رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «مېنى تائەت - ئىبادەتلەر ۋە زىكىر- تەسبىھلەر بىلەن ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ئەمەلىڭلارغا ساۋاب بېرىش ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار»([1]) دەپ كۆرسەتكەن.

ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشتىن خالى بولۇش ئۇنىڭغا ۋە ئۇ ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە ناشۈكۈرلۈك قىلغانلىق بولىدۇ. ناشۈكۈرلۈك ئەڭ ئېغىر گۇناھ بولۇپ، ئۇ قۇرئاننىڭ تەبىرى بىلەن نېمەتكە كۇپۇرلۇق دېيىلىدۇ. تەبىئىيكى، ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە ئەڭ ئېغىر سانالغان گۇناھلارلا كۇپۇرلۇق دەپ سۈپەتلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ تۇرىدىغان ئادەم تىرىككە، ئۇنى ياد قىلمايدىغان ئادەم ئۆلۈككە ئوخشاشتۇر»([2]) دەپ كۆرسەتكەن. دېمەك ئاللاھ تائالانى ياد ئەتمىگەن ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشنى ئۇنتۇپ كەتكەنلەر ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە ئۆلۈكلەردۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بەندەم مېنى ئۆزىگە قارىتا قانداق ئويلىسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق بولىمەن، ئۇ مېنى ياد ئەتسە مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن. ئەگەر ئۇ ماڭا مەخپىي زىكىر ئېيتسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا مەخپىي ساۋاب بېرىمەن. ئەگەر ئۇ ماڭا جامائەت بار جايدا زىكىر ئېيتسا، مەن ئۇنىڭغا ئۇ جامائەتتىنمۇ ياخشىراق جامائەت بار جايدا ساۋاب بېرىمەن. ئەگەر ئۇ ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن. ئەگەر ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن. ئەگەر ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىمەن»([3]).

بەزى ئىستىلاھلارنىڭ تونۇشتۇرۇلىشى

تەسبىھ ــ ئاللاھ تائالانى بارچە نۇقسانلاردىن ۋە كەمچىلىكلەردىن ئەلۋەتتە پاك دەپ تەرىپلەش دېمەكتۇر. مەسىلەن: سُبْچاَنَ اﷲِ ـ سۇبھانەللاھ يەنى» ئاللاھ تائالا پاكتۇر»  دېگەنگە ئوخشاش.

تەكبىر- ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش دېمەكتۇر. مەسىلەن: اللهُ أَكْبَرْ ـ ئاللاھۇ ئەكبەر يەنى «ئاللاھ تائالا ئەڭ بۈيۈكتۇر» دەپ تەكبىر ئېيتقانغا ئوخشاش.

ھەمدۇ سانا ــ ئاللاھ تائالانى مەدھىيەلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىش دېمەكتۇر. مەسىلەن: ئەلھەمدۇ لىللاھ يەنى «بارچە مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىمەن» دېگەنگە ئوخشاش. ھەمدۇ سانا «تەشەككۇر» ۋە «رەھمەت»تىن چوڭدۇر. چۇنكى تەشەككۇر ۋە رەھمەت بېراۋنىڭ مەلۇم  ياخشىلىقى بەدىلىگە ئېيتىلىدىغان بۇرچ بولسا، ھەمدۇ سانا ئاللاھ تائالاغا ھەر زامان ۋە ھەر جايدا ئېيتىلىدىغان ئۇلۇغۋار بۇرچتۇر. شۇنداقلا ھەمدۇ سانا «شۈكۈر»دىن چوڭدۇر. چۈنكى شۈكۈر ئاللاھ تائانىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئىنئاملىرى بەدىلىگە ئېيتىلىدىغان رەھمەت سۆزى بولسا، ھەمدۇ سانا ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە بىلىنگەن ۋە بىلىنمىگەن جىمى ئىنئاملىرى ۋە ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان ئۇلۇغۋار ۋاپا بۇرچىدۇر.

تەھلىل- ئاللاھ تائالانىڭ يالغۇزلىقىنى ۋە شېرىكى يوقلىقىنى ئىقرار بىلەن جاكارلاش دېمەكتۇر. مەسىلەن: «لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكە لەھۇ» يەنى » ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر» دېگەنگە ئوخشاش.

ھەۋقەلە ـ كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەبىرلەش جۈملىسىنىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. مەسىلەن: «لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ»يەنى «ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بولمىسا، قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ» دېگەنگە ئوخشاش.

ئىستىغفار ـ گۇناھىغا تەۋبە قىلىش ۋە ئاللاھتىن كەچۈرۈم سوراش دېمەكتۇر. مەسىلەن:  «ئەستەغفىرۇللاھە ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيھ» يەنى «ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە گۇناھلىرىمغا تەۋبە قىلىمەن» دېگەنگە ئوخشاش.

([1])      بەقەرە سۈرىسى 152 ـ ئايەت.

([2])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([3])      تىرمىزى رىۋايىتى.