رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى __ قۇرئان كەرىم ــ ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك سۆزى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شانلىق مۆجىزىسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى، ئۇنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ئەمەل قىلىش بىلەن ئىككى ئالەملىك سائادەتلەرگە،  ئۇنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىبادەتنىڭ ساۋابىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان ئۇلۇغ كىتابتۇر. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنى كۇپرى ۋە زالالەتنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ نۇرىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ھىدايەت مەشئىلى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! قۇرئاننى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن كۇپرىنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ئىماننىڭ نۇرىغا چىقىرىشىڭ ئۈچۈن، غالىب، ھەممە تىللاردا مەدھىيىلەنگەن ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا باشلىشىڭ ئۈچۈن چۈشۈردۇق»([1]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مۇشۇ كىتاب (قۇرئان) بىلەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەرتىبىسىنى يۇقىرى قىلسا، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەرتىبىسىنى تۆۋەن قىلىدۇ»([2]).

قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلسۇن ـ بىلمىسىمۇن، ئۇنىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلغان ئادەم چوقۇم ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار ھەرگىز كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر»([3]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇڭلار، قۇرئان كەرىم ئۆزىنى ئوقۇغانلارغا قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلغان ھالدا كېلىدۇ»([4]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۆمىن خۇددى ئۇترۇج دېگەن مېۋىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى تاتلىق كېلىدۇ. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۆمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، ئەمما تەمى تاتلىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇناپىق رەيھانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، ئەمما تەمى ئاچچىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇناپىق (ياۋا) خەمەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقىمۇ يوق، تەمىمۇ ئاچچىقتۇر»([5]).

ئۇ يەنە بىر ھەدىسىدە: «ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشى بىر ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بۇ بىر ساۋاب ئون ھەسسىگە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. ‹ئەلىف، لام،مىم› نى بىر ھەرپ دەپ ھېسابلىمايمەن، بەلكى ‹ئەلىف› بىر ھەرپ، ‹لام› بىر ھەرپ، ‹مىم› بىر ھەرپتۇر»([6]) دەپ كۆرسەتكەن.

شۈبھىسىزكى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تەكبىر، تەھلىل، تەسبىھ ۋە دۇئادىنمۇ ئەۋزەل ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ‹قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ماڭا زىكىر ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىن مەندىن ھاجىتىنى سورالمىغان بەندەمگە، سورىغانلارغا بەرگىنىمدىنمۇ ياخشىراقىنى بېرىمەن› دېدى. ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا سۆزلەردىن ئۇلۇغلىقى، خۇددى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن ئۇلۇغلىقىغا ئوخشاشتۇر»([7]).

قۇرئان كەرىمنى ئاڭلاشمۇ كاتتا ئىبادەتلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە(سۆز قىلماستىن) جىم تۇرۇڭلار»([8]).

قۇرئان كەرىم بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ياخشى ئەمەللەرگە ياتىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورقىدىغانلارغا قۇرئان بىلەن ۋەز _ نەسىھەت قىلغىن»([9]).

قۇرئاننى ئوقۇش، يادىلاش، مەنىسىنى چۈشىنىش، ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ھەم ئەمەل قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سائادەتمەنلىرى ۋە ئەڭ سەرخىللىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر»([10]) دەپ كۆرسەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە تەشەببۇس قىلىپ مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى ماھىرلىق بىلەن ئوقۇيدىغان ئادەم ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. كۆكۈل قويسىمۇ ئۇنى تەسلىكتە قىينىلىپ ئوقۇغان كىشىگە ئىككى ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بېرىلىدۇ»([11]).

قۇرئان ئوقۇغاندا كۆز يېشى قىلىشنىڭ پەزىلىتى چوڭدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان غەمكىنلىك بىلەن چۈشتى، ئۇنى ئوقۇغىنىڭلاردا يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇڭلار، ئەگەر يىغا كەلمىسە، ئۆزئارا يىغلىشىڭلار. ئۇنى چىرايلىق ئاھاڭدا ئوقۇڭلار. كىمكى قۇرئاننى چىرايلىق ئاھاڭدا ئوقۇمايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس»([12]).

ئاللاھ تائالا پەرزەنتلىرىگە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگەتكەن ئاتا ـ ئانىلارنىڭمۇ مۇكاپاتلىرىنى تولۇق بەرگۈچىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قۇرئان ئوقۇيدىكەن ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ئىش كۆرىدىكەن، ئاللاھ تائالا  قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ بېشىغا قۇياشنىڭ نۇرىدىنمۇ نۇرلۇق تاجىنى كىيگۈزىدۇ»([13]).

([1])      ئىبراھىم سۈرىسى 1- ئايەت.

([2])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([3])      فاتىر سۈرىسى 29 ـ 30 ـ ئايەتلەر.

([4])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([5])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([6])      تىرمىزى رىۋايىتى.

([7])      تىرمىزى رىۋايىتى.

([8])      ئەئراف سۈرىسى 204ـ ئايەت.

([9])      قاف سۈرىسى 45 ـ ئايەت.

([10])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([11])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([12])    ئىنبى ماجە رىۋايىتى.

([13])    ئەبۇداۋېد رىۋايىتى.