رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىگە يوللىغان مەكتۇبلىرى (3)

مۇنزىر ئىبنى ساۋىغا يوللىغان مەكتۇب _  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەھرەيننىڭ باش ۋالىيسى مۇنزىر ئىبنى ساۋىغا مەكتۇب يوللاپ، ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى ۋە بۇ مەكتۇبنى ئەلا ئىبنى ھەزرەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئەۋەتتى. مۇنزىر مەكتۇبنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى رەسۇلۇللاھ! مەكتۇبىڭنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بەھرەين خەلقىگە يەتكۈزدۈم، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ مۇسۇلمان بولدى. يەنە بىر قىسمىنىڭ ئىدىيىسى تېخى ھەل بولمىدى. مېنىڭ تەۋەلىكىمدە مەجۇسىي (ئاتەشپەرەس) لار ۋە يەھۇدىيلار بار. بۇلار توغرسىدا نېمە قىلىشىمنى بۇيرۇيسەن؟ دەپ جاۋابنامە يازدى. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق مەكتۇب يازدى: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن مۇنزىر ئىبنى ساۋىغا سالام! مەن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر ۋە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. سالامدىن كېيىن مەلۇم بولغايكى، مەن ساڭا ئاللاھنى ئەسلىتىمەن. كىمكى سەمىمىي - سادىق بولىدىكەن، ئۆزىگە پايدىلىق. كىمكى مېنىڭ ئەلچىلىرىمگە ئىتائەت قىلسا ۋە ئۇلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنسا، ماڭا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. ھەركىم ئۇلارغا سەمىمىي - ساداقەتلىك بولسا، ماڭا سادىق بولغان بولىدۇ. مېنىڭ ئەلچىلىرىم سېنىڭ ياخشى تەرىپىڭنى قىلىپ كەپتۇ. مەن سېنى خەلقىڭ ئۈچۈن ۋەكىل قىلدىم. مۇسۇلمان بولغانلارغا چېقىلما، مەن ئاسي گۇناھكارلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈردۈم، سەنمۇ كەچۈرگىن. سەن بىزگە سادىق بولساڭلا، سېنى ئەمىلىڭدىن بوشاتمايمىز، ئۆز دىنىدا قالغان يەھۇدىي ۋە مەجۇسىيلەردىن جىزىيە (قوغداش كاپالەت ھەققى) ئېلىنسا بولىدۇ، ۋەسسالام.   يەمامەنىڭ باش ۋالىيسى ھەۋزە ئىبنى ئەلىگە يوللىغان مەكتۇب    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەمامەنىڭ باش ۋالىيسى ھەۋزە ئىبنى ئەلىگە مۇنداق مەكتۇب يوللىدى: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن ھەۋزە ئىبنى ئەلىگە ۋە ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە سالام! سالامدىن كېيىن، شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، مېنىڭ دىنىم ئادىمىزات بار يەرنىڭ ھەممىسىگە تارقىلىدۇ. مۇسۇلمان بولساڭ ئامان بولىسەن ۋە سېنى يەنىلا ۋالىيلىق ئورنۇڭدا قالدۇرىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەكتۇبنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن سەلت ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تاللىدى. سەلت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆھۈرى بېسىلغان بۇ مەكتۇبنى ئاپىرىپ ھەۋزىگە تاپشۇرۇپ بېرىۋىدى، ھەۋزە ئۇنى قىزغىن قارشى ئېلىپ ئۆز لايىقىدا ئىززەت ئىكرام قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەكتۇبىنى ئوقۇتۇپ ئاڭلىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەكتۇبىغا جاۋاب قايتۇرۇپ: «سېنىڭ دەۋەت قىلغانلىرىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ياخشى ئىشلار ئىكەن. پۈتۈن ئەرەبلەر مەندىن تەپتارتىدۇ، شۇڭا مېنى ئىشىڭغا شېرىك قىلساڭ ساڭا ئەگىشىمەن» دەپ يازدى ھەمدە نۇرغۇن سوۋغا - سالام ۋە ھەجەردە ئىشلەنگەن رەخت بىلەن تارتۇق يوللىدى. سەلىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھېلىقى نەرسە - كېرەكلەرنى ئېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېىشغا كېلىپ ئەھۋالنى يەتكۈزۈۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ خېتىنى ئوقۇپ كۆرۈپ: «ئۇ مەندىن بىر پارچە يەر سورىسىمۇ بەرمەيمەن. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ۋە ھاكىمىيىتىمۇ ۋەيران بولىدۇ» دېدى. شۇنىڭدىن خېلى كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە پەتھىسىدىن قايتىپ كەلگەن چېغى ئىدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھەۋزەنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى يەتكۈزدى. شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يېقىندا يەمامىدە پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىدىغان بىر كەززاب مەيدانغا كېلىدۇ، ئاندىن ئۇ مەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يوقىتىلىدۇ» دېدى. بىرەيلەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنى كىم ئۆلتۈرىدۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن ۋە سېنىڭ ھەمراھلىرىڭ» دەپ جاۋاب بەردى. كېيىن راست شۇنداق بولدى دەمەشىق ۋالىيسى ھارىس ئىبنى ئەبى شىممىرگە يوللىغان مەكتۇب    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىمەشىقنىڭ ۋالىيسى ھارىسقا تۆۋەندىكى مەزمۇندا مەكتۇب يوللىدى: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن ھارىس ئىبنى ئەبى شىممىرگە:   ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارغا ۋە ئاللاھنى ئېتىراپ قىلغانلارغا سالام! سالامدىن كېيىن، مەن سېنى شېرىكى يوق، يەككە - يېگانە بىر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىمەن، شۇنداق قىلساڭ ئورنۇڭ ساقلىنىپ قالىدۇ.   ; پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەكتۇبنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئەسەد ئىبنى خۇزەيمە قەبىلىسىدىن شۇجا ئىبنى ۋەھەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تاللىدى. شۇجا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەكتۇبنى ئېلىپ بېرىپ ھارىسقا تاپشۇرۇپ بېرىۋىدى، ئۇ: «مېنىڭ ۋالىيلىقىمنى كىم تارتىۋالالايدىكەن؟ ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم لەشكەر تارتىپ بېرىپ ئۇرۇشىمەن» دېدى ۋە مۇسۇلمان بولماي قېلىۋەردى.