ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ،
1. ئەرەفات تېغى. شۈبھىسىزكى ئەرەفات كۈنى ئەرەفاتتا قىلىنغان ئىبادەتلەر ۋە دۇئالار قوبۇل بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «دۇئانىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەفات كۈنىدىكى دۇئادۇر»([2]) دەپ كۆرسەتكەن.
2. مۇلتەزەم (كەبىنىڭ ئىشىكى بىلەن ھەجەرۇل ئەسۋەد (قاراتاش) ئوتتۇرىسىدىكى جاي). بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «مۇلتەزەم دۇئا ئىجابەت بولىدىغان جايدۇر. بۇ جايدا ئاللاھقا دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ»([3]) دەپ كۆرسەتكەن.
3. قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنغان ۋە ئاللاھقا زىكىر ئېيتىلغان ئورۇنلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداقلا بىر قەۋم ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن بولغان بېرەر مەسجىدتە توپلىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدىكەن ۋە ئۇنى ئۆزئارا ئۆگىنىدىكەن، چوقۇم ئۇلارغا خاتىرجەملىك چۈشىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئۇلارنى ئورايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىدۇ ۋە ئاللاھ تائالا ئۇلارنى يېنىدىكى پەرىشتىلىرىگە تەرىپلەپ بېرىدۇ»([4]).
4. كەبىنىڭ ئىچى. كەبىنىڭ سول تەرىپىگە قوپۇرۇلغان دۈگلەك يېرىم تامنىڭ ئىچى كەبىگە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ تامنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ دۇئا قىلغان ئادەم كەبىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ دۇئا قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ.
5. مەككىدىكى مەسجىدى ھەرەم.
6 . مەدىنىكى پەيغەمبەر مەسجىدى.
7 . پەلەستىندىكى بەيتۇلمۇقەددەس.
8. سافا ۋە مەرۋە تاغلىرى.
9. مىنا، مۇزدەلىفە ۋە باشقىمۇ مۇقەددەس جايلار.
10. يەر يۈزىدىكى جىمى مەسجىدلەر.
11. ناماز ئوقۇلغان ھەر قانداق جايلار.
([1]) &
([2]) &
([3]) &
([4]) &