رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

كېسەل يوقلاشنىڭ پەزىلىتىپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ كېسىلىنى يوقلاش ئۈچۈن يولغا چىققىنىدا ئۇ جەننەتنىڭ باراقسان دەرەخلىرى ئارىسىدا يۈرگەن بولىدۇ. ئۇ كېسەلنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنىدا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنى قورشايدۇ. يوقلىغان ۋاقتى ئەتىگەنلىك بولسا، ئۇنىڭغا تا كۈن پاتقىچە يەتمىش مىڭ پەرىشتە مەغپىرەت تىلەيدۇ، ئەگەر ئاخشاملىق بولسا، ئۇنىڭغا تاڭ ئاتقىچە يەتمىش مىڭ پەرىشتە مەغپىرەت تىلەيدۇ»([1]).كېسەل يوقلىغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئااَسْأَلُ اللهَ الْعَظِيْمَ رَبَّ الْعَرْشِ الْعَظِيْمِ أَنْ يَشْفِيْكَ  (7قېتىم ئوقۇلىدۇ).تەرجىمىسى:«ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىزگە شىپالىق تىلەيمەن»([2]). ياشاشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن بىمارنىڭ دۇئاسىاَللَّهُمَّ اغْفِرْلِي وَارْحَمْنِي وَأَلْحِقْنِي بالرَّفِيقِ اْلأَعْلَى.تەرجمىسى: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەتكىن»([3]).«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدا قولىنى ھۆل قىلىپ مۇبارەك يۈزىنى سىلىدى ۋە ”لائىلاھە ئىللەللاھ! ئۆلۈمنىڭ سەكىراتى باردۇر“ دېدى»([4]). مېيتقا تەلقىن قىلىشمېيت سەكىراتقا چۈشكەندە، ئۇنىڭغا: لاَاِلَهَ اِلاَّ اللهُ مُحَمَّدٌ رَسوُلُ اللهِ دېگەن شاھادەت كەلىمەسى ئوقۇتىلىدۇ.پەيغمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۇ دۇنيادىكى ئاخىرقى سۆزى ‹ لاَاِلَهَ اِلاَّ اللهُ (لائىلاھە ئىللەللاھ)› بولغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ»([5]).مېيتنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرغان ۋاقىتتا ئېيتىلىدىغان دۇئااَللَّهُمَّ اغْفِر لـ «مېيتنىڭ ئىسمىنى ئاتايدۇ»، وَارْفَعَ دَرَجَتَهُ فِـي الْـمَهْدِيِّـيْنَ، واخْـلُـفْهُ فِـي عَقِبِهِ فِـي اْلغَابِرِيْنَ، واغْفِرْ لَنَا وَلَهُ يَا رَبَّ اْلعَالَـمِيْنَ، وَافْسَحْ لَهُ فِـي قَبْرِهِ وَنَوِّرْ فِـيْهِتەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ( پالانىغا) مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭ ياخشىلار قاتارىدىكى دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلغىن، ئۇنىڭ ياخشى نامىنى كېيىنكىلەردە قالدۇرغىن. ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ! بىزگە ۋە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى كەڭ ۋە يورۇق قىلغىن»([6]). مېيت نامىزىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا1. اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لَهُ وَارْحَمْهُ وَعَافِهِ. وَاعْفُ عَنْهُ. وَأَكْرِمْ نُزُلَهُ. وَوَسِّعْ مُدْخَلَهُ. وَاغْسِلْهُ بِالْمَاءِ وَالثَّلْجِ وَالْبَرَدِ، وَنَقِّهِ مِنَ الْخَطَايَا كَمَا نَقَّيْتَ الثَّوْبَ الأَبْيَضَ مِنَ الدَّنَسِ. وَأَبْدِلْهُ دَاراً خَيْراً مِنْ دَارِهِ. وَأَهْلاً خَيْراً مِنْ أَهْلِهِ وَزَوْجَاً خَيْراً مِنْ زَوْجِهِ. وَأَدْخِلْهُ الْجَنَّةَ وَأَعِذْهُ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ وَمِنْ عَذَابِ النَّارِ.تەرجىمسى: «ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنىڭغا ئامانلىق ئاتا قىلغىن، ئۇنى كەچۈرگىن، ئۇنىڭ قارارگاھىنى ياخشى قىلغىن، قەبرىسىنى كەڭ قىلغىن، ئاق كىيىمنى كىرلەردىن پاكلىغىنىڭدەك، ئۇنى سۇ، قار ۋە مۇز بىلەن يۇيۇپ، خاتالىقلىرىدىن پاكلىغىن. ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ئۆيىدىن ياخشىراق قارار گاھ، ئائىلىسىدىن ياخشىراق ئائىلە ۋە جۆرىسىدىن ياخشىراق جۆرە ئاتا قىلغىن. ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزگىن، ئۇنى قەبرە  ۋە دۇزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»([7]). 2. اَللَّهُمَّ اغْفِرِ لِحَيِّنَا وَمَيِّتِنَا، وشَاهِدِنَا وغَائِبِنَا، وصَغِيْرِنَا وَكَبيْرِنَا، وذَكَرِنَا وأُنْثَانَا، اَللَّهُمَّ مَنْ أَحْيَيْتَهُ مِنَّا فَأَحْيِهِ عَلَى اْلإسْلامِ ، وَمَنْ تَوَفَّيْتَهُ مِنَّا فَتَوفِّهِ عَلَى اْلإِيْمَانِ.تەجىمىسى: «ئى ئاللاھ! بىزنىڭ تىرىكلىرىمىزگە، ئۆلۈكلىرىمىزگە، بۇ نامازغا كەلگەن ۋە كەلمىگەن پۈتۈن دىنداشلىرىمىزغا، كىچىكلىرىمىزگە، چوڭلىرىمىزغا، ئەرلىرىمىزگە، ئاياللىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزدىن كىمنىكى ھايات قالدۇرساڭ ئۇنى ئىسلام بىلەن ياشاتقىن، بىزدىن كىمنىكى ۋاپات قىلدۇرساڭ ئۇنى ئىمان بىلەن ۋاپات قىلدۇرغىن»([8]).تەزىيەدە ئوقۇلىدىغان دۇئا1. إِنَّ لِلّهِ مَا أَخَذَ وَلَهُ مَا أَعْطَىٰ. وَكُلُّ شَيْءٍ عِنْدَهُ بِأَجَلٍ مُسَمًّى. فَلْتَصْبِرْ وَلْتَحْتَسِبْ.ەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ ئالغان ۋە بەرگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە ئائىتتۇر. ھەر نەرسىنىڭ ئەجەلى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بەلگىلەنگەندۇر. سەبىر قىلىڭ ۋە ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىت قىلىڭ»([9]).  2. عَظَّمَ اللهُ اَجْرَكَ.تەرجىمسى: «ئاللاھ (بۇ مۇسىبەت يۈزىسىدىن) ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن!»مېيتنى قەبرىگە ئېلىپ كىرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئابِسْمِ اللهِ وَعَلَى سُنَّةِِ رَسُوْلِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ.تەرجىىسى: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بويىچە...»([10]).  مېيتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئااَللَّهُمَّ اغْفِرْلَهُ اَللَّهُمَّ ثَبِّتْهُ.تەرجىىسى: «ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! ئۇنى ئىمانىدا سابىت قىلغىن»([11]).قەبىلەرنى زىيارەت قىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئاالسَّلاَمُ عَلَىٰ أَهْلِ الدِّيَارِ مِنَ الْمُؤْمِنِيْنَ وَالْمُسْلِمِيْنَ وَيَرْحَمُ اللَّهُ الْمُسْتَقْدِمِيْنَ مِنَّا وَالْمُسْتَأْخِرِيْنَ. وَإِنَّا إِنْ شَاءَ اللّهُ، بِكُمْ لَلاَحِقُون اَسْاَلُ اللهَ لَنَا وَلَكُمْ الْعَافِيَةَ.تەجىمىسى: «ئاللاھنىڭ ئامانلىقى  بۇ جايدا ياتقان مۆمىن مۇسۇلمانلارغا بولسۇن. بىزدىن ۋاپات بولغانلار ۋە ھايات قالغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ رەھىم قىلغاي. بىزمۇ خۇدا خالىغان ۋاقىتتا ئەلبەتتە سىلەرگە قوشۇلىمىز. ئاللاھ تائالادىن بىزگە ۋە سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن»([12]).مۇىبەتتە ئوقۇلىدىغان دۇئاإِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعونَ. اَللَّهُمَّ أْجُرْنِي فِي مُصِيْبَتِي وَ اخْلُف لِي خَيْراً مِنْهاَ. تەرجىمىسى: «بىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز. ئى ئاللاھ! بۇ مۇسىبىتىمدە ماڭا ئەجىر بەرگىن ۋە ماڭا قولدىن بەرگىنىمدىن ياخشىراقىنى بەرگىن»([13]).  --------------------------------------------------------------------------------([1])     ; تىرمىزى رىۋايىتى.([2])      تىرمىزى رىۋايىتى.([3])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([4])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([5])      ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([6])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([7])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([8])      تەبەرانى رىۋايىتى.([9])      ئىمام بۇخارى رىۋايتى.([10])    ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([11])    ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([12])    ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([13])    ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.