بىلەن دىنى ئىبادەتلەرنىڭ چەمبەرچەس باغلىنىشىنى كۆرىمىز. ناما ئىنساننى يامان قىلىق،ناچار ئەخلاق،روھىي ئىللەتلەردىن توسىدۇ،نامازدا ئىسىل زوق،يۈكسەك ئەخلاق بولۇپ، مەسجىدگە بارغان ئادەم مۇكەممەل زىننەت كىيىملىرىنى كىيىپ بېرىشقا بۇيرۇلغان،مەسجىدگە كىرگەندە تەمكىنلىك،سەپنى رۇسلاپ ئولتۇرۇش، ئەراپتىكىلەرگە ئازار بەرمەسلىكك تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن سامساق، پىيازلارنى يەپ مەسجىدگە كىرىش چەكلىنىدۇ چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھىدى يېنىمىزدا ئولتۇرغانلار ئازار بىرىدۇ.(شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئىنسان ئىككى-ئۈچ كۈن يۇيۇنمايمەسجىدگە كىرسە تەر پۇراپ باشقىلارغا سامساق پىيازدىنمۇ بەكرەك ئازار بېرىدۇ) سادىق بەرگەندىمۇ ئاشكارا، باشقىلارغا كۆرسىتىپ بىرىش خاتا، سادىقە ئالغۇچىنىڭ روھىي كەيپىياتىغا ئازار بىرىدۇ.پەيغەمبە ئەلەيھىسسالاممۇ ئوڭ قولدا بەررگەن ساادىقىنى چەپ قولنىڭ بىلمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئىسلام دىنىمىزدا سادىقەنىڭ ئۇقۇمى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ،پۇل-مال ئارقىلىق بېرىلىدۇ. مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزنىڭ چىرايىغا قاراپ تەبەسسۇم قىلىشمۇ سادىقىدۇر.يول تاپالمىغان ئادەمگە يول كۆرسىتىش،ئېزىپ قالغانلارنى بارىدىغان يېرىگە ئاپىرىپ قويۇش،يولدىكى باشقىلارغا ئازار بىرىدىغان چالما-كىسەك،تىكنلەرنى ئېلىۋېتىشمۇ سادىقە، بەلكى ئىماندىندۇر. ۆپ كىشىلەر ياخشى ئەخلاق بىلەن ياخشى ئىبادەت، ئىسىل پەزىلەت ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى باغلىيالماي قالىدۇ. بەزى كىشىلەر نامازنى 5ۋاقىت جامائەت بىلەن ئوقۇيدۇ،لېكىن ئەخلاققا زىت قىلىقلارنى قىلىدۇ،قوشنىسىغا ئازار بېرىدۇ، ئۆي خىزمەتچىلىرىنى كەمسىتىدۇ،ئازار بىرىدۇ، باشقا مىللەتلەرنى تۆۋەن كۆرىدۇ. ئىنساننىڭ ئىبادىتى ئۇنىڭ ئەخلاقىغا تەسىر كۆرسىتەلمىسە ئىبادەتنىڭ ئىنسانغا پايدىسى بولمىغان بولىدۇ. ئىبادەت ئۇقۇمى ۋە غايىسى بولسا، دىللارنىڭ ئىختىلاپلاشماسلىقى،روھلارنىڭ بۇلغانماسلىقى،بىرلىك،سەپلەرنىڭ بۇزۇلماسلىقىنى مەخسەت قىلىدۇ. ھىكمەتلىك كىشىلەر دىگەنكى، ئىسىل پەزىلەت ئەقىل بىلەن ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ مەھسۇلى، ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكى ياكى نەسىبىنىڭ يوقۇرىلىقىنىڭ مەھسۇلى ئەمەستۇر. بارلىق پەزىلەت،ئالى جانابلىقنىڭ ئاچقۇچى ئەدەپ-ئەخلاقتۇر. مىھرىبانلىق،زوقلۇق بولۇش ئەرلەردىكى ئاجىزلىق نوقتىسى ئەمەستۇر. ھەققى ئېسىل ئادەم چىرايىنىڭ سۈيىنى ئېقىتىشتىن قېنىنى ئېقىتىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. ئاقىل كىشى ئادەملەر ئالدىدا ئەخلاقىنى ساقلايدۇ، ئەخلاققا زىت بىمەنە ھەركەتلەرنى سادىر قىلمايدۇ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلمايدۇ. ئاجزئىنسان ئۆزىنى كونتىرول قىلىشنى بىلمەيدۇ،مۇئامىلىسسى قوپال،تەبىئىتى يىرىگ بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ھېسياتىغا ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئېغزىغا كەلگەننى سۆزلەيدۇ، باشقىلار نېمىدىن ئاچچىقلانسا شۇنى قىلىدۇ، داۋاملىق باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كولايدۇ. ئىبنى قەييىم جەۋزى بۇ تۈرلۈك ئادەمنى سۈپەتلەپ:ئېغىر،وپال،ئۆزىنى نەدە قويۇشنى بىلمەيدىغان. دەپ تەسۋىرلىگەن. ئىنساننىڭ تىلى رۇسلانمىغۇچە قەلبى رۇسلانمايدۇ. ىلىنى يامانغا قويۇپ بەرگەن،باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىشقا كۆنۈپ قالغانلار قىيامەتتىكى ھېساپ كۈنىنى ئەسلىشى كېرەك.ئاللاھ ئەڭ يامان كۆرىدىغان ئىنسان ئاداۋىتى يامان ئىنساندۇر.كىمكى ئەدەپ-ئەخلاقى ناچار بولىدىكەن نەسىبى بۇزۇلىدۇ. ئالاھنىڭ نەزدىدە ئەڭ يامان ئورۇندا تۇرىدىغان ئىنسان، بۇ دۇنيادا كىشىلەر ئۇنىڭ ناچار قىلىقلىرىدىن، بىمەنە سۆزلىرىدىن قېچىپ تاشلىۋەتكەن ئىنساندۇر.ئاللا بىزلەرنى ياخشى ئەخلاقلىق، سالىھ بەندىلىرى قاتاررىدىن قىلسۇن ئامىين!..