رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

ھەدىسلەردىن تاللانغان ئومۇمىي دۇئالار1.اَللّهمَّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي ظُلْماً كَثِيْراً، وَلاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ أنْتَ، فَاغْفِرْ لِي مَغْفِرةً مِنْ عِنْدِكَ، وَارْحَمْنِي إِنَّكَ أَنْتَ الْغَفُورُ الرَّحِيْمُ.تەرىمىسى: «ئى ئاللاھ! مەن ئۆزۈمگە كۆپ زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن، مەرھەمەت قىلىپ ماڭا كەڭ مەغپىرەت ۋە رەھىم قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە شەپقەت قىلغۇچىسەن»([1]).2.اَللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ الْمُعَافَاةَ فِي الدُّنْيَا وَاْلآخِرَة ِ.تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! سەندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئامانلىق تىلەيمەن»([2]).3.اَللَّهُمَّ اهْدِنِي وَسَدِّدْنِي.اَلَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلْكَ الْهُدى وَالسَّدَادَ.تەجىمىسى: «ئى ئاللاھ! مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە توغرا ئادەم قىلغىن. ئى ئاللاھ! سەندىن ھىدايەت ۋە توغرىلىقنى سورايمە»([3]).4.اَللَّهُمَّ أَعِنِّي عَلَى ذِكْرِكَ وَشُكْرِكَ وَحُسْنِ عِبَادَتِكَ.تەرىمىسى: «ئى ئاللاھ! سېنى ياد قىلىشىمغا، ساڭا شۈكۈر قىلىشىمغا ۋە ساڭا ئۇبدان بەندىچىلىك قىلىشىمغا يار ـ يۆلەك بولغىن»([4]).5.اَللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِرِضَاكَ مِنْ سَخَطِكَ، وَأعُوذُ بِمُعَافَاتِكَ مِنْ عُقَوبَتِكَ، وَأعُوذُ بِكَ مِنْكَ لاَ أُحْصِي ثَنَاءً عَلَيْكَ أَنْتَ كَمَا أَثْنَيْتَ عَلَى نَفْسِكَ.تەرجىمسى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ رازىلىقىڭغا سېغىنىپ غەزىبىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ قوغدىشىڭغا سېغىنىپ ئازابىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ سېنىڭ دۇزىخىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئى پەرۋەردىگارىم! سەن ئۆزۈڭگە سانا ئېيتقاندەك مۇكەممەل رەۋىشتە ۋە سېنىڭ لايىقىڭدا سانا ئېيتىشتىن ئاجىزمەن»([5]).6.اَللَّهُمَّ يَا مُقَلِّبَ اْلقُلُوبِ ثَبِّتْ قَلْبِي عَلَى دِيْنِكَ.تەرجىمسى: «ئى دىللارنى باشقۇرغۇچى ئاللاھ! دىلىمنى دىنىڭغا مۇستەھكەم قىلغىن»([6]).7.اَللَّهُمَّ مُصَرِّفَ الْقُلُوبِ صَرِّفْ قُلُوبَنَا عَلَىٰ طَاعَتِكَ.تەرجىىسى: «ئى دىللارنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! دىللىرىمىزنى سېنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىڭگە ئۆزگەرتكىن»([7]).8.اَللَّهُمَّ رَحْمَتَكَ أَرْجُو، فَلاَ تَكِلْنِي إِلَى نَفْسِي طَرْفَةَ عَيْنٍ، وَأَصْلِحْ لِي شَأْنِي كُلَّهُ، لاَ إِلٰهَ إِلَّا أَنْتَ.تەرجىمىس: «ئى ئاللاھ! رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، مېنى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئۆز ھالىمغا قويۇۋەتمىگىن، بارلىق ئىشلىرىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، سەندىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر»([8]).9.اَللَّهُمَّ أَحْسِنْ عَاقِبَتَنَا في الأُمُورِ كُلِّهَا، وَأَجِرْنَا مِنْ خِزْيِ الدُّنيَا وَعَذَابِ الآخِرَة.تەرجىمسى: «ئى ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئاقىۋىتىمىزنى ياخشى قىلغىن، بىزنى دۇنيانىڭ خارلىقىدىن ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزغىن»([9]).10.َللَّهُمَّ إنَّا نَسْألُكَ مِنْ خَيْرِ مَا سَأَلَكَ مِنْهُ نَبِيُّكَ مُحمَّدٌ صَلَّى الله عَلَيْهِ وَسَلَّمْ، ونَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا اسْتَعَاذَ مِنْهُ نَبِيُّكَ مُحمدٌ صَلَّى الله عَلَيْهِ وَسَلَّمْ وأنْتَ الْمُسْتَعَانُ وعَلَيْكَ البَلاَغُ وَلاَحَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إلاَّ بِاللهِ.تەرجىمىى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سورىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى سورايمىز ۋە ساڭا سېغىنىپ پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پاناھ تىلىگەن نەرسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمىز. سەن ئەڭ ياخشى مەدەتكارسەن، تولىمۇ شەپقەتلىكسەن. ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ»([10]).11. اَللَّهُمَّ حَبّبْ اِلَيْنَا الإَيْمَانَ وَزَيّنْهُ فِي قُلوُبِنَا وَكَرَِهْ اِلَيْنَا الْكُفرَ وَالْفُسوُقَ وَالْعِصْيَانَ وجْعَلْنَا مِنَ الرَّاشِدِيْنَ.ەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! بىزگە ئىماننى قىزغىن سۆيدۈرگىن، ئۇنى دىلىمىزدا كۆركەم قىلغىن. بىزگە كۇپرىنى، بۇزۇقچىلىقنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتكىن، بىزنى توغرا يولدا يۈرگۈچىلەردىن قىلغىن»([11]).12. اَللَّهُمَّ إِنِّي أَسْألُكَ حُبَّكَ وَحُبَّ مَنْ يُحِبُّكَ والعَمَلَ الَّذِي يُبَلِّغُنِي حُبَّكَ. اَللَّهُمَّ أجْعَلْ حُبَّكَ أحَبَّ إليَّ مِنْ نَفْسِي وأَهْلِي وَمِنْ الْمَاءِ البَارِدِ.تەرجىىسى:«ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن سېنى سۆيۈشنى، سېنى سۆيىدىغانلارنى سۆيۈشنى ۋە سېنى سۆيۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ئەمەللەرنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭ سۆيگۈڭنى مېنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمدىن، ئەھلىمدىن ۋە تەشنالىقتىكى سوغۇق سۇدىنمۇ سۆيۈملۈك قىلغىن»([12]).13. اَللَّهُمَّ إنّي أعُوذُ بِكَ مِنْ عِلْمٍ لاَ يَنْفَعُ، وقَلْبٍ لاَ يَخْشَعُ، وَدُعاءٍ لاَ يُسْمَعُ، وَنَفْسٍ لاَ تَشْبَعُ، اَللَّهُمَّ  إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ هَؤُلاَءِ اْلأرْبَعِ.تەرجمىسى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، سەندىن قورقماس دىلدىن، قوبۇل بولماس دۇئادىن، تويماس نەپستىن، پايدىسىز ئىلىمدىن پاناھ تىلەيمەن. مۇشۇ تۆتتىن پاناھ تىلەيمە»([13]).14. اَللَّهُمَّ بِعِلْمِكَ الْغَيْبَ وَقُدْرَتِكَ عَلَى الْخَلْقِ، أَحْيِنِي مَا عَلِمْتَ الْحَيَاةَ خَيْراً لِي، وَتَوَفِّنِي إِذَا كَانَتِ الْوَفَاةُ خَيْراً لِي، اَللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ خَشْيَتَكَ فِي الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ، وَكَلِمَةَ العَدْلِ وَالْحَقِّ فِي الْغَضَبِ وَالرِّضَا، وَأَسْأَلُكَ الْقَصْدَ فِي الْفَقْرِ وَالْغِنَا، وَأَسْأَلُكَ نَعِيْماً لَا يَنْفَدُ، وَقُرَّةَ عَيْنٍ لَا تَنْقَطِعُ، وَأَسْأَلُكَ الرِّضَا بَعْدَ الْقَضَاءِ، وَأَسْأَلُكَ بَرْدَ الْعَيْشِ بَعْدَ الْمَوْتِ، وَأَسْأَلُكَ لَذَّةَ النَّظَرِ إِلَى وَجْهِكَ، وَأَسْأَلُكَ الشَّوْقَ إِلَى لِقَائِكَ فِي غَيْرِ ضَرَّاءَ مُضِرَّةٍ، وَلَا فِتْنَةٍ مُضِلّةٍ، اَللَّهُمَّ زَيِّنَّا بِزِيْنَةِ الإِيْمَانِ، وَاجْعَلْنَا هُدَاةً مُهْتَدِيْنَ.تەجىمىسى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ غەيبىي ئىلمىڭ، چەكسىز قۇدرىتىڭگە سېغىنىپ ھاياتلىقىم مېنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولىدىغان بولسا ماڭا ھايات بېغىشلىشىڭنى، ۋاپاتىم مېنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولسا مېنى ۋاپات قىلدۇرۇشىڭنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن  ئادەم بار ـ يوق ھەرقانداق جايدا سەندىن قورقىدىغان تەقۋالىقنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! رازىمەنلىك ۋە غەزەبلىك ھەرقانداق ھالىتىمدە ھەق سۆزنى ئېيتىشىمنى سەندىن سورايمەن. ئى ئاللاھ! سەندىن ئوتتۇراھال تۇرمۇشنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن تۈگىمەس نېمەت سورايمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن ئۈزۈلمەس خۇرسەنلىك سورايمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن قازا ۋە قەدەرگە رازى بولۇشۇمنى سورايمەن. ئى ئاللاھ!سېنىڭدىن ئۆلۈمدىن كېيىنمۇ باياشات تۇرمۇشقا مۇيەسسەر قىلىشىڭنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن زىيان _ زەخمەتكە ئۇچرىماستىن سېنىڭ جامالىڭغا قاراش لەززىتىنى ۋە ساڭا ئۇچرىشىش ئىشتىياقىنى سورايمەن. ئى ئاللاھ! بىزنى ئىماننىڭ زىننىتى بىلەن بېزىگىن. ئى ئاللاھ! بىزنى توغرا يولدا يۈرگۈچى ۋە ئۇنىڭغا باشلىغۇچىلاردىن قىلغىن»([14]).15. اَللَّهُمَّ عَلِّمْنِي مَا يَنْفَعُنِي وَأّنْفَعْنِي بِمَا عَلَّمْتَنِي وَزِدْنِي عِلْمًا.تەرجىمىى: »ئى ئاللاھ! ماڭا پايدىلىق نەرسىلەرنى بىلدۈرگىن، سەن ماڭا بىلدۈرگەنلىرىڭدىن مېنى پايدىلاندۇرغىن، ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن»([15]).16. اَللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ مُوجِبَاتِ رَحْمَتِكَ، وَعَزَائِمَ مَغْفِرَتِكَ، وَالْغَنِيْمَةَ مِنْ كُلِّ بِرٍّ، وَالسَّلاَمَةَ مِنْ كُلِّ إِثْمٍ. اَللَّهُمَّ لاَ تَدَعْ لِي ذَنْباً إِلاَّ غَفَرْتَهُ. وَلاَ هَمًّا إِلاَّ فَرَّجْتَهُ، وَلاَ حَاجَةً هِيَ لَكَ رِضاً إِلاَّ قَضَيْتَهَا يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِيْنَ.ەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن رەھمىتىڭگە ئېرىشتۈرىدىغان، مەغپىرىتىڭگە مۇيەسسەر قىلىدىغان ئەمەللەرنى، بارلىق گۇناھلاردىن ساقلىنىشنى، جىمى ياخشىلىقلارغا ئېرىشىشنى، جەننەتكە مۇيەسسەر  بولۇشنى ۋە دۇزاختىن قۇتۇلۇشنى سورايمەن. ئى ئاللاھ! ھەر قانداق گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغايسەن، ھەر قانداق قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلغايسەن ۋە سەن رازى بولىدىغان ھەر قانداق ھاجىتىمنى راۋا قىلغايسەن، ئى رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ!»([16]).17. اَللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ إِيْمَاناً لَا يَرْتَدُّ، وَنَعِيْماً لَا يَنْفَدُ، وَمُرَافَقَةَ مُحَمَّدٍ صَلَّى الله عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فِي أَعْلَى جَنَّةِ الْخُلْدِ.تەرجىىسى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن قايتماس ئىمان، تۈگىمەس نېمەت ۋە مەڭگۈلۈك جەننەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى قېتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇشنى تىلەيمەن»([17]).18. اَللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا عَمِلْتُ وَمِنْ شَرِّ مَا لَمْ أَعْمَلْ.تەرجىمسى: «ئى ئاللاھ! قىلغانلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ۋە قىلمىغانلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمە»([18]).19. اَللَّهُمَّ اِنِّي اَعُوذُ بِكَ أَنْ اُشْرِكَ بِكَ وَاَنَا اَعْلَمُهُ وَاَسْتَغْفِرُكَ لِمَا لاَ اَعْلَمُ.تەرجىمسى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، بىلىپ تۇرۇپ ساڭا شېرىك كەلتۈرۈشتىن پاناھ تىلەيمە ۋە بىلمەستىن قىلىپ سالغانلىرىمغا سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن»([19]).20. اَللَّهُمَّ أَرِنِي الْحَقَّ حَقًّا وَارْزُقْنِي اِتِّبَاعَهُ وَأَرِنِا الْبَاطِلَ بَاطِلاً وَارْزُقْنِي اِجْتِنَابَهُ.ترجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ماڭا ھەقنى ھەق كۆرسەتكىن، ماڭا ھەقىقەتكە ئەگىشىشنى نەسىب ئەتكىن، ماڭا باتىلنى باتىل كۆرسەتكىن ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى ماڭا نەسىب ئەتكىن»([20]).21. اَللَّهُمَّ إِنَّكَ عَفُوٌّ تُحِبُّ العَفْوَ فَاعْفُ عَنِّي.تەرجىمىس: «ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن ۋە مەغپىرەت قىلىشنى ياقتۇرىسەن، ماڭا مەغپىرەت قىلغايسەن»([21]).22. اَللَّهُمَّ اِنِّي اَعوُذُبِكَ مِنْ جَهْدِ الْبَلاَءِ، ودَرَكِ الشَّقَاءِ، وَسُوْءِ الْقَضَاءِ، وَشَمَاتَةِ اْلأَعْدَاءِ.تەجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، ئېغىر ئەھۋالدا قېلىشتىن، بەخىتسىزلىككە يولۇقۇشتىن، بالا ـ قازاغا دۇچار بولۇشتىن ۋە دۈشمەنلەرنى خوش قىلىدىغان ئىشقا مۇپتىلا بولۇشتىن پاناھ تىلەيمەن»([22]).23. اللَّهم إِنِّي أَعُوذُبِكَ مِنْ زَوَالِ نِعْمَتِكَ، وَمِنْ تَحَوُّلِ عَافِيَتِكَ، وَمِنْ فُجَائَةِ نَقَمَتِكَ، وَمِنْ جَمِيْعِ سَخَطِكَ.تەرجىمسى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، ماڭا ئاتا قىلغان نېمىتىڭنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن، بەرگەن ئامانلىقىڭنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن، تۇيۇقسىز جازالىشىڭدىن ۋە بارچە غەزەبلىرىڭدىن پاناھ تىلەيمەن»([23]).24. اَللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ فِتْنَةِ النَّارِ، وَعَذَابِ النَّارِ، وَفِتْنَةِ الْقَبْرِ، وَعَذَابِ الْقَبْرِ، وَمِنْ شَرِّ فِتْنَةِ الْغِنىٰ، وَمِنْ شَرِّ فِتْنَةِ الْفَقْرِ. وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ فِتْنَةِ الْمَسِيْحِ الدَّجَّالِ.تەرىمىسى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، دۇزاخنىڭ پىتنىسىدىن، دۇزاخنىڭ ئازابىدىن، قەبر ئازابىدىن، بايلىقنىڭ پىتنىسىدىن، كەمبەغەللىكنىڭ يامانلىقىدىن  ۋە دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن»([24]).25. اَللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ مُنْكَرَاتِ اْلأَخْلاَقِ وَالأَعْمَالِ وَاْلأَهْوَاءِ.ەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ! ناچار ئەخلاقلاردىن، يامان ئەمەللەردىن ۋە ھاۋايى ـ ھەۋەسلەردىن پاناھ تىلەيمە»([25]).26. اَللَّهُمَّ اَصْلِحْ لِي دِينيِ الَّذيِ هُوَ عِصْمَةُ اَمْريِ، وَاَصْلِحْ لِي دُنْياَيَ الَّتيِ فِيْهاَ مَعاَشيِ، وَ اَصْلِحْ لِي آخِرَتيِ الَّتيِ اِلَيْهاَ مَعاَديِ، وَجْعَلِ الْحَياَةَ زِياَدَةً ليِ فيِ كُلِّ خَيْرٍ، وَالْمَوْتَ راَحَةً ليِ مِنْ كُلِّ شَرٍّ.تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئىشىمنىڭ كاپالىتى بولغان دىنىمنى مەن ئۈچۈن تولۇقلاپ بەرگىن، مەئىشىتىم بولغان دۇنيالىقىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، بارلىق ياخشىلىقلاردا مەن ئۈچۈن ھاياتلىقنى زىيادە قىلغىن ۋە بارلىق يامانلىقلاردىن ئۆلۈمنى مەن ئۈچۈن راھەتلىك قىلغىن»([26]).27. اَللَّهُمَّ إنَّي أعُوذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ وَالْحَزَنِ، والْبُخْلِ وَالْجُبْنِ، وَأعُوذُ بِكَ مِنَ الْعَجْزِ وَالْكَسَلِ وَالْهَرَمِ وَضَلَعِ الدَّيْنِ وَغَلَبَةِ الْعَدُوِّ (3 قېتىم).تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ غەم ـ ئەندىشىدىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن پاناھ تىلەيمەن ۋە ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، قەرزدارلىقتىن، دۈشمەننىڭ مېنى مەغلۇب قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»([27]).([1])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([2])      تىرمىزى رىۋايىتى.([3])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([4])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([5])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([6])      ئىمام ئەھمەد، ھاكىم رىۋايىتى.([7])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([8])      ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([9])      ئىبنى ھىببان رىۋايىتى.([10])    تىرمىزى رىۋايىتى.([11])    ئىمام ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايىتى.([12])    تىرمىزى رىۋايىتى.([13])    ئىمام ئەھمەد رىۋايتى.([14])    نەسائىي ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([15])    تىرمىزى رىۋايىتى.([16])    ھاكىم رىۋايىتى.([17])    ئەھمەد، نەسائىي رىۋايىتى.([18])    ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([19])    ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.[20])) ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دۇئاسى.([21])  ;  ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايتى.([22])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([23])    ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([24])    ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([25])    تىرمىزى رىۋايىتى.([26])    ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([27])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.