رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

فاتىھە سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى - ئەبۇسەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «مەن ساڭا مەسجىدتىن چىقىشتىن بۇرۇن قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىر سۈرىنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟» دەپ قولۇمنى تۇتتى. بىز مەسجىدتىن چىقماقچى بولغىنىمىزدا، مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىز ماڭا قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۈرىنى ئۆگىتىپ قويىمەن دېگەن ئىدىڭىزغۇ؟» دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ‹ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين› دۇر، بۇ سۈرە تەكرار ئوقۇلىدىغان يەتتە ئايەتتۇر ۋە ماڭا بېرىلگەن قۇرئاندۇر»([1]) دېدى.

بەقەرە سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى - ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانغا ئوخشاش قىلىۋالماستىن، قۇرئان ئوقۇپ تۇرۇڭلار. شەيتان بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆينىڭ ئەھلىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ»([2]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «قىيامەت كۈنى دۇنيادا قۇرئان ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان كىشىلەر كەلتۈرۈلىدۇ. ئالدى بىلەن بەقەرە سۈرىسى بىلەن ئال ئىمران سۈرىسى ئۆز ئېگىلىرىنى ئاقلىغان ھالدا كېلىدۇ»([3]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاخشىمى ياتار ۋاقتىدا بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنى ئوقۇغان كىشىنىڭ شۇ كېچىدە (يامانلىقلار ۋە خېيىم خەتەرلەردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن) بۇ ئىككى ئايەت كۇپايىدۇر»([4]).

ئايەتۇلكۇرسىنىڭ پەزىلىتى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايەتۇلكۇرسىنى تەرىپلەپ: «قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايەت - ئايەتۇلكۇرسى (يەنى ئاللاھۇ لائىلاھە ئىللا ھۇۋەل ھەييۇل قەييۇۋم...) دۇر»([5]) دەپ كۆرسەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  يەنە ئەبۇ ھۇرەيرىگە مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: «ئۇيقۇغا بارغىنىڭدا ئايەتۇلكۇرسىنى ئوقۇغىن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ساڭا بىر پەرىشتە ھەمراھ بولۇپ، خەتەرلەردىن سېنى قوغدايدۇ ۋە تاڭ ئاتقۇچە ساڭا شەيتان يېقىنلىشالمايدۇ»([6]).

ياسىن سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياسىن سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «ياسىن قۇرئاننىڭ يۈرىكىدۇر. كىمكى ئۇنى ئاللاھ رازىلىقى ۋە ئاخىرەت ساۋابىنى كۆزلىگەن ھالدا ئوقۇيدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. بۇ سۈرىنى ئۆلۈكلىرىڭلارغا ئوقۇڭلار»([7]).

كەھف سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەھف سۈرىسىنى تەرىپلەپ مۇنداق دىگەن: «جۈمە كۈنلۈكتە كەھف سۈرىسىنى ئوقۇغان كىشىنىڭ قەلبىنى ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدىن بىر نۇر بىلەن كېلىدىغان جۈمە  كۈنىگىچە يورۇتۇپ تۇرىدۇ»([8]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە: «كەھف سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئون ئايىتىنى ئوقۇغان كىشى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ئامان بولىدۇ»([9]) دەپ كۆرسەتكەن.

فەتھى سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «ئەي خەتتاب ئوغلى! ماڭا بۇ كىچە ئاللاھ تائالادىن بىر سۈرە چۈشتىكى، ئۇ مېنى قۇياشنىڭ تۇغقىنىدىنمۇ بەك سۆيۈندۈردى. ئۇ بولسا، ‹ئىننا فەتەھنا لەكە فەتھەن مۇبىينەن› دېدى»([10]).

مۇلك سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئاندا 30 ئايەتلىك بىر سۈرە بولۇپ، ئۇ ئۇنى ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بارلىق گۇناھلىرى تولۇق مەغپىرەت قىلىنغىچىلىك ھەمىشە شاپائەتچى بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ بولسا مۇلك (تەبارەكەللەزى بىيەدىھل مۇلك) سۈرىسىدۇر»([11]).

ئىخلاس سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئىخلاس سۈرىسى (قۇلھۇۋەللاھۇ ئەھەد) قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭدۇر»([12]). يەنى، ئىخلاس سۈرىسىنى بىر قېتىم ئوقۇغان ئادەم قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇغاننىڭ، ئۈچ قېتىم ئوقۇغان ئادەم قۇرئاننىڭ ھەممىنى تامام قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.

فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنىڭ پەزىلىتى

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن كېچە ماڭا چۈشكەن ئايەتلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن مىسلى كۆرۈلمىگەن ئايەتلەردۇر. ئۇلار بولسا، فەلەق ۋە ناس (قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل فەلەق ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەبىنناس) سۈرىلىرىدۇر»([13]).  ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئاخشىمى يېتىشتىن بۇرۇن ئىككى ئالقىنىنى ئېچىپ تۇرۇپ ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى  ئوقۇيتتى، ئاندىن ئىككى ئالقىنى بىلەن بەدىنىنىڭ قولى يەتكەن جايلىرىنىڭ ھەممىنى سىلاپ چىقاتتى. سىلاشنى ئاۋۋال بېشىدىن، ئاندىن بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلايتتى، ھەر بىر ئەزانى ئۈچ قېتىمدىن سىلاپ چىقاتتى»([14]).

([1])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([2])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([3])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([4])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([5])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([6])      بۇچارىي رىۋايىتى.

([7])      ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد ۋە نەسائىي رىۋايىتى.

([8])      نەسائىي رىۋايىتى.

([9])      نەسائىي رىۋايىتى.

([10])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([11])    تىرمىزى رىۋايىتى.

([12])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([13])    ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([14])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.