رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەزرىتى سارەنىڭ ھاياتى

ھەزرىتى سارە ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى ئايالى بولۇپ، ئېرى بىلەن ئاللاھ يولىدا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن كۈنلەپ، ئايلاپ يوللار كەزگەن، بارغان يەرلىرىدە كاپىرلاردىن كۆرگەن ئەزىيەت ۋە مۇساپىرچىلىق، غېرىپلىقنىڭ دەردىگە سەۋر قىلغان مۇجاھىدە ئايالدۇر. ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىراقتا نەمرۇت دېگەن پادىشاھنىڭ دەۋرىدە پەيغەمبەر بولغان. نەمرۇت بولسا ئۆزىنى يەر يۈزىنىڭ خۇداسى دەپ جاكارلاپ خەلقنى ئۆزىگە چوقۇندۇراتتى. ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرغاندا، نەمرۇت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى يوقىتىش ئۈچۈن ئوتقا تاشلىدى. ئۇ ئوتتا كۆيمىگەندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئايالى سارە بىلەن ئىراقتىن ھەيدىۋەتتى. ھەزرىتى سارە ئايلارچە يول يۈرۈپ، يول بويىچە ئېرى ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەھىسسالامغا خىزمەت قىلىپ، پەلەستىن زېمىنىغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار بۇ يەردىكى كىشىلەرنى ئاللاھ تائالاغا دەۋەت قىلىپ، بىر نەچچە ۋاقىت ياشىدى. ئۇ يەردىكى ئىنسانلاردىن ھېچكىم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولمىدى. شۇنى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى سارە بىلەن مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. مىسىرنىڭ ئەينى زاماندىكى پادىشاھى پىرئەۋن كىمنىڭ چىرايلىق خوتۇنى بولسا شۇنى تارتىۋېلىپ خوتۇن قىلاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ زالىم پادىشاھنىڭ ئادەملىرى يۇرت مەھەللەلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ قەيەردە چىرايلىق ئايال كۆرسە ئۇنى پىرئەۋنگە خەۋەر قىلاتتى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مىسىرغا كېلىپ قالدى. ھەزرىتى سارە بولسا ھەقىقەتەن چىرايلىق ئايال ئىدى. بۇنى كۆرگەن غالچىلار دەرھال پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، مىسىر زېمىنىغا گۈزەللىكتە دۇنيادا مىسلى يوق بىر ئايال كەلدى، دەپ خەۋەر قىلدى. پىرئەۋن ھەزرىتى سارەنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن دەرھال ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتتى. ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام سارەنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى بولغانلىقىنى ئېيتتى. چۈنكى ئۇنى خوتۇنۇم دېسە، ئېرىنى ئۆلتۈرۈپ خوتۇنىنى ئېلىپ كېتەتتى. پادىاھنىڭ ئادەملىرى ھەزرىتى سارەنى پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ باردى. ھەزرىتى سارە تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇپ، سەجدىگە باش قويۇپ ئاللاھ تائالادىن بۇ زالىمنىڭ يامانلىقىدىن قوغدىشىنى تىلەپ: «ئەي ئاللاھىم! ئۆزەڭ بىلىسەن، مەن ساڭا ئىمان كەلتۈردۈم، پەيغەمبىرىڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم، مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ئىپپىتىمنى ساقلاپ كەلگەن پاك ئايال مەن، مېنى بۇ كاپىرنىڭ قولىغا تاشلاپ قويمىغىن.» دەپ دۇئا قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ چارىسىز، مۇمىنە، پاكدامەن ئايالنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. زالىم پادىشاھ پىرئەۋن ھەزرىتى سارەگە قولىنى ئۇزۇتىشىغا قولى قۇرۇپ ھەرىكەت قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن سارەگە: رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، قولۇمنى بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتۇرسۇن، ساڭا چېقىلمايمەن، دېدى. ھەزرىتى سارە دۇئا قىلدى. ئۇنىڭ قولى ئەسلىگە كەلدى. بۇ كاپىر يەنە نىيىتىنى بۇزۇپ، ھەزرىتى سارەگە يەنە قول سۇندى. قولى يەنە قۇرۇپ كەتتى. ئۇ يەنە سارەدىن دۇئا قىلىشىنى تىلىدى. ھەزرىتى سارەنىڭ دۇئاسى بىلەن ئۇنىڭ قولى ئەسلىگە كەلدى. ئۇ يەنە قول سۇندى، قولى يەنە قۇرۇپ كەتتى. پىرئەۋن ئەمدى قولى ئەسلىگە كەلسە ھەرگىز چېقىلمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ يۇرتتىن ساق سالامەت كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يالۋۇردى. ھەزرىتى سارە دۇئا قىلدى، ئۇنىڭ قولى ئەسلىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەملىرىنى چاقىرىپ: بۇنى ئېلىپ چىقىپ كەت، بۇ ئىنسان ئەمەسكەن، دېدى.  ئاندىن ھەزرىتى سارەگە ھاجەر ئىسىملىك بىر قىزنى خىزمەتچى قىلىپ قوشۇپ بېرىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرىدى. ھەزرتى سارە ئېرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە خىزمەتچىسى ھاجەر بىلەن مىسىردىن چىقىپ، كۈنلەر يول يۈرۈپ، تاغ داۋانلاردىن ئېشىپ پەلەستىنگە كەلدى. ئايلار، يىللار ئۆتۈپ كەتتى. ھەزرىتى سارە تۇغمىدى. يېشى چوڭۇپ تۇغۇدىغان ياشتىنمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ھەزرىتى سارە ئۆزىنىڭ تۇغماس بولغانلىقى سەۋەپلىك ئېرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بالا يۈزى كۆرەلمىگەنلىكىنى ئويلاپ، بەلكى بىر بالىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ، خىزمەتچىسى ھەزرىتى ھاجەرنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا خوتۇن قىلىپ نىكاھلاپ بەردى. كۈنلەر ئۆتۈپ ھەزرىتى ھاجەردە ھامىلىلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئاي كۈنى توشۇپ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ھەزرىتى سارەنىڭ كۈنلىكى كېلىپ، ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ھاجەرنى بالىسى بىلەن يىراقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئاللاھ تائالا ھەزرىتى سارەنىڭ ئاللاھ يولىدا تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرىنى قەدىرلەپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئايالى ھاجەر بىلەن بالىسىنى بۈگۈنكى مەككىگە ئاپىرىپ قايتىشنى ئەمرى قىلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلدى. لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت كامالىغا ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە مىھمان كەلدى. بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىرى بولغان پەرىشتىلەر بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىنسان سۈرىتىدە كەلگەن ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسلام مېھمانلارنى ھۆرمەت ئىھتىرام بىلەن ئۆيىگە باشلاپ، سېمىز بىر موزاينى كېسىپ، گۆشىنى پۇشۇرۇپ ئېلىپ كېلىپ مىھمانلارنىڭ ئالدىغا قويدى. لېكىن مىھمانلار گۆشكە قول ئۇزاتمىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسلام ئۇلارغا: ئېلىڭلار، گۆشتىن يېمەمسىلەر دېدى. ئۇلار يەنە قول ئۇزاتمىدى. ئۆيگە كىرگەن مىھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى يېمىسە، ئۇ دۈشمەنلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بولاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن قورقۇشقا باشلىدى. بۇنى بىلگەن پەرىشتىلەر: «قورقمىغىن، ئەسلىدە بىز لۇت قەۋمىگە بالا ئېلىپ كەلدۇق، لۇت قەۋمىنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئىلگىرى ساڭا بىر خۇشخەۋەرنى يەتكۈزۈپ قويماقچىمىز. سېنىڭ ئايالىڭ سارە تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىسھاق بولىدۇ. ئىسھاقنىڭ نەسلىدىن نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەر كېلىدۇ» دېدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان سارە، ھەيران بولۇپ«ۋاي ئەمدى مەن تۇغامدىمەن، مەن بىر قېرىپ كەتكەن، تۇغماس ئايال تۇرسام، ماۋۇ ئېرىم بىر بوۋاي تۇرسا، قانداق تۇغىمەن!؟» دېدى. پەرىشتىلەر: «ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ھەيران قالامسىز؟ بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىر رەھمىتىدۇر» دەپ چىقىپ كەتتى. دەرۋەق ئۇزۇن ئۆتمەي ھەزرىتى سارە ھامىلە بولدى. توققۇز ئاي، ئون كۈن توشۇپ چىرايلىق بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭغا ئىسھاق دەپ ئات قويدى. بۇندىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن كەلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ بوۋىسى بولغان بولسا، ھەزرىتى سارە پەيغەمبەرلەرنىڭ مومىسى بولدى. ھەزرىت سارەنىڭ ئاللاھ يولىدىكى خىزمەتلىرى سەۋەپلىك ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى ھىكايىسى قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىندى. ھەزرىتى سارە 127 يېشىدا پەلەستىندە ئالەمدىن ئۆتتى. ئاللاھ تائالا بۇ سەۋرلىك، مۇھاجىر، ئىپپەتلىك، مۇجاھىدە ئايالدىن رازى بولسۇن، بىزلەرنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغىلى نىسىپ قىلسۇن، ئامىين.