رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى تەرك قىلىش گۇناھ بولغىنىدەك، دۇئانى تەرك ئېتىشمۇ گۇناھتۇر. چۈنكى دۇئا- ئىبادەتتۇر. مۇپەسسىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ ئىبادىتىمدىن باش تارتقۇچىلار خورلانغان ھالدا دۇزاخقا كىرىدۇ»([1])  دېگەن سۆزىنى، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن ئۆزلىرىنى بىھاجەت سانىغانلار بولۇپ، ئۇلار خورلانغان ھالدا دوزاخقا ھەيدىلىدۇ، دەپ تەپسىر قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتىكى ئىبادەت سۆزىدىن دۇئا مەقسەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن باش تارتقان ئادەم ئۆزىنىڭ بەندىچىلىكىنى، ئاجىزلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالاغا ھەمىشە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشتىن باش تارتقانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداقلارنىڭ گۇناھى ھەقىقەتەن ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن باش تارتقان ئادەم تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئادەمنىڭ بىرىدۇر: بىرىنچىسى، ئۆزىگىلا ئىشەنگەنلىكتىن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن ئۆزىنى بېھاجەت ساناپ دۇئانى تەرك ئەتكەن ئادەم. مۇنداق ئادەم ھەددىنى بىلمىگەن مۇتەكەببىرلەردىن سانىلىدۇ. شەيتانمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلىقىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتىن باش تارتقان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇ تا قىيامەتكىچە ئاللاھ تائالانىڭ ۋە پۈتۈن خەلقنىڭ لەنىتىگە لايىق بولغان. ئىككىنچىسى، دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ ھاجەتلىرىنىڭ راۋا بولىشىغا ئىشەنچ قىلالمىغان(ئاللھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلەنگەنلىكتىن دۇئانى تەرك ئەتكەن) ئادەم بولۇپ، مۇنداقلارمۇ ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئۈمىدسىزلىك كۇپرىنىڭ جۆرىسىدۇر. قۇرئان كەرىم ئۈمىدسىزلىكنى كاپىرلارنىڭ سۈپىتىدىن سانايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ»([2]) دەيدۇ.

خەلقىمىزدىمۇ: «ئۈمىدسىز- شەيتان» دېگەن ھېكمەت بار.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سورىمىغان ئادەمگە غەزەپ قىلىدۇ»([3]) دەپ كۆرسەتكەن.

([1])      غافىر سۈرىسى 60 ـ ئايەت.

([2])      يۇسۇف سۈرىسى 87 ـ ئابەت.

([3])      تىرمىزى رىۋايىتى