رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

مېۋىنىڭ دەسلىپىنى كۆرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئااللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِى ثَمَرِنَا وَبَارِكْ لَنَا فِى مَدِينَتِنَا وَبَارِكْ لَنَا فِى صَاعِنَا وَبَارِكْ لَنَا فِى مُدِّنَا.تەرجىمسى: «ئى ئاللاھ! بىزگە مېۋىلىرىمىزدە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، بىزگە يۇرتىمىزنى باياشات قىلىپ بەرگىن، بىزگە سالىرىمىز(ئۆلچە بىرلىكىمىز)دا بەرىكەت بەرگىن، بىزگە مۇدلىرىمىز (ئۆلچەم بىرلىكىمىز)دا بەرىكەت بەرگىن»([1]).ئەينەككە قارىغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئااَلَّلهُمَّ أَحْسَنْتَ خَلْقِي فَأَحْسِنْ خُلُقِي.تەرجىمىى: «ئى ئاللاھ! مېنى چىرايلىق ياراتقىنىڭدەك ئەخلاقىمنىمۇ گۈزەل قىلغىن»([2]).بېرەر مۇسۇلماننىڭ كۈلگەنلىكىنى كۆرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئاأَضْحَكَ اللَّهُ سِنَّكَ.تەرجىمىى: «ئاللاھ سىزنى ھەمىشە مۇشۇنداق خۇشال قىلسۇن»([3]).بىراۋ «سىزنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن» دېگەندە دېيىلىدىغان دۇئاأَحَبَّكَ الَّذيِ أَحْبَبْتَنِي لَهُ.تەرجىمىسى: «سىز مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن زات(ئاللاھ) سىزنىمۇ ياخشى كۆرگەي»([4]).تىنچ قوپۇپسىزمۇ؟ دېيىلگەندە دېيىلىدىغان دۇئاأَصْبَحْتُ بِخَيْرٍ أَحْمَدُ اللَّهَ.تەرجىمىى: «ياخشى تۇردۇم، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىمەن»([5]).چۈشكۈرگەندە دېيىلىدىغان دۇئاپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرىڭلار چۈشكۈرگەندە، (اَلْحَمْدُ لِلَّهِ - ئاللاھقا شۈكۈر) دېسۇن، بۇنى ئاڭلىغان كىشى، (يَرْحَمُكَ اللَّهُ - ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن) دېگەندە، چۈشكۈرگۈچى ئۇنىڭغا، (يَهْدِيكُمُ اللَّهُ وَيُصْلِحُ بَالَكُمْ - ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ھالىڭلارنى ياخشىلىسۇن) دېسۇن»([6]).بېرەر ئاغرىققا دۇچار بولغان كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاستىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ بەدىنىدىكى بىر ئاغرىقتىن دەرتلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «بەدىنىڭنىڭ ئاغرىغان يېرىگە قولۇڭنى قويۇپ تۇرۇپ: بِاسْمِ اللَّهِ - ئاللاھنىڭ نامى بىلەن...) نى ئۈچ قېتىم ئېيتقىن، ئاندىن، أَعُوذُ بِاللَّهِ وَقُدْرَتِهِ مِنْ شَرِّ مَا أَجِدُ وَأُحَاذِرُ - مەن ھېس قىلىۋاتقان ۋە ھەزەر قىلىۋاتقان ئاغرىقنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىگە سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن»دېگەننى يەتتە قېتىم ئوقۇغىن»([7]).بىرەر مۇسۇلماننىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ سالغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئااَلَّلهُمَّ اغْفِرْ لَنَا وَلَهُ.تەرجىمىس: «ئى ئاللاھ! بىزگە ۋە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىن»([8]).قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئالاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللَّهُ الْعَظِيْمُ الْحَلِيْمُ. لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللَّهُ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيْمِ. لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللّهُ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَرَبُّ الأَرْضِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيْمِ.تەرىمىسى: «ئاسىيلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان ئۇلۇغ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر»([9]).  --------------------------------------------------------------------------------([1])     ; ئىمام مۇسلىمرىۋايىتى.([2])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([3])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([4])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([5])      ئىبنى ماجە رىۋايىتى.([6])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([7])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([8])      مىشكات شەرىفتىن.([9])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.