رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m038.jpg

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللا جەننەتنى ياراتقان چاغدا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا:« بېرىپ، قاراپ باققىن!»دېدى. ئۇ بېرىپ قاراپ كېلىپ:« ئى رەببىم! ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، بۇنى ئاڭلىغان ھەممە ئادەم ئۇ يەرگە كىرىدۇ» دېدى. ئاندىن ئاللا ئۇنىڭ ئەتراپىنى جاپالىق ئىشلار بىلەن ئوراپ:« ئى جىبرىئىل! ئەمدى بېرىپ قاراپ باققىن!» دېدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بېرىپ قاراپ كەلدى ۋە:« ئى رەببىم! ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ھېچكىم ئۇ يەرگە كىرەلمەسمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم» دېدى. ئاللا جەھەننەمنى ياراتقان چاغدىمۇ:« ئى جىبرىئىل! بېرىپ قاراپ باققىن!» دېدى. ئۇ بېرىپ، قاراپ كەلگەندىن كېيىن:« ئى رەببىم! ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، بۇنى ئاڭلىغان كىشى ھەرگىزمۇ بۇ يەرگە كىرمەيدۇ» دېدى. كېيىن، ئاللا ئۇنىڭ ئەتراپىنى ھاۋايى ھەۋەسلەر بىلەن ئوراپ:« ئى جىبرىئىل! بېرىپ ئەمدى قاراپ باققىن!» دېدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بېرىپ، قاراپ كەلگەندىن كېيىن:« ئى رەببىم! ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ھېچكىم قالماي بۇ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك دەپ ئەنسىرەپ قالدىم» دېدى» [ئەھمەدۋە ھاكىم ۋە نەسەئى ۋە ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى سەھىھ ]

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« جەننەت- جاپالىق ئىشلار بىلەن، دوزاخ بولسا، ھاۋايى- ھەۋەسلەر بىلەن ئورالغان» [مۇسلىم]

ئابدۇللارەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«جەننەت سىلەرگە ئايىغىڭلارنىڭ شوينىسىدىنمۇ يېقىن، جەھەننەممۇ ھەم شۇنداق»[بۇخارى]

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ جەننەتنى ياراتتى، دوۋزاخنىمۇ ياراتتى، جەننەت ئۈچۈنمۇ ئەھلى ياراتتى، دوۋزاخ ئۈچۈنمۇ ئەھلى ياراتتى » [مۇسلىم] 

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« جەھەننەم رەببىگە شىكايەت قىلىپ:« بىر قىسمىم يەنەبىر قىسمىمنى يەپ تۈگەتتى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قىشتا بىر، يازدا بىر نەپەس ئېلىشىغا رۇخسەت بېرىلدى. ئۇ نەپەسكە توغرا كەلگەن ۋاقتىڭلار يازنىڭ ئەڭ ئىسسىقى بىلەن قىشنىڭ ئەڭ سوغۇق كۈنىدۇر» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەبۇ ھۈرەيرەنىڭ مۇنداقدېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« (دۇنيادا) ئىنسانلار يېقىۋاتقان ئوت دوزاخ ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر ھەسسىسىدۇر» دېدى. ساھابىلار: ئى ئاللانىڭ پەيغەمبىرى! مۇشۇ بىر ھەسسىسىمۇ يېتەرلىك بولاركەنغۇ؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« ئۇ بىر ھەسسىگە يەنە ئاتمىش توققۇز ھەسسە قېتىلدى» دېدى. 

 

ئىمان ئەھمەد، ئەبۇ ھۈرەيرىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:« شەك- شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ بۇ ئوتۇڭلار دوزاخ ئوتىنىڭ يەتمىش پارچىسىدىن بىر پارچىدۇر. بۇ ئوت دېڭىز سۈيى بىلەن ئىككى ھەسسە سۇۋۇتۇلدى. ئەگەر شۇنداق بولمىغان بولسا ئىدى، ئاللا بۇ ئوتتا ھېچكىمگە پايدا مەنپەئەت بەرمەيدىغان قىلغان بولاتتى»

مەنبە: merifet.com

پايدىلانغان كىتاب: سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى، جەمئولفەۋائد