رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ياكى ئىنسانلاردىن بىرەرسىگە ھاجىتى بولغان ئادەم، ياخشى تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن، ئاندىن ئاللاھقا ھەمدۇ سانا، پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتسۇن ۋە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇسۇن: لاَ إلَهَ إلاّ اللهُ الْحَلِيْمُ الكَرِيْمُ، سُبْحَانَ الله رَبِّ العَرْشِ العَظِيْمِ، وَالْحَمْدُ لله رَبِّ اْلعَالمَِيْنَ . اَسْاَلُكَ مُوْجِباَتِ رَحْمَتِكَ وَعَزَائِمِ مَغْفِرَتِكَ وَالْعِصْمَةَ مِنْ كُلِّ ذَنْبٍ والْغَنِيْمَةَ مِنْ كُلِّ بِرٍّ والسَّلاَمَةَ مِنْ كُلِّ اِثْمٍ ، اَللَّهُمَّ لاَتَدَعْ لَناَ ذَنْباً اِلاَّ غّفّرْتَهُ وَلاَ هَمّاً اِلاَّ فَرَّجْتَهُ وَلاَ حاَجَةً هِيَ لَكَ رِضاً اِلاَّ فَرَّجْتَهاَ ياَ اَرْحَمَ الرَاحِمِيْنَ. تەرجىمىسى: «ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ تولىمۇ ھەلىمدۇر، ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ بارچە نوقسانلاردىن پاكتۇر. ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن سېنىڭ رەھمىتىڭگە ئېرىشتۈرىدىغان ئەمەلنى، مەغپىرىتىڭگە مۇيەسسەر قىلىدىغان تەۋبىنى، مېنى ھەر قانداق گۇناھتىن ساقلىشىڭنى، پۈتۈن ياخشىلىقلارغا ئېرىشتۈرىشىڭنى ۋە ھەرقانداق يامانلىقتىن ئامان قىلىشىڭنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، بارلىق قىيىنچىلىقلىرىمنى ھەل قىلىپ بەرگىن ۋە سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىشىم ئۈچۈن تۈرتكە بولىدىغان ھەر قانداق ھاجەتلىرىمنى راۋا قىلىپ بەرگىن ئى رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ شەپقەتلىكى بولغان ئاللاھ!»ئاندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا ئائىت خالىغان ھاجەتلىرىنى سورايدۇ»([1]).  --------------------------------------------------------------------------------([1])     ; تىرمىزى، نەسائى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى.