رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس شەرتلىرى بولغىنىدەك، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈنمۇ مەخسۇس شەرتلەر باردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:  1. دۇئانى ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىخلاس بىلەن قىلىش. ھەر قانداق بىر ئەمەل – ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئىخلاس شەرت قىلىنغىنىدەك، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈچۈنمۇ ئەلۋەتتە ئىخلاس شەرت قىلىنىدۇ. ئىخلاس قەلب قېتىدىن كەلگەن سەمىمىي سۆيگۈ بىلەن كۆرسىتىلگەن چىن ساداقەت دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالاغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغاندا، ئۇنىڭغا شۇنداق سۆيگۈ ۋە ساداقەت بىلەن يۈزلىنىش تەلەب قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز، زاكات، روزا، ھەج، دۇئا ۋە باشقىمۇ بارلىق ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئىخلاسنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى»([1]).

2. دۇئا قىلغۇچىنىڭ يېمەك- ئىچمىكى ۋە كىيىم- كېچىكى ھالالدىن بولۇشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدا مۇنداق دېگەن:«ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پاكتۇر، ئۇ پەقەت پاك بولغاننىلا قوبۇل قىلىدۇ»([2]). بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: قەلبى پاك، يېمەك- ئىچمەكلىرى ھالالدىن بولۇپ، پاك بولغانلارنىڭلا قىلغان ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. شۇڭىمۇ ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى پاكلىققا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىمەن»([3]).

ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بۇيرىغاننى بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار»([4]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ئۈستى بېشىنى چاڭ توزان قاپلىغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان قىياپەتتە ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ‹ئى پەرۋەردىگارىم! ئى ئىگەم!› دەپ دۇئا قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېگەن ـ ئىچكەنلىرى ھارامدىن، كىيگەنلىرى ھارامدىن بولۇپ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسۇن!؟»([5]).

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، بىراۋ ئەڭ بېچارە قىياپەتتە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان ۋە ئۇ شۇ ھالىتى بىلەن دۇئاسى ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ تېگىشلىك بولغان تۇرسىمۇ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. ساھابىلار يېمەك – ئىچمەكلىرىنىڭ ھالالدىن بولىشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇلار ھالاللىقى ياكى ھاراملىقىدا ئازراق شۈبھە بولغان نەرسىلەردىنمۇ خۇددى ئوتتىن قاچقاندەك قاچاتتى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇنىڭ بىر كىشى تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان يېمەكنى يەپ سېلىپ، ئۇنىڭ ھالاللىقىدا شۈبھە بارلىقىنى بىلگىنىدىن كېيىن، قولىنى ئاغزىغا تىقىپ تۇرۇپ ناھايىتى تەسلىكتە ئۇنى ياندۇرىۋەتكەنلىك قىسسىسىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھارام يېيىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە يېتەرلىكتۇر.

3. دۇئانى ئاللاھتىن ئۈمىدۋارلىق بىلەن قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر ‹دۇئا قىلسام دۇئايىم ئىجابەت بولمىدى›، دەپ ئۈمىدسىزلىنىپلا قالمىساڭلار دۇئايىڭلار چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ»([6]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى: «كىشى گۇناھ ئىشلەشكە ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىق رىشتىسىنى ئۈزۈشكە دۇئا قىلمىسا ۋە دۇئاسىنىڭ تېز ئىجابەت بولۇشىغا ئالدىراپلا قالمىسا، ئۇنىڭ ھەر قانداق دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ» دېگەندە، ساھابىلەر: يارەسۇلەللاھ! ئالدىرىغانلىق دېگەن نېمە؟ دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: ئالدىرىغانلىق دېگەن ‹شۇنچە كۆپ دۇئا قىلساممۇ، دۇئايىم ھېچ ئىجابەت بولمىدى› دەپ دۇئادىن زىرىكىپ ئۇنى تەرك ئېتىشتۇر»([7]) دەيدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى رىئاللىققا ئايلانغان بىر ھەقىقەت بولغىنىدەك، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان چەكسىز مېھىر ـ شەپقىتى يۈزىسىدىن كىشىلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن بەزىلەرنىڭ دۇئاسىنى تېز، بەزىلەرنىڭكىنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا ئىجابەت قىلىدىغانلىقى ۋە بەزىلەرنىڭكىنى ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ساۋاب قاتارىدا ساقلاپ قويىدىغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەتتۇر. تەجرىبىلەرمۇ بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلىماقتا.

4. دۇئانى يۈرەكتىن قىلىش يەنى تىل دۇئا بىلەن، دىل باشقا نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولماستىن، تىلنى دىلدىكىلەرنىڭ تەرجىمانى قىلىپ تۇرۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ۋە كامالىي ئىخلاسىنى ئاللاھقا بېغىشلىغان ھالدا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇش لازىم. شۇنداق قىلغان دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «سىلەر ئاللاھقا دۇئا قىلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ئىجابەت بولىشىغا چىن ئىشەنگەن ھالدا قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تائالا غەپلەتتىكى پەرۋاسىز كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ»([8]).

5. دۇئانى ئۇنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا چىن ئىشەنچ بىلەن قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلغىنىدا ‹ئى ئاللاھ! ئەگەر خالىساڭ مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەگەر خالىساڭ ماڭا رەھىم قىلغىن› دىمىسۇن. بەلكى سورىغانلىرىدا قەتئىي بولسۇن، تىلىكىنىڭ قوبۇل بولىشىغا ئىشەنچ قىلسۇن. چۈنكى ئاللاھقا ھېچنەرسە ئېغىر كەلمەيدۇ»([9]).

6. ئۇرۇق- تۇغقانلىق رىشتىسىنى ئۈزۈش ياكى گۇناھ - مەسىيەت ئىشلەش ئۈچۈن دۇئا قىلماسلىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ دۇئاسىدا گۇناھ ئىشلەش ياكى سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈش بولمىسىلا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئۈچ ياخشىلىقنىڭ بىرىنى بېرىدۇ: يا ئۇنىڭ دۇئاسىنى تېز ئىجابەت قىلىپ تىلگىنىنى بېرىدۇ ياكى ئۇنى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ياخشىلىق قاتارىدا ساقلاپ قويىدۇ ياكى ئۇنىڭ دۇئاسىنىڭ ئوخشىشىدا يامانلىقنى ئۇنىڭدىن قايتۇرىۋېتىدۇ. ساھابىلەر: ‹ئۇنداقتا بىز دۇئانى كۆپ قىلايلى› دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹ئاللاھنىڭ بېرىدىغىنى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپتۇر› دېگەن»([10]).

([1])      بەييىنە سۈرىسى 5 – ئايەت.

([2])      ئىمام مۇسلىمرىۋايىتى.

([3])      مۇئمىنۇن سۈرىسى51 – ئايەت.

([4])      مائىدە سۈرىسى 88 ـ ئايەت

([5])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([6])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([7])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([8])      تىرمىزى رىۋايىتى.

([9])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([10])    ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.