رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

غەم ـ قايغۇ باسقاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا1. اَللَّهُمَّ إِنِّي عَبْدُكَ وَابْنُ عَبْدِكَ وَابْنُ أَمَتِكَ نَاصِيَتِي بِيَدِكَ، مَاضٍ فِيَّ حُكْمُكَ، عَدْلٌ فِيَّ قَضَاؤُكَ، أَسْأَلُكَ بِكُلِّ اسْمٍ هُوَ لَكَ، سَمَّيْتَ بِهِ نَفْسَكَ، أَوْ أَنْزَلْتَهُ فِي كِتَابِكَ، أَوْ عَلَّمْتَهُ أَحَداً مِنْ خَلْقِكَ، أَوْ اِسْتَأثَرْتَ بِهِ فِي عِلْمِ الْغَيْبِ عِنْدَكَ، أَنْ تَجْعَلَ الْقُرْآنَ رَبِيْعَ قَلْبِي وَنُوْرَ صَدْرِي وَجَلاَءِ حُزْنِي َوذِهَابَ هَمِّي.تەرجىمىس: «ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن، قۇلۇڭنىڭ ۋە دېدىكىڭنىڭ ئوغلىمەن، تەقدىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. مېنىڭ ئۈچۈن تەقدىر قىلغانلىرىڭ ھەر زامان يۈرگۈچى ۋە ئادالەتنىڭ ئۆزىدۇر. ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ  شۇنداق ئاتىغان ياكى كىتابىڭ ئارقىلىق چۈشۈرگەن ياكى بەندىلىرىڭدىن بېرەرسىگە بىلدۈرگەن ياكى ئۆز دەرگاھىڭدىكى غەيبلەر قاتارىدا بىزلەرگە بىلدۈرمىگەن بارچە ئىسىملىرىڭنى ۋاسىتە قىلىپ سەندىن قۇرئان كەرىمنى كۆڭلۈمنىڭ باھارى، قەلبىمنىڭ نۇرى، قايغۇلىرىمنى يوق قىلغۇچى ۋە ئەندىشىلىرىمنى كەتكۈزگۈچى قىلىشىڭنى سورايمەن»([1]).2. اَللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوْذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ وَالْحَزَنِ، وَالْعَجْزِ وَالْكَسَلِ، وَالْبُخْلِ وَالْجُبْنِ، وَضَلَعِ الدَّيْنِ وَغلَبَةِ الرِّجَالِ.تەرجمىسى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، غەم ـ قايغۇدىن، ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، قەرزدارلىقتن ۋە كىشىلەرنىڭ قەھرىدىن پاناھ تىلەيمەن»([2]).  دۈشمەنگە يولۇققاندا  ئوقۇلىدىغان دۇئااَللَّهُمَّ إِنَّا نَجْعَلُكَ في نُحُورِهِمْ وَنَعُوذُ بِكَ مِنْ شُرُورِهِمْ.تەرىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئۇلارنى سېنىڭ جازايىڭغا تاپشۇردۇق، ساڭا سېغىنىپ ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمىز»([3]).خەۋپ ياكى تەھدىدكە ئۇچرىغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئاحَسْبُنَا اللهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ (ئۈچ قېتىم).تەرجىمىسى: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە، ئۇ ئەڭ ياخشى مەدەتكاردۇر»([4]). دۈشمەنگە قارشى ئوقۇلىدىغان دۇئا1. اَللَّهُمَّ مُنْزِلَ الكِتَابِ، سَرِيعَ الحِسَابِ، اهْزِمْهُمْ وزَلْزِلْهُمْ.ترجىمىسى: «ئى كىتابنى چۈشۈرگۈچى، ھېسابنى تېز ئالغۇچى ئاللاھ!  دۈشمەنلىرىمىزنى  مەغلۇب قىلغىن ۋە ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكىن»([5]). 2 . اللَّهُمَّ مُنْزِلَ الْكِتَابِ وَمُجْرِىَ السَّحَابِ وَهَازِمَ الأَحْزَابِ، اهْزِمْهُمْ وَانْصُرْناَ عَلَيْهِمْ.تەرجمىسى: «ئى كىتابنى چۈشۈرگۈچى، بۇلۇتلارنى يۈرگۈزگۈچى ۋە بىرلەشكەن دۈشمەننى يەڭگۈچى ئاللاھ! ئۇلارنى يەڭگىن ۋە ئۇلار ئۈستىدىن بىزگە غەلىبە ئاتا قىلغىن»([6]).ئىمانىدا شەك پەيدا بولۇپ قالغان كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟1. «ئاللاھقا سىغنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھ تىلەيدۇ»([7]). 2. «شەك قىلغان نەرسىسىدىن توختايدۇ»([8]). 3. «‹ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردۈم› دەپ ئىمانىنى يېڭىلايدۇ»([9]).قىيىن ئىشقا دۇچ كەلگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئااَللَّهُمَّ لاَ سَهْلَ إِلاَّ مَا جَعَلْتَهُ سَهْلًا، وَأَنْتَ تَجْعَلُ الْحَزْنَ سَهْلاً إِذَا شِئْتَ.تەرجىمىس: «ئى ئاللاھ! سەن ئاسان قىلمىغىچە ئاسانلىق يوق، سەن خالىساڭ قىيىنچىلىقنى ئۇڭايلىققا ئۆرۈپ بېرىسەن»([10]).غەزبنى قانداق يېڭىش كېرەك؟أعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ.تەرىمىسى: «ئاللاھقا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن»([11]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى ئادەمنىڭ ئۆزئارا جېدەللىشىپ غەزەبتىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلارنى غەزەبتىن قايتۇرىدىغان بىر سۆزنى بىلىمەنكى، ئەگەر ئۇلار: أعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ. دېسە ئىدى، ئاچچىقلىرى يېنىپ كەتكەن بولاتتى»([12]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «غەزەب شەيتاندىندۇر. شەيتان ئوتتىن يارىتىلغان. ئوتنى پەقەت سۇ بىلەنلا ئوچۈرگىلى بولىدۇ. سىلەر بىرەر ئىشقا غەزەبلەنگەن ۋاقتىڭلاردا دەرھال تاھارەت ئېلىڭلار»([13]). ;قەرزدارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا1. اَللَّهُمَّ اكْفِني بِحَلاَلِكَ عَنْ حَرَامِكَ، وَاغْنِني بِفَضْلِكَ عَمَّنْ سِوَاكَ.تەرجىمىى: «ئى ئاللاھ! مېنى ھالال رىزقىڭ بىلەن ھارامدىن بېھاجەت قىلغىن، ئۇلۇغ پەزلىڭ بىلەن مېنى باشقىلارغا مۇھتاج بولۇشتىن بېھاجەت قىلغىن»([14]). 2. اَللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوْذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ وَالْحَزَنِ، وَالْعَجْزِ وَالْكَسَلِ، وَالْبُخْلِ وَالْجُبْنِ، وَضَلَعِ الدَّيْنِ وَغلَبَةِ الرِّجَالِ.تەرجمىسى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ غەم ــ قايغۇدىن، كۆڭۈلسىزلىكتىن، ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، قەرزدارلىقتىن ۋە كىشىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن»([15]). كىچىك بالىلارغا ئوقۇلىدىغان دۇئاأُعُِوْذُ بِكَلِمَاتِ اللهِ التَّامَّةِ، مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ وهَامَّةٍ، ومِنْ كُلِّ عَيْنٍ لاَمَّةٍ.تەرجىمسى: «ئى ئاللاھ!  ساڭا سېغىنىپ ھەرقانداق شەيتاننىڭ ۋە زىيانلىق مەخلۇقنىڭ شەررىدىن ۋە ھەرقانداق يامان كۆزدىن پاناھ تىلەيمەن»([16]).  --------------------------------------------------------------------------------([1])     ; ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([2])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([3])      ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.([4])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([5])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([6])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([7])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([8])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([9])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ([10])    ئىبنى ھەببان رىۋايىتى.([11])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([12])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([13])    ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([14])    تىرمىزى رىۋايىتى.([15])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([16])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.