رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

دىنىمىزدا بەلگىلەنگەن ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەبلىرى ۋە شەرتلىرى بولغىنىدەك، دۇئانىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئەدەبلىرى باردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. دۇئانى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش بىلەن باشلاش. ئاندىن ھاجەتلىرىنى سوراش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئوقۇمىغانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ ئالدىراپ كەتتى» دېگەن، ئاندىن ساھابىلارغا مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: «سىلەر ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغىنىڭلاردا، ئاۋۋال ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن خالىغان دۇئالىرىڭلارنى قىلىڭلار»([1]). دۇئانى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش بىلەن ئاخىرلارشتۇرۇش ئەۋزەلدۇر.

2 . دۇئانى ئەڭ كەمتەرلىك بىلەن قىلغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇش. ئاللاھ تائالا  قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «زەكەرىيانىڭ (قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: ‹ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن › دەپ نىدا قىلدى. بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئايالىنى (تۇغىدىغان قىلىپ) بەردۇق. ئۇلار(پەيغەمبەرەر) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى»([2]).

3. ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم- سۈپەتلىرىنى، كىشى ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ۋەسىلە قىلىش. «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئۇنى شۇلار بىلەن چاقىرىڭلار»([3]). ئاللاھ تائالا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىى، دېدى»([4]).

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنىڭ:  «ئى ئاللاھ! سېنىڭ پەزلى - كەرەمىڭنى تىلەيمەن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ھەممە ساڭا مۇھتاج بولغان، پەرزەنتكە ۋە ئانىغا مۇھتاج بولمىغان، ھېچكىم ساڭا تەڭداش بولمايدىغان يەككە - يېگانە ئىلاھسەن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئادەم ئۇنىڭ بىلەن نېمە سورىسا بېرىلىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن قىلغان دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئىسمۇلئەزەم (ئاللاھنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىسمى) بىلەن دۇئا قىلدى»([5]).

4. كىشى ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ۋەسىلە قىلىش. ئىمام بۇخارى بىلەن ئىمام مۇسلىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «ئۆڭكۈردىكى ئۈچ كىشى» نىڭ قىسسىسىنى رىۋايەت قىلغان بولۇپ، قىسسىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن ئۈچ نەپەر ئادەم يولدا كېتىۋاتقىنىدا ئۇشتۇمتۇت قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ، ئۇلار بىر ئۆڭكۈرگە كىرىۋالىدۇ، تاغ ئۈستىدىن بىر يوغان تاش دومىلاپ چۈشۈپ ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋالغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلار ئۆڭكۈر ئىچىگە سولىنىپ قېلىپ چىقىپ كېتىشكە ھېچقانداق چارە قالمىغاندا، ئۇلاردىن ھەر بىرى ئۆزىنىڭ خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا ئاللاھقا كامالىي ئىخلاسى بىلەن دۇئا قىلغىنىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزى ئېچىلىدۇ ۋە ھەممىسى سالامەت چىقىپ كېتىدۇ([6]).

5. دۇئا قىلغاندا قىبلىگە قاراپ، قولىنى كۆتۈرۈش ۋە دۇئادىن كېيىن قولى بىلەن يۈزىنى سىپاش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئانى قىبلىگە قاراپ قولىنى  كۆتۈرگەن ھالدا قىلغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر كۆپ. مەسىلەن: ئەبۇ ھەمىد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابەلىرىگە ئۆزىنىڭ ھەققى بولمىغان مالنى يېيىشنىڭ قاتتىق ھاراملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى قولىنى قولتۇقلىرىنىڭ ئاق تۈكلىرى كۆرۈنگىچىلىك ئىگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ‹ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بولغىنكى، كۆزۈم كۆرگەن ۋە قۇلىقىم ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىنى يەتكۈزدۈم› دېگەن»([7]).

ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم  رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يامغۇر تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلغاندا قىبلىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلغان» دەپ قەيت قىلىنغان.

يەنە ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلىپ ئىككى قولىنى كۆتۈردى، مەن ئۇنىڭ ئىككى قولتۇقىنىڭ ئېقىنى كۆردۈم»([8]). يەنە ھەزرىتى سەلمان ئەلفارىسى رەزىيەتللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگارىڭلار ناھايىتى ھايالىق ۋە سېخىدۇر، بەندىسى ئۇنىڭغا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسا ئۇنى قۇرۇق قول ياندۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ»([9]). ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرسە يۈزىنى قوللىرى بىلەن سىلىماي چۈشۈرمەيتتى»([10]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بىر ھەدىسىدە: «ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ نەرسە سورىغىنىڭلاردا، ئالقىنىڭلار بىلەن سوراڭلار، ئۇنىڭ دۈمبىسى بىلەن سورىماڭلار» دەپ كۆرسەتكەن([11]).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كېچىسىى غەرقەد قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلغان»([12]).

6. دۇئادا ئاۋازىنى قاتتىق كۆتۈرمەسلىك، بەلكى ئاشكارىلىق بىلەن مەخپىلىك ئوتتۇرىسىدا كۆتۈرۈش. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: «پەرۋەردىگارىڭلارغا  تـۆۋەنچىلىك بىلەن ئىچىڭلاردا دۇئا قىلىڭلار»([13]) دەپ كۆرسەتكەن.

ئىمام قۇرتۇبىي بۇئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئايەت ئۈچ چوڭ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: بىرىنچىسى، ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارنى دۇئا قىلىشقا بۇيرىغانلىقى، ئىككىنچىسى، دۇئانى ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرغان ۋە يېلىنغان ھالدا قىلىشنىڭ لازىملىقى، ئۇچىنچىسى، دۇئانى رىيادىن يېراق بولۇش ئۈچۈن مەخپى قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ماختىغان. «ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا دۇئا قىلدى»([14]).

بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار دۇئا ۋە زىكىرلەرنى ئاۋازلىق ئېيتقاندىن كۆرە، مەخپى ئېيتىشنى تولىمۇ ئەۋزەل كۆرەتتى. ھەنەپىي مەزھىبىنىڭ پېشىۋاسى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىپىنىڭ «ئامىين (دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن)»نى ئىچىدە دېيىشنى ئۈنلۈك دېيىشتىن ئەۋزەل كۆرگەنلىكىمۇ، بۇ ئايەتكە ئاساسلانغان. چۈنكى «ئامىين» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىمۇ دۇئادۇر([15]).

7. دۇئادا قاپىداش سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش. چۈنكى دۇئا دېگەن چىن قەلب قاتلىرىدىن ئىختىيارسىز ھالدا ئېتىلىپ چىقىدىغان سەمىمىي ھېسسىيات بولۇپ، ئۇ سۆزلەرنىڭ بەدىئىيلىكى ۋە ئېسىللىكى  بىلەن قەتئىي ھېسابلاشمايدۇ. تىل پەقەت قەلبتىكىنى تەرجىمە قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. دۇئانى قاپىلاشتۇرغاندا، كۆڭۈل سۆزلەرنىڭ تىزىلمىسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالغانلىقتىن، دۇئادىكى سەمىمىيەت ۋە چىن ئىخلاس يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالىدۇ. بەزى مۇپەسسىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ: «پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىچىڭلاردا دۇئا قىلىڭلار. ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ» دېگەن سۆزىدىكى «ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلەر» دېگەن جۈملىنى «دۇئانى قاپىلاشتۇرغانلار» دەپ تەپسىر قىلغان.

8. دۇئا قىلغاندا ئالدى بىلەن ئۆزىگە، ئاندىن باشقىلارغا دۇئا قىلىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا دۇئا تېخىمۇ ئىخلاس بىلەن بولغان بولىدۇ، ھەزرىتى ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشىگە دۇئا قىلىپ قالسا ئالدى بىلەن ئۆزىگە دۇئا قىلىۋېتىپ، ئاندىن ئۇ كىشىگە دۇئا قىلاتتى»([16]). قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان ئۈلگىلىك مۆمىنلەرنىڭ سۈپىتىدىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن دىنىي قېرىنداسلىرىغا مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. «ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: ‹پەرۋەردىگارىمز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن›»([17])

9. دۇئا قىلغاندا ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلىش، يامانلىق ياكى گۇناھ ئىشنى تىلىمەسلىك لازىم. بەزى كىشىلەر ئاچچىغىم كەلدى دەپ ئۆزى ياكى باشقىلارنى قارغاپ بەد دۇئا قىلىپ سالىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ئىنسان (ئۆزىگە ۋە بالا - چاقىلىرىغا) خەيرلىك دۇئا قىلغاندەك، (ئاچچىقى كەلگەندە) بەد دۇئا قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر»([18]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈڭلارنىڭ، بالىلىرىڭلارنىڭ ۋە مال – مۈلكۈڭلارنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلماڭلار. ئاللاھتىن سورىسىلا بېرىدىغان بىر ۋاقىت بولۇپ، دۇئايىڭلار شۇ ۋاقىتقا  ئۇدۇل كېلىپ  قېلىپ سىلەرگە ئىجابەت بولۇپ قالمىسۇن»([19]).

10. دۇئا قىلغاندا قاشاڭلىق بىلەن ئارقا ـ ئارقىدىن قايتا - قايتا تىلەش، دۇئانىڭ ئاخىرىدا «ئامىين» دەپ ئاياغلاشتۇرۇش. ئەبۇ مۇسبەھىل مەقرائىي ئەبۇ زۇھەير ئەلنەمرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى  رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سىرتقا چىققان ئىدۇق، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىۋېتىپ ئۇنى قايتىلاۋاتقان بىر ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ دۇئاسىنى تىڭشاش ئۈچۈن توختىدى، ئاندىن ‹ئەگەر ئۇ كىشى دۇئاسىنى تاماملىسا، دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ› دېدى. ھەمراھلىرىمىزدىن بىرسى: ‹نېمە بىلەن تاماملايدۇ؟› دەپ سوراپ قالدى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئامىين› بىلەن تاماملايدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى دۇئاسىنى «ئامىين» بىلەن تاماملايدىگەن، ئۇنىڭ دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ» دېدى. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىغان ھەمراھىمىز ھېلىقى دۇئا قىلىۋاتقان ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ‹ئى پالانى! دۇئايىڭنى ‹ئامىين› بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ دۇئايىڭ ئىجابەت بولىدۇ› دېدى»([20]).

11. دۇئادا سورىغانلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن قايتىلاپ ئېيتىش. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغىنىدا ئاللاھ تائالادىن سورىغانلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن قايتىلاپ سورايتتى»([21]) دەپ كەلگەن.

([1])      ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى، نەسائى، ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

([2])      ئەنبىيا سۈرىسى 89 - 90 – ئايەتلەر.

([3])      ئەئراف سۈرىسى 180 ـ ئايەت.

([4])      يۈسۈف سۈرىسى 101- ئايەت.

([5])      تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

([6])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([7])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([8])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([9])      ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى.

([10])    تىرمىزى رىۋايىتى.

([11])    ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([12])    ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([13])    ئەئراف سۈرىسى 55ـ ئايەت.

([14])    مەريەم سۇرىسى3 ـ ئايەت.

([15])    «تەپسىرى قۇرتۇبىي»دىن ئېلىندى.

([16])    تىرمىزى رىۋايىتى.

([17])    ھەشىر سۈرىسى 10 - ئايەت

([18])    ئىسرا سۈرىسى 11- ئايەت.

([19])    ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.

([20])    ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.

([21])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.