رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا رامىزان

مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالغان ئىككى ھەرەم سەئۇدى ئەرەبىستاندا بولغانلىقى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى رامىزاننىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى باشقا ئەللەردە تېپىلمايدىغان خاس روھىي ھاۋاسى بار.سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى خەلقلەر رامىزان ئېيىنى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىسپاتلاش قاتارلىق ئىشلاردا سەئۇدى ئەرەبىستان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان خەۋەرگە تايىنىدۇ. تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ خەۋەرنى شەرىئەت ئورگانلىرىدىن ۋە ئاينى كۆزىتىشكە تەكلىپ قىلىنغان ئاسترونومىيە ھەيئەتلىرىدىن ئېلىپ تارقىتىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدىكى بىر قانچە دۆلەتلەرمۇ بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەگىشىدۇ.رامىزا ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىنىشى بىلەن تەڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى خەلقلەر شادلىققا چۆمىدۇ ۋە ئۇلار بىر - بىرىنى"رامىزان ئېيىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، ئاللاھ تائالا ھەمىمىزنى بۇ ئايدا كۈندىزىنى روزا، كېچىسىنى ناماز ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر قىلسۇن" دېگەنگە ئوخشاش تەبرىك سۆزلىرى بىلەن تەبرىكلىشىدۇ.ھۆ خورما، سۇ، سۈت - قېتىقلار بىلەن ئېغىز ئېچىش سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان. ناماز شامنىڭ ئەزىنى ئاخىرلىشىپ ئازغىنە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مۇئەززىننىڭ تەكبىر ئېيتىشى بىلەن ھەممەيلەن يېيىشنى توختىتىپ، ناماز ئوقۇشقا كىرىشىدۇ.ئاساسلق ئىپتار تائاملىرى ناماز شام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېيىلىدۇ. ئىپتار داستىخانلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تۈرلۈك تائاملار بېزىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندا فۇل - دادۇر، پۇرچاقلار بىلەن ئېتىلىدىغان ئېدام - ئىپتار داستىخانلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان تائام ھېسابلىنىدۇ.خۇپەن ۋە تەراۋىھ نامازلىرى باشلىنىشنىڭ ئالدىدا خەلقلەر قەھۋە ۋە قىزىل جاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرى خۇشپۇراق چىقىرىدىغان مىبخەرىنى ئايلاندۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئۆيگە مېھمان كەلگەندە بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.بەزى ئائىلىلەرنىڭ رامىزان كۈنلىرىدىن ھەر بىر كۈننى ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىشقا تەيىن قىلىش ئادەتلىرى بار بولۇپ، زىيارەت ئائىلە ئەزالىرىنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن باشلىنىدۇ.ئىپتا تائامىدىن كېيىن ئەر – ئايال ھەممەيلەن خۇپتەن ۋە تەراۋىھ نامازلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدلەرگە يۈزلىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەر قانداق بىر مەسجىدتە ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ئايرىم بىر قىسىم تەييارلانغان بولىدۇ. تەراۋىھ نامىزى ئىككى ھەرەم مەسجىدلىرىدە يىگىرمە رەكەت ئوقۇلىدۇ. ئىككى ھەرەم مەسجىدلىرىدىن باشقا مەسجىدلەردە بولسا، بەزىلىرىدە سەككىز رەكەت، بەزىلىرىدە ئىككى ھەرەم مەسجىدلىرىگە ئوخشاش يىگىرمە رەكەت ئوقۇلىدۇ. رامىزان ئېيىدا مەسجىدلەردە - تەراۋىھ نامىزى يىگىرمە رەكەت ياكى سەككىز رەكەت ئوقۇلسۇن - قۇرئان كەرىم بىر قېتىم خەتمە قىلىنىدۇ. كۆپىنچە مەسجىدلەردە شۇ مەسجىدلەرنىڭ ئىماملىرى ياكى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئۆلىمالار تەراۋىھ نامازلىرىدىن كېيىن دىنىي دەرس، ۋەز – نەسىھەتلەرنى سۆزلەيدۇ.مەسجىدەردە دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جامائەتلەر ئۆيلىرىگە قايتىپ كېلىپ، چارچىغانلار ئارام ئالىدۇ، بەزىلەر ئۇرۇق-تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، چاي ئىچىشكەچ سۆھبەتلىشىدۇ، بەزىلەر قۇرئان ئوقۇش ياكى رادىئو ۋە تېلىۋېزىيەلەردىن خاس زامىزانلىق دىنىي پروگراممىلارنى كۆرۈش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.سەئۇدى ئەرەبىستاندا روزا تۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا رىئايە قىلىنىپ، ئىشلەش ۋاقىتلىرى مۇبارەك رامىزان ئېيىغا مۇناسىپ ھالدا ئۆزگەرتىلىپ، ئەسلىدىكى ۋاقىتتىن بىر – ئىككى سائەت قىسقارتىلىدۇ.سەۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامراتلارغا، موھتاجلارغا ئىپتارلىق بېرىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.رامىزا ئېيىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئېھرام كىيىپ، بەيتۇللاھقا يۈزلىنىدۇ. ئەمما رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىغا ئاز قالغاندا بەزىلەر مەدىنە مۇنەۋۋەرىدىكى مەسجىدى نەبەۋىيغا، بەزىلەر مەككە مۇكەررەمەدىكى مەسجىدى ھەرەمگە كېلىپ، رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقىنىغا قەدەر ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن تەقۋالىقىنى كۈچەيتىدۇ.سەئۇد ئەرەبىستاندىكى مەسجىدلەردە تەراۋىھ نامىزى ئاخىرلىشىپ، خەلقلەر بىر ئاز ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن يەنى كېچە سائەت بىر ئەتراپىدا تەھەججۇد نامىزى باشلىنىدۇ، تەھەججۇد نامىزى ۋىتىر نامىزى بىلەن قوشقاندا ئون بىر رەكەت ئوقۇلىدىغان بولۇپ، بۇ نامازدا كۈنلۈكى بىر پارىدىن ئۈچ پارىغىچە قۇرئان ئوقۇلىدۇ.سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خەلقلەر سەدىقە پىتىرلىرىنى رامىزاننىڭ يىگىرمە يەتتىسىدىن، روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا تارقىتىدۇ. سەدىقە پىتىرلەر ئاساسەن نامراتلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قالغان يولۇچى - مۇساپىرلارغا تارقىتىلىدۇ.سەئدى ئەرەبىستاندا مەسجىدلەرنىڭ ئەتراپىغا ياكى ئىشچىلار كۆپ توپلاشقان جايلارغا ئىپتارلىق داستىخانلىرى سېلىنىپ، يولۇچىلارغا، ئىشچىلارغا ئىپتارلىق بېرىش ئادىتى ئومۇملاشقان.سەئدى ئەرەبىستاندا كەڭ ئومۇملاشقان ئادەتلەرنىڭ يەنە بىرى ئىپتار قىلىشقا ئالدىراش سۈننتىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ناماز شامغا ئەزان چىقىشقا ئاز قالغاندا يول دوقمۇشلىرىدا ئىپتارلىق سۇ ۋە يىنىك يېمەكلىكلەرنى تارقىتىش ئادىتىدۇر.تەييالىغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى_atrk_opts = { atrk_acct: "6nL7g1a0Or00og", domain:"mercyprophet.org"}; atrk ();<img src="https://d5nxst8fruw4z.cloudfront.net/atrk.gif?account=6nL7g1a0Or00og" style="display:none" height="1" width="1" alt="" />