رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار

1- قەستەن يەپ –ئىچىش ۋە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، بۇنىڭ قايسى بىرىنى قىلىش ئارقىلىق رۇزىسىنى بۇزغان كىشى، شۇ بۇزۇلغان  روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە 60 كۈن ئارقىمۇ- ئارقا روزا تۇتىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا 60 مىسكىنگە بىر ۋاخ تاماق بېرىدۇ. ئەمما ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ –ئىچىپ سالغان بولسا، ئېسىگە كەلگەن ھامان توختاش ۋە ئاغزىدىكىنى تۈكۈرسە روزا بۇزۇلمايدۇ، بۇ ھەقتە ئەبى ھۈرەيرە رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ( بىر كىشى ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ- ئىچىپ سالسا، رۇزىسىنى داۋاملاشتۇرسۇن، ھەقىقەتەن ئۇ ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىگە يەمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بەرگەنلىكىدۇر) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. 2- قەستەن قۇسۇش، ئەمما ئىختىيارسىز قۇسۇپ سالغان كىشىنىڭ رۇزىسى بۇزۇلمايدۇ، قەستەن قۇسۇش ئارقىلىق رۇزىسىنى بۇزغان كىشى بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى قىلىدۇ،3- ئىپتار ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن كۈن ئولتۇرۇپ بولدى دېگەن گۇمان بىلەن كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئىپتار قىلىپ سېلىش، ياكى تاڭ يۈرمىدى دېگەن گۇمان بىلەن تاڭ يورۇپ بولغاندىن كىينمۇ سۇھۇرلۇق يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇش روزىنى بۇزىدۇ، بۇ ئەھۋالدا شۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.4- ئۆزىدىن قەستەن سپېرما چىقىرىش، چۈنكى روزا تۇتۇش يەپ –ئىچىش شەھۋىتى بىلەن جىنسى شەھۋەتتىن ئۆزىنى ساقلاش دېگەنلىك بولىدۇ، سپېرما چىقىرىش جىنسى شەھۋەتنىڭ بىر تۈرى، بۇنىڭغا ئۇرۇنغان كىشىنىڭ رۇزىسى بۇزۇلىدۇ، ئەمما ئۇخلاپ قالغاندا ئىختىيارسىز ئېھتىلام بۇلۇپ قالسا رۇزىسى بۇزۇلمايدۇ، شۇنىڭدەك رامىزان كېچىلىرى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئايالى بىلەن بىر گە بولغان بولسا، تاڭ يورۇپ بولغاندىن كىيىن سپېرما قالدۇقنىڭ چىقىشىمۇ روزىنى بۇزمايدۇ.5- قۇۋۋەت ۋە ماغدۇر پەيدا قىلىش ئوكۇللىرىنى سالدۇرۇش، ۋە ئاسما ئۇكۇللار روزىنى بۇزىدۇ، ئەمما ئاغرىق پەسەيتكۈچ ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئادەتتىكى ئۇكۇللار روزىنى بۇزمايدۇ، بىراق داۋاملىق ئۇكۇل سالدۇرۇپ داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەر روزا تۇتماي كېسىلىدىن ساقايغاندا تۇتقىنى ياخشى، چۈنكى ئاللاھ تائالا كىسەل بولغان كىشىلەرنىڭ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش شەرتى بىلەن تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلغان. 6- قان ئالدۇرۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قان ئالغۇچى بىلەن قان ئالدۇرغۇچىنىڭ رۇزىسنىڭ بۇزۇلۇدىغانلىقىنى بايان قىلغان.7- ھەيز ۋە نىپاسنىڭ كۆرۈلۈشى، ئىپتار ۋاقتىدىن بۇرۇن ھەيز كەلگەن بولسا، ياكى تۇغقان بولسا روزا بۇزۇلىدۇ، شۇ كۈنىدىن تارتىپ قانچە كۈن تۇتالمىغان بولسا شۇنچە كۈن قازاسىنى قىلىدۇ، ئەگەر تاڭ يورۇشتىن بىر قانچە مىنۇت ھەيز توختىغان بولسا، يۇيۇنۇشقا ۋاقىت چىقمىغان بولسىمۇ  روزا تۇتىدۇ، تاڭ  يورۇغاندىن كىيىن يۇيۇنسا روزىغا تەسىر يەتمەيدۇ._atrk_opts = { atrk_acct: "6nL7g1a0Or00og", domain:"mercyprophet.org"}; atrk ();