رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m011.jpg

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىشتان سېتىۋالغان. ئۇ ئىشتاننى كىيىش ئۈچۈن سېتىۋالغانلىقى ئېنىق. ھەدىس بولمىغان رىۋايەتلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشتان كىيگەنلىكى بايان قىلىنغان. ساھابىلارمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىشتان كىيىشەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۆتۈك كىيگەن ۋە تاسۇمە دەپ ئاتىلىدىغان كەش كىيگەن.

رەسۇلۇللاھ يۈزۈك كىيەتتى. يۈزۈكنى ئوڭ قولىغا كىيەتتىمۇ ياكى سول قولىغا كىيەتتىمۇ دېگەن توغرىدا ئوخشاش بولمىغان ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ ھەممىسى سەھىھتۇر.

خۇزە دەپ ئاتىلىدىغان دۇبۇلغا كىيگەن، زەردىيە دەپ ئاتىلىدىغان ساۋۇت كىيگەن. بۇلارنى ئۇھۇد غازىتىدا كىيگەنلىكى مەلۇم.

ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ھەزرىتى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا: بۇ رەسۇللاھنىڭ كىيىمى ئىدى دەپ، كىسرا ئەۋەتكەن بىر يېشىل يەكتەكنى چىقاردى، ئۇنىڭ كەنارى يىپەكتىن كەشتىلەنگەن ئىدى. ئەسما مۇنداق دەيدۇ: بۇ يەكتەك ئائىشىنىڭ يېنىدا بولۇپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلىغان ئىدى. ئائىشە ۋاپات بولغاندا ئۇنى مەن تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى كىيەتتى. بىز ئۇنى يۇيۇپ كېسەللەرگە ئۈچۈرەتتۇق، كېسەل ساقىياتتى.[1]

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى دانە يېشىل تونى، بىر دانە قارا كۆينىكى، بىر دانە قىزىل كۆينىكى ۋە بىر دانە يۈڭ كۆينىكى بار ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆينىكى ئادەتتە پاختىدىن بولۇپ، قىسقا كۆينەك كىيەتتى، كۆينىكىنىڭ يېڭىمۇ قىسقا بولاتتى. بۈگۈنكىدەك ئۇزۇن ۋە كەڭ كىيىملەرنى نە رەسۇلۇللاھ، نە ساھابىلاردىن ھېچكىم كىيگەن ئەمەس. بۇنداق كىيىم كىيىش سۈننەتكە خىلاپ. ئۇنىڭ جائىزلىقىدا ئىختىلاپ بار، ئۇ تەكەببۇرلۇقنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.

رەسۇلۇللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىيىم كۆينەك ۋە قىزىل ئارىلاشتۇرۇلغان تون ئىدى.

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەڭ ئاق ئىدى ۋە مۇنداق دەيتتى: "ئاق ئەڭ ياخشى كىيىمىڭلاردۇر، ئۇنى كىيىڭلار ۋە ئۆلۈكلىرىڭلارنى ئۇنىڭ بىلەن كىپەنلەڭلار"[2]

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ياماق سېلىنغان بىر كۆينەك ۋە قېلىن يىپتىن توقۇلغان بىر ئىشتاننى چىقىرىپ، "رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشۇ ئىككى كىيىم ئىچىدە قەبزى رۇھ قىلىنغان" دېگەن[3]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالتۇن يۈزۈك كىيگەندىن كېيىن ئۇنى چىقىرىپ تاشلىغان.[4] ئالتۇن يۈزۈك كىيىشتىن توستى.[5] ئۇنىڭدىن كېيىن كۈمۈش يۈزۈكى كىيدى[6] ۋە كۈمۈش يۈزۈك كىيىشنى مەنئى قىلمىدى.

ئەمما ئەبۇ داۋۇدنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنۇ نەرسىلەردىن توسقان، دەپ ئۇنىڭ ئىچىدە سۇلتانلاردىن باشقىلارنىڭ يۈزۈك كىيىشىنى توسقان[7] دەيدۇ. بۇ ھەقتە كەلگەن بىر ھەدىس ياكى تەلىمات بىلمەيمەن. ئەڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ.

رەسۇلۇللاھ يۈزۈكنىڭ كۆزىنى ئالقىنى تەرەپكە قىلاتتى. ئىمام تىرمىزى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خالاجايغا كىرگەندە يۈزۈكىنى چىقىراتتى[8] بۇنى تىرمىزى سەھىھ دېگەن، ئەبۇ داۋۇد مۇنكەر دېگەن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەيلەسان[9] كىيگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان ئەمەس، شۇنىڭدەك ساھابىلىرىنىڭمۇ تەيلەسان كىيگەنلىكى سابىت ئەمەس. سەھىھ مۇسلىمدا ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەججال ھەققىدە سۆز قىلغاندا: "دەججال بىلەن ئىسپىھان يەھۇدىلىرىدىن 70 مىڭ كىشى بىللە چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تەيلەسان بولىدۇ" دېگەن.[10]

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەيلەسان كىيىۋالغان بىر جامائەتنى كۆرۈپ: "بۇلار خەيبەر يەھۇدىلىرىغا نېمىدېگەن ئوخشاپ كەتكەن" دېگەن. شۇ سەۋەپتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى[11] ئۆلىمالار ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: "كىشى قايسى قەۋمگە ئوخشىۋالسا، شۇلاردىن بولىدۇ"[12] دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىغا بىنائەن، تەيلەسان كىيىشنى مەكرۇھ كۆرگەن.

تىرمىزىدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: "بىزدىن باشقا بىرەر قەۋمگە ئوخشىۋالغانلار بىزدىن ئەمەس"[13] دېگەن.

ئەمما ھىجرەت ھەققىدە كەلگەن ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۆيىگە چۈش ۋاقتىدا نىقاپلىنىپ كەلگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ بۇ ئىشنى ئۆزىنى مەخپى تۇتۇش ئۈچۈن ئىھتىياج سەۋەبى بىلەن قىلغان. بولمىسا نىقابلىنىش رەسۇلۇللاھنىڭ ئادىتى ئەمەس ئىدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ نىقابلىنىشنى كۆپ قىلاتتى،[14] دەيدۇ. ئىسسىقتىن ساقلىنىش ۋە باشقا ئىھتىياجلار ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ نىقاب تەيلەسە ئەمەس.

* * *

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلىرىنىڭ ئاساسلىق كىيىدىغىنى پاختا رەختىن تىكىلگەن كىيىملەر ئىدى. بەزىدە يۈڭ ۋە كاناپ رەختىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيەتتى. ئىمام ئەبۇ ئىسھاق ئىسپىھانىينىڭ سەھىھ ئىسناد بىلەن قىلغان رىۋايىتىدە جابىر ئىبنى ئەييۇب مۇنداق دەيدۇ: سەلت ئىبنى راشىد مۇھەممەد ئىبنى سىرىننىڭ يېنىغا كىرگەندە، ئۈستىدە يۈڭ كۆينەك، يۈڭ ئىشتان ۋە يۈڭ سەللە بار ئىكەن. بۇ ئەھۋالنى ياقتۇرمىغان مۇھەممەد ئىبنى سىرىن: "بەزىلەر يۈڭ كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ، ئېيسا ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق كىيگەن دېيىشىدۇ، مەن راسچىل بىر كىشىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۈڭ، پاختا ۋە كاناپ كىيىملەرنى كىيىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ھەممىدىن ئەۋلا" دېگەن.

مۇھەممەد ئىبنى سىرىننىڭ دېمەكچى بولغىنى: بەزىلەر دائىم يۈڭ كىيىم كىيىش باشقىسىنى كىيگەندىن ئەۋزەل دەپ قاراپ، ھەمىشە يۈڭ كىيىم كىيىشكە، باشقا كىيىم كىيمەسلىككە، بىرخىل كىيىم كىيىشكە، كىيىمنىڭ شەكلىنى، تەرزىنى پوسۇنىنى ئوخشاش قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كىيىم كىيىشنى مۇنكەر (گۇناھ) ھېساپلايدۇ. ئەسلىدە مۇنكەر ئاشۇ بىرخىل كىيىمگە ئېسىلىۋىلىش، داۋاملىق شۇنىلا كىيىش ۋە باشقا كىيىم كىيمەسلىكتۇر.

توغرىسى: ئەڭ ياخشى يول رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۇتۇپ ماڭغان، بۇيرۇغان، تەرغىب قىلغان ۋە ئۆزى داۋاملاشتۇرغان يولدۇر. ئۇ بولسىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىم كىيىشتىكى ھەدىيىسى: بەزىدە يۈڭ، بەزىدە پاختا، بەزىدە كاناپ نېمىگە شارائىتى بولسا شۇنى كىيىشتۇر.

رەسۇلۇللاھ كۆپۈنچە يەمەندىن كەلگەن كىيىملەرنى كىيەتتى: يېشىل يەكتەك، تون، چاپان، كۆينەك، ئىشتان ئىزار، رىدا، ئۆتۈك، كەش كىيەتتى. سەللە كىيگەندە بەزىدە ئۇچچىنى ئىككى تاغىقى ئارىسىغا ساڭگىلىتىپ قوياتتى، بەزىدە ئۇنداق قىلمايتتى. بەزىدە سەللىسىنىڭ بىر ئۇچچى بىلەن زاڭىقىنىڭ ئاستىدىن يۆگەيتتى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېڭى كىيىم كىيسە، ئۇ كىيىمنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ مۇندا دۇئا قىلاتتى: "ئى ئاللاھىم! بۇ كۆينەكنى ياكى بۇ توننى ياكى بۇ سەللىنى سەن ماڭا كىيگۈزدۈڭ، مەن سەندىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن"[15]

رەسۇلۇللاھ كىيىم كىيسە ئوڭدىن باشلايتتى.[16] قارا يۈڭ كىيىم كىيگەن. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: "بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سىرتقا چىقتى، ئۈستىدە قارا يۈڭدىن ناھايىتى پۇختا توقۇلغان تون بار ئىدى."[17]

سەھىھەيندە ھەزرىتى قەتادە مۇنداق دەيدۇ: بىز ئەنەستىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىيىم قايسى؟ دەپ سورىۋىدۇق، ئۇ: "ھىبەرە" دېدى.[18]

ھىبەرە: يەمەندىن كەلگەن تونلاردىن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇمەن كىيىدىغان كىيىمى يەمەندە ئىشلەنگەن كىيىم بولاتتى. چۈنكى مەككە – مەدىنىگە ئەڭ يېقىن يەر يەمەن ئىدى. ئاندا – ساندا شام ۋە مىسىردىن كەلگەن قىبتىلارنىڭ كاناپتىن توقۇغان رەختىن تىكىلگەن كىيىملەرنىمۇ كىيەتتى.

"سۈنەنى نەسائى"دە كېلىشىچە، ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەھىسسالامغا يۈڭ رەختىن بىر چاپان تىكىپ بەرگەن. رەسۇلۇللاھ ئۇنى كىيگەن، تەرلىگەندە يۈڭنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ئۇنى سېلىپ تاشلىغان. چۈنكى رەسۇلۇللاھ خۇشپۇراقنى ياخشى كۆرەتتى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: "مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئەڭ چىرايلىق ھۇللە ئىچىدە كۆردۈم."[19]

ھەزرىتى ئەبۇ رىمئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا كۆردۈم، ئۈستىدە يېشىل تون، يېشىل ئىشتان بار ئىدى."[20]

يېشىل تون: يەنى يېشىل يىپ ئارىلاشتۇرۇپ توقۇلغان رەختىن تىكىلگەن بولۇپ، قىزىل تون، قارا تون دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىزىل يىپ ئارىلاشقان، قارا يىپ ئارىلاشقان رەخنى مەقسەد قىلىدۇ. قىزىل تون دېگەننى خالىس قىزىل ئىدى دەپ چۈشەنگەن كىشى، يېشىلنىمۇ خالىس يېشىل دېيىشى لازىم بولىدۇ. لېكىن ھېچكىم ئۇنداق دېگىنى يوق.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياستۇقى تىرە بولۇپ، ئىچى خورمىنىڭ پوستى بىلەن تولدۇرۇلغان.[21] زاھىدلىق قىلىمەن ۋە بەك ئىبادەت قىلىمەن دەپ، ئاللاھ تائالا مۇباھ قىلىپ بەرگەن كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەكنى تەرك ئەتكەنلەر، ئۇلارنىڭ ئەكسىچە ئەڭ ئالى كىيىملەرنى كىيىدىغان، ئەڭ ياخشى تائاملارنى يەيدىغان، تەكەببۇرلۇق ۋە گەردەنكەشلىك قىلىپ ئاددىراق كىيىمنى كىيمەيدىغان ۋە قاتتىق ـ قۇرۇق تائامنى ياراتمايدىغانلار، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ قىلغان ئىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيىسىگە خىلاپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇنقى ئالىملار كىيىمدە ئەڭ ئالىي ۋە ئەڭ ناچاردىن ئىبارەت ئىككىخىل شۆھرەتنى يامان كۆرەتتى.[22]

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "شۆھرەت كىيىمى كىيگەن كىشىگە ئاللاھ قىيامەت كۈنى خارلىق كىيىمى كىيگۈزىدۇ، ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلايدۇ."[23] چۈنكى ئۇ كىيىمى بىلەن پەخرىلىنىش ۋە تەكەببۇرلۇقنى مەقسەد قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنى مەقسىدىنىڭ ئەكسى بىلەن جازالاپ خار قىلىدۇ. خۇددى تەكەببۇرلۇقتىن كىيىمىنى ئۇزۇن كىيگەن قارۇننى يەرگە يۇتقۇزۇۋەتكەندەك، ئۇ قىيامەتكىچە يەرنىڭ ئاستىغا پاتىدۇ.[24] ئابدۇللار ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: "كىمكى تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىيىمىنى سۆرەپ كىيىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭغا قارىمايدۇ."[25] دېگەن.

يەنە ئابدۇللار ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: " ئىشتاننى، كۆينەكنى ۋە سەللىنى ئۇزۇن قىلىش، كىمكى تەكەببۇرلۇق قىلىپ بۇلاردىن بىرىنى سۆرەپ يۈرسە، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭغا قارىمايدۇ."[26]

يەنە ئابدۇللار ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىشتان ھەققىدە دېگەن سۆزى كۆينەكنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ.[27] ناچار كىيىم كىيىش ھەم ئەيىبلىنىدۇ، ھەم مەدھىيىلىنىدۇ: ناچار كىيىمى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا تونۇلۇپ مەشھۇر بولۇشنى مەقسەد قىلسا ئەيىبلىنىدۇ. ناچار كىيىمى بىلەن كەمتەرلىكنى ۋە ئاددى يۈرۈشنى مەقسەد قىلسا مەدھىيىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئالىي كىيىم كىيىشمۇ ھەم ئەيىبلىنىدۇ؛ ھەم مەدھىيىلىنىدۇ: ئالىي كىيىنىش ئارقىلىق پەخرىلىنىشنى، تەكەببۇرلۇقنى، باشقىلارنى ئالاھىدە بولۇشنى مەقسەد قىلسا ئەيىبلىنىدۇ. ئەگەر ئالىي كىيىنىشتىن ئاللاھ تائالانىڭ نېمىتىنى ئىزھار قىلىش ۋە چىرايلىق بولۇشنى مقسەد قىلسا مەدھىيىلىنىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: "قەلبىدە بىر تال قىچىنىڭ مىقتارىچىلىك كىبىر بار ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ. قەلبىدە بىر تال قىچىنىڭ مىقتارىچىلىك ئىمانى بار ئادەم دوزاخقا كىرمەيدۇ." بىر كىشى: "يا رەسۇلەللاھ! مەن كىيىمىمنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى ۋە كەشىمنىڭ چىرايلىق بولۇشۇنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ كىبىردىنمۇ؟" دېدى. رەسۇلۇللاھ: "ياق، ئاللاھ چىرايلىق، چىرايلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. كىبىر دېگەن ھەقكە تېنىش ۋە كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى بىلمەسلىكتۇر" دېدى.[28]

[1] سەھىھ مۇسلىم: 2069- ھەدىس.

[2] بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە تىرمىزى ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان. ئىمام تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىنى ئەلبانى سەھىھ دەپ باھا بەرگەن.

[3] سەھىھ بۇخارى: 3108- ھەدىس. سەھىھ مۇسلىم: 2080- ھەدىس.

[4] سەھىھ بۇخارىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: "رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالتۇن يۈزۈك كىيگەن ئىدى، كېيىن ئۇنى چىقىرىپ تاشلاپ "ئىككىنچى بۇنى كىيمەيمەن" دېدى، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىنسانلار ئالتۇن يۈزۈكلىرىنى چىقىرىپ تاشلىدى."

[5] سەھىھ بۇخارى: 5863 ۋە 5864- ھەدىس.

[6] سەھىھ بۇخارى: 5865- ھەدىس.

[7] ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقىلار زەئىف ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان ھەدىس. ئەلبانى بۇ ھەدىس زەئىف دېگەن.

[8] بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسائى ۋە ئىبنى ماجە ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى مۇنكەر دەپ باھالىغان.

[9] تەيلەسان: ئەرەبچە سۆز ئەمەس. ئۇ دولىغا ئارتىپ قويسا بەدەننى ئوراپ تۇرىدىغان، تىكىلمىگەن كىيىم.

[10] مۇسلىم: 2944- ھەدىس.

[11] بۇرۇنقى (سەلەف) ئۆلىمالار: ھىجرىنىڭ ئۈچۈنچى ئەسرىنىڭ ئاخىرىغىچە كەلگەن ئالىملار، كېيىنكى (خەلەف) ئۆلىمالار: ھىجرىنىڭ ئۈچۈنكى ئەسرىدىن كېيىن كەلگەن ئالىملار دېگەن بولىدۇ. [ت]

[12] ئەبۇ داۋۇد "سۈنەن"دە ۋە ھاكىم "مۇستەدرەك"تە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.

[13] تىرمىزى: 2704- ھەدىس، ئەلبانى ھەسەن دەپ باھا بەرگەن.

[14] ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ۋە ئەلبانى سەھىھ دەپ باھا بەرگەن.

[15] ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان، ئەلبانى سەھىھ دەپ باھا بەرگەن.

[16] ئىمام ئەبۇ داۋۇد، ھەزرىتى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېيىش، ئىچىش ۋە كىيىش ئۈچۈن ئوڭ قولىنى ئىشلىتەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا سول قولىنى ئىشلىتەتتى." ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ باھا بەرگەن.

[17] سەھىھ مۇسلىم: 2081- ھەدىس.

[18] ھىبەرە: كاناپ ياكى پاختا رەختىن تىكىلگەن زىننەتلىك كىيىم. "تەھبىر" زىننەتلەش، چىرايلىق قىلىش دېگەن بولىدۇ. بۇ ھەدىس سەھىھ مۇسلىم ۋە سەھىھ بۇخارىدا كەلگەن.

[19] سۈنەنى ئەبى داۋۇد: 4037- ھەدىس. ئەلبانى سەھىھ دەپ باھا بەرگەن.

[20] سۈنەنى نەسائى: ئەلبانى سەھىھ دەپ باھا بەرگەن ھەدىس.

[21] سەھىھ بۇخارى: 4913- ھەدىس.

[22] بەك ناچار، يىرتۇق كىيىملەرنى كىيىش ئىنساننىڭ باشقىلار ئالدىدىكى قەدرىنى چۈشۈرىدىغان بولۇپ، مۇسۇلمانغا – بولۇپمۇ كاپىرلار ئارىلاش ياشايدىغان مۇھىتتىكى مۇسۇلمانغا ھەرگىز لايىق ئەمەس. مۇسۇلمان دېگەن قەدرى ـ قىممىتى يۇقىرى، ئاللاھ ئەزىز قىلغان بەندە. ئۆزىنى كىشلەرنىڭ ئالدىدا خار قىلىشى توغرا ئەمەس. بەك ئالىي كىيىم كىيىشمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ئالىي كىيىم كىيىش بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ نەپسىدە تەكەببۇرلۇق پەيدا قىلىپ، ئۆزىدىن تۆۋەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ياراتمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئىككىنچىدىن ئۇنىڭدەك كىيەلمىگەنلەرنىڭ قەلبىدە بىر خىل ھەسەت ۋە دۈشمەنلىك پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى كىشىلەر يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ۋە تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر دەپ ئايرىمچىلىق، بىر ـ بىرىگە قارىتا ئۆچمەنلىك پەيدا بولىدۇ. [ت]

[23] ئىمام ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان، ئەلبانى ھەسەن دەپ باھا بەرگەن.

[24] سەھىھ بۇخارى: 5789- ھەدىس.

[25] سەھىھ بۇخارى: 5791- ھەدىس. سەھىھ مۇسلىم: 2087- ھەدىس.

[26] ئىمام ئەبۇ داۋۇد، نەسائى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان، ئەلبانى سەھىھ دەپ باھا بەرگەن.

[27] ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان، ئەلبانى سەھىھ دەپ باھا بەرگەن.

[28] سەھىھ مۇسلىم: 91- ھەدىس.