رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى ۋە روزىدار كىشىدە بولۇشقا تىگىشلىك ئەخلاق

ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ھەرقانداق ئەمەل- ئىبادەت دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان  بىرە ھېكمەتتىن خالى ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ تائالا بارىلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا نېمىنىڭ پايدىلىق ۋە نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلگۈچى زاتتۇر، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا ئاخىرەتلىك بەخت- سائادىتى ئۈچۈن چۈشۈرگەن مۇقەددەس كىتابدۇر، ئۇنداقتا ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتۇشقا بۇيرىشىدا قانداق پايدا ھېكمەتلەر بار؟ ئۇنىڭ ھېكمىتى تۆۋەندىكىچە:  بىرىنچى قىلىپ تەقۋالىق روھىنى يېتىلدۈرۈش، چۈنكى تەقۋالىق ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئاساسى. ئۇنداقتا تەقۋالىق دېگەن نېمە؟ قانداق بولغاندا تەقۋالىقنى يېتىلدۈرگەن بولىمىز؟ تەقۋالىق دېگەن سۆزنىڭ لوغەتتىكى مەنىسى ئاللاھ تائالادىن قورقۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما شەرىئەت ئاتالغۇسىدا ئاللاھ تائالا بۇيرىغان پەرىز ۋە ۋاجىپلارنى ئۇرۇنداپ ھارام قىلىغان ئىشلاردىن ساقلانغاننىڭ سىرتىدا، سۈننەتكە چاغلىق ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىپ مەكروھ ۋە گۇناھقا ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالى بولغان  مۇباھ ئىشلاردىنمۇ ئۆزىنى يىراق تۇتۇش دېگەنلىكتۇر.  ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ھەرقانداق ئىبادەتنى بەجا كەلتۈرۈش تەقۋالىق قىلغانلىق بولىدۇ، بىراق روزا تۇتۇش ئىبادىتىدە باشقا ئىبادەتلەردە يېتىلمەيدىغان تەقۋالىق روھى يېتىلدو، چۈنكى بۇ ئىبادەتتە ھەركۈنى يەپ-ئىچىپ  ئادەتلەنگەن ھالال يەمەك-ئىچمەكتىن ۋە نىكاھلاپ ئالغان ھالال جۈپتى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن چەكلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ پايدىلىق ھالال نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشدىن ئۆزىنى ساقلىيالىغان كىشى ئەلبەتتە زىيانلىق بولغان گۇناھ ئىشلاردىن چەكلىنەلەيدۇ، ئاللاھ تائالا رامىزان ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرىز قىلىپ جاكارلىغان ئايەتتە روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى تەقۋالىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: « ئې مۆمىنلەر!(گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىنىپ) - تەقۋالىق مەرتىۋىسىگە يېتىشىڭلار ئۈچۈن- سىلەردىن ئىلگىركىلەرگە روزا پەرىز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ ( رامىزان) روزىسى پەرىز قىلىندى»بەقەر سۈرىسى 183- ئايەت.  ئىكىنچى گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش. گۈزەل ئەخلاق دىننىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بەلكى دىننىڭ جەۋھىرى دىيىشكە بولىدۇ، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىسدە: ( مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن ئىبەرتىلدىم ) دېگەن. ئاللاھ تائالا پەرىز قىلغان ھەرقانداق ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن ئورۇندىغان چېغىمىزدا، ھەرخىل گۈزەل ئەخلاقلار بىزدە يېتىلىدۇ، ئەمما رامىزان ئايدا روزا تۇتۇش ئارقىلىق يېتىلىدىغان گۈزەل ئەخلاق باشقا ئىبادەتلەردە يېتىلىدىغان ئەخلاقتىن ئالاھىدە زور بولىدۇ، چۈنكى ئەخلاقنىڭ بېشىدا سەۋرچانلىق كېلىدۇ،  سەۋرچانلىق روزا تۇتۇش ئىبادىتىدە بىرىنچى بۇلۇپ يېتىلىدىغان ئەخلاقتۇر، روزا تۇتقان كىشىنىڭ قورساقلىرى ئېچىپ كەتكەن، ئۇسساپ ئېغىزلىرى قۇرۇپ كەتكەن ۋاقىتلىرىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلىپ سەبىر قىلىدۇ ۋە كۆز ئالدىدىكى يەمەك ئىچمەككە قول ئۇزارتمايدۇ. بىر ئادەمدە سەۋرچانلىق  ئەخلاقى يېتىلسە، ئاللاھ بۇيرىغان ئەمەللەرنى قىلىشتا ۋە توسقان ئىشلاردىن يېنىشتا چىداملىق بولىدۇ، ھەق يولىدا ئەزىيەت چەكسە سەۋرسىزلىك قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ دىنى قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن ئازراق خاتالىقنى كۆرسە ئالدىراپ چېچىلمايدۇ، ئېغىزىنى ھەرخىل تىل دەشنام ۋە غەيۋەت شىكايەتلەرگە قۇياپ بەرمەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئىنسان پىسخىكىسىدىكى چىدامسىزلىق روھىنى تۈگىتىپ سەۋرچانلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تەربىيە خاراكتېرلىق بۇ  بىر ئايلىق ئىبادەتنى پەرىز قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىجتىمائىي ئەخلاقنى بۇزۇپ تاشلايدىغان يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك، غەيۋەت، ۋە ئۇرۇش-جېدەل  قاتارلىق ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىنىش ھەققىدە روزا تۇتقان كىشىگە تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن: (  بىر كىشى يالغان گەپ-سۆز ۋە ساختا قىلمىشلاردىن قول ئۈزمىسە ئۇ كىشىنىڭ روزا تۇتتۇم دەپ ئاچ ۋە ئۇسسۇز يۈرگىنىگە ئاللاھنىڭ ھاجىتى يوق) يەنى ئاللاھ ئۇنداق كىشىگە روزا تۇتقاننىڭ ساۋابنى بەرمەيدۇ. بۇخارى رىۋايىتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە  روزا تۇتۇش ھېكمىتىگە زىت كىلىدىغان  ناچار ئەخلاقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ( سىلەرنىڭ بىرىڭلار  روزا تۇتقان ۋاقتىدا سەت سۆزلەرنى قىلمىسۇن، ۋارقىراشمىسۇن، ئەگەر بىرسى تىللىسا ياكى ئۇرۇشماقچى بولسا، مەن روزىدار دېسۇن) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. يۇقىرىقى ھەدىسلاردىن روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئەخلاقلارنى يېىتىلدۈرگۈچى ۋە غەيۋەت- شىكايەت، يالغان گەپ-سۆز، ۋە باشقا يامان ئەخلاقلاردىن پاكىزلىغۇچى ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.