رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىگە يوللىغان مەكتۇبلىرى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇدەيبىيە دېگەن جايدىن قايتىپ كېلىپلا ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەرنىڭ پادىشاھ - ئەمىرلىرىگە مەكتۇب يوللاپ، ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئىشىنى باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەكتۇب يوللىماقچى بولۇۋىدى، پادىشاھ - ئەمىرلەرنىڭ مۆھۈر بېسىلمىغان مەكتۇبلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا، ئۇ كۈمۈشتىن بىر مۆھۈر ياسىتىپ، ئۇنىڭغا «محمد رسول اللە» (ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد) دېگەن خەتنى ئويدۇردى، مۆھۈرنىڭ خېتى تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئۈچ قاتار قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، «محمد» دېگەن خەت مۆھۈر يۈزىنىڭ تۆۋەن قۇرىغا، «رسول» دېگەن خەت ئوتتۇر قۇرىغا ۋە «اللە» دېگەن خەت ئەڭ يۇقىرى قۇرىغا ئويۇلغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەردىن بىلىملىك ھەم پەم - پاراسەتلىك بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تاللاپ، پادىشاھلارغا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى.
تۆۋەندە بۇ مەكتۇبلارنىڭ تولۇق تېكىستلىرىنى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى بايان قىلىمىز.

ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشىغا يولىغان مەكتۇب

نەجاشىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەسھەمە ئىبنى ئەبجەر بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھىجرىيە 7- يىلى مۇھەررەمنىڭ بېشىدا ئەمرى ئىبنى ئۇمەييەتۇززەمەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەكتۇب يوللىدى.
ئىمام بەيھەقى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ئىسھاق رەھىمەھۇللاھتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ قېتىم نەجاشىغا يوللىغان مەكتۇبىنىڭ تولۇق تېكىستىنى تۆۋەندىكىدەك نەقىل قىلدى:
بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ ھەبەشىستاننىڭ چوڭى ئەسھەمە نەجاشىغا يوللىغان مەكتۇبىدۇر. ھىدايەت يولىغا ئەگىشىپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان، ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە، ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە، شېرىكى يوق، خوتۇن ۋە بالىدىن بىھاجەت ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە سالام! مەن سېنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. مەن ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرىمەن، مۇسۇلمان بولساڭ ئامان بولىسەن. {ئى ئەھلى كىتاب! پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك ۋە ئاللاھنى قويۇپ بىر - بىرىمىزنى ئىلاھ قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى ئورتاق بىر ئەقىدىگە ئەمەل قىلايلى دېگىن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرىسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا)، بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار دەڭلار} ئالئىمران 64- ئايەت. ئەگەر بۇنىڭدىن باش تارتساڭ خەلقىڭ ئىچىدىكى بارلىق خرىستىئانلارنىڭ گۇناھى سىزگە يۈكلىنىدۇ.
ئەلچى ئەمرى ئىبنى ئۇمەييەتۇز زەمەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەجاشىغا يوللىغان مەكتۇبىنى ساق - سالامەت ئاپىرىپ تاپشۇرۇپ بېرىۋىدى، نەجاشى ئۇنى ئالىي ئېھتىرام بىلەن قولىغا ئېلىپ كۆزىگە سۈرتتى ۋە تەختىدىن چۈشۈپ ھۆرمەت بەجا كەلتۈردى. ئاندىن جەئفەر ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامگە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ خەت يازدى. ئۇنىڭ خېتىنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىدەك ئىدى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدكە ئەسھەمە نەجاشىدىن سالام! ئى رەسۇلۇللاھ، ساڭا ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكاتى بولسۇنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ-مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر. سالامدىن كېيىن، ئى رەسۇلۇللاھ، ماڭا سېنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە يوللىغان مەكتۇبىڭ تەگدى. ئاسمان - زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئىيسا سەن تەۋسىپلىگەندىن كەم - زىيادە ئەمەستۇر. ئۇ بەئەينى سەن دېگەندەك. بىز ئەۋەتكەن مەكتۇبىڭدىن ۋاقىپلاندۇق، تاغاڭنىڭ ئوغلىنى ھۆرمەتلىدۇق ۋە ئۇنىڭ ئىززىتىنى ياخشى قىلدۇق. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سەن ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرىدۇرسەن، ساڭا بەيئەت قىلدىم ۋە تاغاڭنىڭ ئوغلىغا بەيئەت قىلدىم. ئۇنىڭ ئالدىدا پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدۇم، ۋەسسالام!
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ بۇ تېكىستنى ئازراق ئۆزگىرىش بىلەن مۇنداق نەقىل قىلدى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن ھەبەشىسىتاننىڭ چوڭى نەجاشىغا: ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە سالام! سالامدىن كېيىن، مەن ئاللاھنى شۇنداق مەدھىيىلەيمەنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بارلىق كائىناتنىڭ ئىگىسىدۇر. ئەيىب - نۇقساندىن پاكتۇر، ئىنسانىيەتكە سالامەتچىلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، مۇئمىنلەرنى ئازابتىن خالاس قىلغۇچىدۇر، بىرلا ۋاقىتتا ھەممە شەيئىنى تەڭلا نازارەت قىلغۇچىدۇر ۋە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى مەريەم ئوغلى ئىيسا (ئەلەيھىسسالام) ئاللاھنىڭ روھى ۋە كەلىمە (سۆزى) سىدۇركى، ئاللاھ ئۇنى ياتلىق بولۇشتىن ۋاز كەچكەن ئىپپەتلىك، تېگى پاك مەريەمگە ئىلقا (تاشلاش) قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىيساغا ئېغىر ئاياغ بولدى. ئاللاھ ئۆز قولى بىلەن ئادەم ئاتىنى ياراتقاندەك، ئىيسانى ئۆز روھى كەلىمىسى بىلەن ياراتتى. مەن سېنى شېرىكى يوق بىر ئاللاھقا ئىشىنىشكە، ئۇنىڭ ئىتائىتىگە بىرلىككە كېلىشكە، ماڭا ئەگىشىشكە ۋە ماڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىشكە چاقىرىمەن. مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇرمەن، مەن سېنى ۋە سېنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىڭنى ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىمەن. مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم. نەسىھىتىمنى قوبۇل قىلىڭلار! ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە سالام!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەجاشىدىن جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ شۇ يەردىكى ھەمراھلىرىنى مەدىنىگە يولغا سېلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغانىدى، نەجاشى ئۇلارنى ئەمرى ئىبنى ئۇمەييەتۇز زەمەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مەخسۇس ئىككى كېمە تەييارلاپ يولغا سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا باشلاپ كەلدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەردە ئىدى. مەزكۇر نەجاشى ھىجرىيىنىڭ 9- يىلى رەجەبتە تەبۇك غازىتىدىن كېيىنلا ئالەمدىن ئۆتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ۋاپات قىلغان كۈنى ئەسھابىلەرگە ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى ۋە ئۇنىڭ غائىبانە نامىزىنى چۈشۈرگەنىدى. نەجاشى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر پادىشاھ تەخىتكە چىقىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا يەنە قايتا مەكتۇب يوللىدى.

مىسىر پادىشاھى مۇقەۋقىسقا يولىغان مەكتۇب

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مىسىر ۋە ئىسكەندەرىيە پادىشاھى مۇقەۋقىسقا (تۇلۇق ئىسىمى جەرەج ئىبنى مەتتا) غا مەكتۇب يوللىدى. مەكتۇبتا مۇنداق دېيىلگەنىدى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن قىبتىلارنىڭ كاتتىسى مۇقەۋقىسقا: ھىدايەت يولىغا ئەگەشكەنلەرگە سالام! سالامدىن كېيىن، مەن سېنى مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن، مۇسۇلمان بولغىن، ئامان بولىسەن. ئاللاھ ساڭا ئىككى ھەسسە ساۋاب ئاتا قىلىدۇ. مۇسۇلمان بولۇشتىن باش تارتساڭ بارلىق قىبتىلەرنىڭ گۇناھى ساڭا يۈكلىنىدۇ. «ئى ئەھلى كىتاب! پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك ۋە ئاللاھنى قويۇپ بىر-بىرىمىزنى ئىلاھ قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى ئورتاق بىر ئەقىدە) گە ئەمەل قىلايلى دېگىن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرىسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا)، بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار دەڭلار» ئالئىمران 64- ئايەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەكتۇبنى يەتكۈزۈشكە ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تاللىدى ۋە بۇ خەتنى ئۇنىڭدىن يولغا سالدى. ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىسىرغا بېرىپ مۇقەۋقىس بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا: «بۇ يەرلەردە سەندىن بۇرۇن ئۆزىنى ‹بۈيۈك پەرۋەردىگار› دەۋالغان (يەنى فىرئەۋىننى دېمەكچى— ت.) بىر ئادەم ئۆتكەنىدى. ئاللاھ ئۇنى ئىلگىرى ۋە كېيىنكى جىنايىتى بىلەن جازالىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى راۋا كۆرمىدى، ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالدى. شۇڭا، سەن باشقىلاردىن ئىبرەت (ئاچچىق ساۋاق) ئالغىن، باشقىلار سەندىن ئىبرەت ئالمىسۇن» دېدى. مۇقەۋقىس ئۇنىڭغا جاۋابەن: «بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىنىمىز بار، ئۇنى تاشلىيالمايمىز. بىراق ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بولسا...» دېۋىدى، بۇ چاغدا ھاتەب: «بىز سېنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىمىزكى، ئاللاھ ئۇنى قۇۋۋەتلىگۈچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق دىننى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كىشىلەرنى ئاشۇ دىنغا چاقىردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ دىنغا ھەممىدىن بەك قارشى چىققىنى قۇرەيشلەر بولدى. ئەڭ دۈشمەنلىك قىلغىنى يەھۇدىيلار ۋە ئىلمىي مۇئامىلىدە بولغىنى ناسارا (خرىستىئان) لار بولدى» دېدى. ئۇ يەنە: «مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بەرگەن بېشارىتى ئىيسا ئەلەيھىسـسالامنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بەرگەن بېشارىتىگە ئوپئوخشاشتۇر. بىزنىڭ سېنى قۇرئانغا دەۋەت قىلىشىمىز سېنىڭ ئەھلى تەۋرات (يەنى يەھۇدىيلار) نى ئىنجىلغا دەۋەت قىلغىنىڭغا ئوخشاشتۇر. ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر قايسى خەلققە ئەلچىلىككە ئەۋەتىلسە، ئۇلار شۇ پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. سەنمۇ مۇشۇ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدىكى تابىيلارنىڭ بىرى. بىز سېنى مەسىھ (ئىيسا ئەلەيھىسسالام) نىڭ دىنىدىن توسمايمىز، بەلكى ئۇنىڭ توغرا تەرىپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيمىز» دەپ سۆزىنى ئاياغلاشتۇردى. مۇقەۋقىس: «مەن بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئىشلىرىغا نەزەر سېلىپ كۆردۈم. ئۇ يامان ئىشلارغا بۇيرىماپتۇ، ياخشى ئىشلاردىن ھېچقايسىسىنى توسماپتۇ. ئۇ ئازغۇن سېھىرگەر ۋەياكى جىنكەش كاھىن ئەمەس. ئۇنىڭدا يوشۇرۇن غائىب ئىشلارنى ۋە مەخپىي - يېپىق سىرلارنى ئاللاھقا مۇناجات قىلىش بىلەن رېئال ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشتەك پەيغەمبەرگە خاس مۆجىزىلەرنى سەزدىم. مەن يەنە ياخشىراق ئويلاپ كۆرەي» دېدى - دە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خېتىنى قولىغا ئېلىپ ئىمزا قىلغاندىن كېيىن، پىل سۆڭىكىدىن ياسالغان ئېسىل بىر قاچىغا سېلىپ ئېغىزىنى ئېتىپ، يېنىدىكى بىر چۆرىگە بەردى ۋە ئەرەبچە يازالايدىغان بىر مىرزىنى چاقىرىتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامگە مۇنداق مەكتۇب يازدى:
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن قىبتىلەرنىڭ چوڭى مۇقەۋقىستىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھقا سالام! سالامدىن كېيىن مەلۇم بولغايكى، يوللىغان مەكتۇبىڭىزنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدا نېمىگە دەۋەت قىلغانلىقىڭىزدىن ۋاقىپلاندىم. مەن پەيغەمبەر كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما شامدىن چىقىدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئەلچىڭىزنى ھۆرمەتلىدىم ۋە ئۇنىڭدىن سىزگە قىبتىلەر ئىچىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە ئىككى كېنىزەك ۋە كىيىم - كېچەك ئەۋەتتىم، قوبۇل قىلغايسىز ۋە سىزگە ئاتاپ بىر قېچىر ئەۋەتتىم، ۋەسسالام.
ئۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىپادە بىلدۈرمىدى ھەم مۇسۇلمان بولغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلمىدى. ئۇنىڭ ئەۋەتكەن ئىككى كېنىزىكىنىڭ بىرى مارىيە، يەنە بىرى سىيرىن ئىدى. قېچىر بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئەتىۋارلاپ مىنگەن قېچىر شۇ بولۇپ، ھەزرىتى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىغىچە ھايات ئىدى. مارىيىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمرىگە ئېلىپ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسىلىق شەرىپىگە ئېرىشتۈردى. ئۇ ئەلەيھىسسالامگە ئىبراھىم دېگەن ئوغلىنى تۇغۇپ بەرگەن. ئەمما، سىيرىن دېگەن كېنىزەكنى ھەسسان ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بېرىۋەتكەن.