رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رامىزان ئېيى تېخىمۇ ھىممەت قىلىش ئېيىدۇر

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى باشلايمەن ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئالاغا ھەمدۇ سانا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن. ھەرقاداق بىر كىشى رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولسا، رامزاننىڭ ئىنسانلار قەلبىگە تەسىر قىلىدىغان سىھرىي كۈچىدىن ئەجەپلىدۇ. چۈكى رامزاندا ئىنسانلارنىڭ ناھايىتى ھىممەتلىك، تائەتكار، ۋاقىتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەل ۋە ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدۇ. راىزان كېلىشتىن بۇرۇن ئىنسانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنى تۈردىكى ئىنسانلار، دۇنيانىڭ ھاۋايى ھەۋەس لەززەتلىنىش بىلەن غەرق بولغان، گۇناھكار، تائەت ئىبادەتتىن يىراق ۋە سالىھ ئەمەللەر ئۈچۈنمۇ ھىممەتسىز، كېچە كۈندۈز دۇنيالىق بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئىماننىڭ لەززەت ۋە ھالاۋەتلىرىدىن، قەلب ھۇزۇرى ۋە سۇكۇنەتتىن مەھرۇم ئىنسانلاردۇر. ;ئەمما ئىككىنچى تۈرلۈك ئىنسانلار بولسا، يۈكسەك ھىممەت ئىگىسى، ئاللاھ قەلىبلىرىگە نۇر ۋە ھىدايەت بەخش قىلغان، تائەت ئىبادەتتە ناھايىتى تىرىشچان، ۋاقىتلىرىنى داۋاملىق ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزىدىغان، كۈندىن كۈنگە ئىمانى كۈچىيىپ تورىدىغان، ئىماننىڭ لەززىتىنى ھەقىقى تېتىيالايدىغان، ئاللاھ مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە پاك رىزق ئاتا قىلغان كىشىلەردۇر. لكىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيى بولغان رامىزان ئۆزىنىڭ بەركەتلىرى بىلەن يېتىپ كېلىپ، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىپ، شەيتانلار باغلىنىپ، ئىنسانلارغا ھىيلە ۋە دۈشمەنلىك قىلىش كۈچى ئاجىزلىغان ھامان، غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقان، گۇناھ مەئىيسەت ئىگىلىرى ئۇيقۇسىدىن دەرھال ئويغىنىپ ئاللاھغا يۈزلىنىپ تەۋبە قىلىشقا ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلر غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ھەممىسى ئۆرلەپ ناماز ئۇقۇش ئۈچۈن مەسچىتلەرگە يۈزلىنىدۇ. رامزاندا مەسچىتلەر توشۇپ كىتىدۇ، ھەممە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش زىكرى تەسبىھ ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ناھايىتى قىزغىن ۋە خوشاللىق ئىچىدە مەسچىتلەردە تەراۋىھ نامىزى ئۇقۇش ئارقىلىق غەپلەت غۇبارلىرىدىن پاكلىنىدۇ. ئۇارنىڭ رامىزاندىكى روزا تۇتۇشلىرى، تەراۋىھ ۋە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشلىرى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشلىرى، سەدىقە ئېھسان، سىلە رەھىم قىلىشلىرى، ياخشى ئىشلارغا ئالدىراشلىرىنى كۆرگەن كىشى ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى رامزاننىڭ سىرلىق كۈچىنى كۆرۈپ ئەجەپلەنمەي قالمايدۇ ۋە ئۇلار ئۈچۈن رامزاننىڭ ھىممەت ئېيى ئىكەنلىكىنى بىلپ يېتەلەيدۇ. رازاندىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئالى ھىممەت ئىگىسى بولغان بىر تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار رامىزان كەلگەن ھامان ھەممىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۈتۈرۈلۈپ، تائەت ئىبادەتتە بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۇرۇن قۇرئاننى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تامام قىلغان بولسا، رامزاندا ھەر ئىككى كۈندە ياكى ھەر كۈندە بىر قېتىم تامام قىلىدۇ. ئىمامى شاڧىئى رەھىمەھۇللانىڭمۇ رامىزان ئېيىدا قۇرئاننى ھەر كۈنى ئىككى قېتىم يەنى بىر ئاي رامزاندا 60 قېتىم تامام قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ ئايدا مۆمىنلەرنىڭ ھالى نېمە دېگەن ئەجەبلىنەرلىك ھە؟؟؟ بۇ ئايدا مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆرلەيدۇ، ئاسمانغا ھەتتا ئەرشىگە قەدەر يىتىدۇ، ئەرشىنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەيدۇ. بەزى مۆمىنلەر ھەر كېچىنى ناماز ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزسە بەزى مۆمىنلەر رامزاننىڭ ئاخىرقى 10 كۆنىنى قولدىن بەرمەي پۈتۈن كېچىلىرىنى تەھەججۇد ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. رامزاندا باشقا ۋاقىتلاردا پەرز نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇيالماي قالسا پەرۋا قىلمايدىغان ئىنسانلارمۇ رامزاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىدە تەھەججۇدتىن قېلىپ قالسا قەلبى ناھايىتى ئازاب چېكىدۇ ھەتتا يىغلاپ كىتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشقان ۋە ھەقىقى ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىىغانلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپتىن، بۇنىڭدىن كىيىن مۇنداق لەززەتنى ئىككىنچى قېتىم تېتىيالماسلىقتىن ئەنسىرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاھ بۈگۈن كېچە شىبرى قەدىر ئۆتۈپ كەتكەندىمۇ؟ ئاھ بۇ ئۇلۇغ كېچىنىڭ پەزىلىتىدىن مەھرۇم قالغاندىمەنمۇ دەپ تېخىمۇ ئازاب چېكىدۇ. دېمەك سالىھ كىشىلەر رامىزان ئېيىنى ئاخىرەتلىك ئۈچۈن زادى راھىلە تەييارلايدىغان ئەڭ قىممەتلىك ۋاقىت دەپ بىلىدۇ. داۋامى بار. تەييارلىۇچى ئابدۇلئەھەد ئۇجات._atrk_opts = { atrk_acct: "6nL7g1a0Or00og", domain:"mercyprophet.org"}; atrk ();<img src="https://d5nxst8fruw4z.cloudfront.net/atrk.gif?account=6nL7g1a0Or00og" style="display:none" height="1" width="1" alt="" />