رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

«جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. قىيامەت كۈنىنىڭ ئېگىسىدۇر. رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز. بىزنى  توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىبىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن» ئامىين.

ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى

«پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، بىزنى كەچۈرمىسەڭ بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز»([1]).

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى

«پەرۋەردىگارىم! مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە رەھىم قىلمىساڭ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن»([2]).

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرى

  «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ  (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزەڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزەڭگە ئىتائەتمەن ئۇممەت چىقارغىن، بىزگە ھەججىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن»([3]).

  «پەرۋەردىگارىم! مېنى ۋە بىر قىسىم ئەۋلادىمنى نامازنى  ئادا قىلغۇچى قىلغىن، پەرۋەردىگارىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن! ھېساب ئالىدىغان كۈندە(يەنى قىيامەت كۈنىدە) ماڭا، ئاتا – ئانامغا ۋە مۆمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن»([4]).

«پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىلىم ھېكمەت ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلارغا قوشقىن. كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى   نامىمنى قالدۇرغىن.  مېنى نازۇ نېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن»([5]).

«پەرۋەردىگارىمىز ساڭا تەۋەككۇل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر. پەرۋەردىگارىمىز! كاپىرلارنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن (ئۇلار بىزگە مۇسەللەت بولۇپ، بىزنى كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئازاب بىلەن دىنىمىزدىن چىقارمىسۇن)، پەرۋەردىگارىمىز، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»([6]).

([1])      ئەئراف سۈرىسى 23 ـ ئايەت.

([2])      ھۇد سۈرىسى 47 ـ ئايەت.

([3])      بەقەر سۈرىسى 127 ـ 128 ـ ئايەتلەر.

([4])      ئىبراھىيم 40 ـ 41 ـ ئايەت.

([5])      شۇئەرا سۈرىسى83 ـ 85 ـ ئايەتلەر.

([6])      مۇمتەھىنە 4 _ 5 _ ئايەتلەر.