رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

ئىستىغفار ــ ئاللاھ تائالادىن گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم  قىلىشىنى سوراش دېگەنلىك.

تەۋبە – سادىر قىلىنغان گۇناھلارغا پۇشايمان قىلىپ، قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاپ، توغرىلىققا قايتىش دېمەكتۇر.

قۇرئان كەرىم بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ»([1]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىستىغفارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىستىغفار ئېيتىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ئادەم ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن چىقىش يولى ۋە ھەرقانداق غەم - قايغۇدىن خۇشاللىق يارىتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا كۈتۈلمىگەن يەردىن رىزق بېرىدۇ»([2]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋبىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭلار، مەن ھەر كۈنى ئاللاھ تائالاغا 70 قېتىمدىن كۆپرەك ئىستىغفار ئېيتىمەن ۋە كەمچىلىكلىرىمگە تەۋبە قىلىمەن»([3]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىستىغفارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: »سەييىدۇلئىستىغفار (ئىستىغفارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى) شۇكى، «ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، سەندىن باشقا مەبۇد يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، مەن (پەيغەمبەرلەرنى تىلى ئارقىلىق مەندىن ئالغان) ئەھدەڭنى ۋە ۋەدەڭنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن. ساڭا سېغىنىپ ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. ماڭا  ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭنى تونۇيمەن ۋە گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن بۆلەك مەغپىرەت قىلغۇچى يوقتۇر»([4]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋبىنىڭ پەزىلىتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا كېچىدە كۈندۈزلىرى گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن قولىنى سوزۇپ تۇرىدۇ، كۈندۈزدە كېچىلىرى گۇناھ ئىشلىگەنلەرنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن قولىنى سوزۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا تا قىيامەتكىچە شۇنداق قىلىدۇ»([5]).

([1])      تەھرىم سۈرىسى8- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

([2])      ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

([3])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([4])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([5])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.