رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m014.jpg
رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاقىرىقى ئىنسانلارنى ئەركىنلىككە
ئېرىشتۈرۈش ۋە ئىنساننىڭ ئىنسانغا قۇل بولۇشىنى تۈپتىن يوقىتىشقا چاقىرىش
ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامدا ئىنسانىي ئەركىنلىكنى ئاساس قىلىپ، ئۇنى
ياراتقۇچىنىڭ ئىنساننى ھۆرمەتلىشىنىڭ دەلىلى قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلارنى قۇل قىلىش يوللىرى تارلاشتۇرۇپ ،ئازات قىلىش
يوللىرىنى كېڭەيتتى ۋە ئىنسانلارنى قۇل ئازات قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ:
«كىمكى بىر قۇلنى ئازات قىلسا، اللە قىيامەت كۈنى ئازات قىلىنغۇچىنىڭ ھەر
بىر ئەزاسى ئۈچۈن ئازات قىلغۇچىنىڭ بىر ئەزاسىنى دوزاختىن ئازات قىلىدۇ»
دېدى. 

گىرمانىيەلىك
شەرقشۇناس ئالىم ئادەم متز قۇل ئازات قىلىش ئىسلام پرىنسىپلىرىدىن بىر
پرىنسىپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " ئىسلامدا
قۇللارنىڭ پايدىسىغا بولغان بىر پرىنسىپ بار، ئۇ بولسىمۇ قۇل مەلۇم
مىقداردا پۇل بېرىپ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى سېتىۋالالايدۇ. ئەر ياكى ئايال
قۇلنىڭ ئۆزى خالىغان ئىشتا مۇستەقىل ئىشلەش ھوقۇقى بار. شۇنىڭدەك ئىنسان
ئۆلۈش ئالدىدا قولى ئاستىدىكى قۇللارنىڭ بىر قىسمىنى ئازات قىلىشقا ۋەسىيەت
قىلىش ئىسلامدا ياخشى ئىش ۋە گۈزەل ئادەتلەردىندۇر." 

رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇللارنىڭ شەنىنى كۆتۈرۈپ ــ خرىستىئان
مۇتەپەككۇر نۇزمىي لوقا دېگەندەك ــ "ھەبەش قارا قۇللارنى قۇرەيش
پادىشاھلىرى بىلەن ئوخشاش قىلدى." 

 قۇرەيش
رەھبەرلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇللارنى ئازات
قىلىشقا ۋە قۇللارنى مەككىنىڭ كاتتىۋاشلىرى بىلەن ئوخشاش قىلىشقا چاقىرغان
دەۋىتىگە قاتتىق قارشى تۇرغان. مەككىنىڭ كاتتىۋاشلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەگەر يېنىڭدىكى يالاڭتۆش قۇللارنى
قوغلىۋەتسەڭ، بىز سېنىڭ دىنىڭنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئۇنى مەككىدە تارقىتشقا
يول قويىمىز، دېگەندە، اللە تەئالا رەسۇلۇللاھنى قۇللارنى تەرك ئېتىش ياكى
قوغلىۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ اللە يولىدا ئەڭ قىممەتلىك
نەرسىلىرىنى (يەنى جانلىرىنى) پىدا قىلىغانلىقىنى، ئەتىگەن ـ ئاخشام اللەغا
دۇئا قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلار قۇرەيش كاتتىلىرىغا ئوخشاش مەنسەپ ياكى
مەرتىۋە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان: )
سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۇنىڭغا
ئىبادەت قىلىدىغانلار (يەنى ئاجىز، كەمبەغەل، قۇل مۇسۇلمانلار) بىلەن
سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇ زىننىتىنى (يەنى
مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ سۆھبىتىنى) دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن،
بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى
ھەددىدىن ئاشقان ئادەمنىڭ (سۆزى )گە ئەگەشمىگىن.( [سۈرە كەھف 28ـ ئايەت]

ئىسلام
شەرىئىتىدە قۇللارنىڭ كىشىلەرنى قۇل قىلىدىغان ۋە يەر يۈزىدە ناھەق
زوراۋانلىق قىلىدىغان قۇرەيش چوڭلىرىدىن قىممىتى يۇقىرىدۇر. ئۇلار كۆڭلى
يىنچىكە،  دىلى پاك، مۇبارەك كىشىلەردۇر. شۇڭا ئىسلام دەۋىتى ساھىبى بولغان
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، قۇللار ھەققىدە ئۇلارنى كۆزى
ئالدىدا تۇتۇشقا ئەمرى قىلىپ، بەلكى ئۇلۇغ پەيغەمبەرنى قۇللارنى قويۇپ
كاتتىلارنىڭ سۆھبىتىگە مايىل بولۇش ياكى قۇللارنى تاشلاپ ئۇلارنىڭ سۆزىگە
ئىتائەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئاسماندىن ئايەت نازىل بولدى.

قۇللار
ئىسلام تەلىماتى سايىسىدا ھۆرمەت ۋە ھۆررىيەتكە ئېرىشتى؛ نامراتلىق ۋە
خورلۇقنىڭ زەنجىرىدىن قۇتۇلدى؛ خوجايىنلارنىڭ قامچىسىدىن ۋە تاشلارغا
چوقۇنۇشتىن ئازات بولدى. بەلكى ئىسلام قۇللارنى مۇسۇلمانلارنىڭ
ئۇلۇغلىرىدىن قىلدى. ھەتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇ بەكرى
رەزىيەللاھۇئەنۇنىڭ بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سېتىۋېلىپ ئازات قىلىش
ۋەقەنى "خوجىمىز خوجىمىزنى ئازات قىلدى" دەپ ئىپادىلىگەن.

قۇللارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ھەققىدە پەيغەمبەر تەلىماتى:

پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يوليورۇقلىرىنى پىكىر قىلغان كىشى، بۇ
ئىنسانىيەت پەيغەمبىرىنىڭ قۇللارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش يولىدا كۆرسەتكەن
تىرىشچانلىقىنى قانچىلىك چوڭلىقىنى كۆرىدۇ ۋە قۇللارنىڭ ئىسلامدىكى
ھۆرمىتىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىدۇ. بۇ يەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنىڭ قۇللار ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىدىن بىر نەچچىنى مىسال ئۈچۈن
كەلتۈرىمىز:

بىرىنچى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەر ـ ئايال قۇللار ھەققىدە قىلغان ۋەسىيىتى:

رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەپەس ئۈزۈش ئالدىدا سۆزلىگەن ئەڭ ئاخىرقى
سۆزى ئەر ـ ئايال قۇللارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋەسىيەت قىلىش بولغاندۇر.
ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاخىرقى سۆزى «نامازنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ساقلاڭلار،
قول ئاستىڭلاردىكىلەر ھەققىدە اللەدىن قورقۇڭلار» دېگەندىن ئىبارەت بولغان
ئىدى."  پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەكراتتا تۇرۇپ
مۇسۇلمانلارغا قۇللارغا ياخشىلىق قىلىش ھەققىدە ۋەسىيەت قىلدى. ئۇ ھاياتىدا
قۇللارغا قۇچاق ئېچىپ ئۇلارنى قوغدىغان ئىدى، ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۇلارغا
ياخشىلىق قىلىشقا ۋەسىيەت قىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
قۇللار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇئەللىم، ئەڭ ياخشى ئاتا ۋە ئەڭ ياخشى ئازات
قىلغۇچى بولغاندۇر.

ئىككىنچى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇللارغا ئەزىيەت بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرىشى:

پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇللارنى ئۇرۇش ياكى ئۇلارغا ئەزىيەت بېرىشكە
ئەڭ قاتتىق غەزەپلىنەتتى. ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
"مەن قۇلۇمنى ئۇرىۋاتاتتىم، ئارقامدىن: «ئى ئەبۇ مەسئۇد! بىلىپ قويغىنكى،
اللەنىڭ سېنىڭ بۇنىڭغا كۈچىڭ يەتكىنىدىن بەكرەك ساڭا كۈچى يېتىدۇ» دېگەن
ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئارقامغا قارىسام ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم ئىكەن. ئۇنى كۆرۈپ: "يا رەسۇلۇللاھ! بۇ قۇلنى اللە رازىلىقى ئۈچۈن
ئازات قىلدىم" دېدىم. رەسۇلۇللاھ: «ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ دوزاخ سېنى
تۇتىدۇ» دېدى." 

رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىنى مانا مۇشۇنداق تەربىيىلەيتتى ۋە
ئىنسانلارنى بولۇپمۇ ئاجىز، قۇل، خىزمەتچى ۋە كىراكەشلەرنى ھۆرمەتلەشنى
ئۆگىتەتتى.

رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ئاتىلىق چاقىرىقى ھەر زامان ۋە ھەر
ماكاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئۇلارنى
قۇللارنى ئازات قىلىشقا جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا ئەمرى قىلىش بىلەن بىرگە
ئۇلارنى قىيناشتىن ياكى ئىزىشتىن ساقلاپ ھىمايە قىلىشنى بۇيرۇيدۇ.

ئۈچىنچى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇللارغا ياخشىلىق قىلىشقا ئەمرى قىلىشى:

رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە قۇللارغا ئەڭ شەپقەتلىك
زات ئىدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ شەپقەتلىكى ئىدى، اللە بىلەن قەسەمكى،
ئۇ سوغۇق كۈندە سۇ ئېلىپ كېلىپ بىر قۇلنىڭ ياكى دېدەكنىڭ ياكى كىچىك
بالىنىڭ يۈزىنى ۋە قوللىرىنى يۇيۇشتىن چېكىنمەيتتى. بىر كىشى بىر سوئال
سورىسا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، سورىغۇچى ئايرىلمىغىچە رەسۇلۇللاھ
ئايرىلمايتتى. بىر كىشى ئۇنىڭ قولىنى تۇتسا، ئۇ كىشى قولىنى تارتمىغىچە
رەسۇلۇللاھ قولىنى تارتمايتتى." 

مەئرۇر
ئىبنى سۇۋەيد مۇنداق دەيدۇ: "رەبدە دېگەن يەردە ئەبۇ زەر بىلەن ئۇچرىشىپ
قالدىم، ئۇ چىرايلىق تون كىيگەن ۋە خىزمەتچىسىگىمۇ ئۆزىنىڭكىگەئوخشاش تون
كىيدۈرگەن ئىدى. مەن بۇنىڭ سەۋىبىنى سورىۋىدىم، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
"مەن بىر ئادەمنى تىللىدىم، ئۇنى ئانىسى بىلەن ئەيىبلەپ "قارا خوتۇننىڭ
بالىسى" دېدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا:  «ئى ئەبۇ
زەر! سەن ئۇنى ئانىسىنى تىلغا ئېلىپ ئەيىبلىدىڭمۇ؟ سەن تېخى جاھىلىيەت
قىلىقىنى تاشلىمىغان ئادەم ئىكەنسەن، خىزمەتچىڭلار قېرىنداشلىرىڭلاردۇر
(يەنى قۇل ـ چۆرىلەرن دىندا ۋە ئىنسانلىقتا سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلاردۇر)،
اللە ئۇلارنى سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلدى. كىمكى قېرىندىشى قول
ئاستىدا بولسا (يەنى قولى ئاستىدا قۇل ـ چۆرە بولغان كىشى) ئۇنىڭغا ئۆزى
يېگەن نەرسىدىن يېدۈرسۇن، ئۆزى كىيگەن نەرسىدىن كىيدۈرسۇن، ئۇلارنى
قىلالمايدىغان ئىشقا بۇيرۇماڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ئېغىر ئىشقا بۇيرۇساڭلار،
ئۇلارغا ياردەم قىلىڭلار» دېدى." 

رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە قۇللارنى مەسخىرە قىلىشنى،
ئۇلارنى رەڭگى ـ رويى ياكى نەسەبلىرى سەۋەبلىك زاڭلىق ئېتىشنى ھارام قىلدى.
شۇنىڭدەك قۇللارنى ئېغىر ئىشقا سېلىشنى ھارام قىلدى ۋە  ئۇلارنى ئېغىر
ئىشقا بۇيرۇشقا توغرا كېلىپ قالسا، ئۇلارغا ياردەملىشىشنى ۋاجىب قىلدى.
فىقھى ئۆلىمالىرى قۇللارنى كېچە ـ كۈندۈز ئىشلىتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق
دەيدۇ: "ئەگەر خوجايىن قۇلنى كۈندۈزى ئىشلەتسە، كېچىسى ئارام ئالدۇرۇشى
كېرەك. كېچىسى ئىشلەتسە كۈندۈزى ئارام ئالدۇرىشى كېرەك. ياز كۈنلىرىدە
كۈندۈزى ئارام ئېلىش، ئۇخلىۋېلىش ۋە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن پۇرسەت بېرىشى
ۋاجىب. ئەگەر قۇلىنى سەپەرگە بىرگە ئېلىپ چىقسا، ئۇنى بىر ئۇلاغقا
مىندۈرۈشى ياكى بىر ئۇلاغقا نۆۋەتلىشىپ مىنىشى لازىم."

بەزى
فىقھى ئالىملىرى، ئەگەر قۇل خرىستىئان بولسا، ئۇنى چىركاۋغا بېرىشتىن ياكى
ھاراق ئىچىشتىن ياكى چوشقا گۆشى يېيىشتىن توسماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇ
ئىشلار ئۇنىڭ دىنى ھوقۇقى. بۇ سۆزنى ئەلبەننانىي دېگەن كىشى «ئەلمۇدەۋۋەنە»
كىتابىدا ئىمام مالىكنىڭ سۆزىدىن نەقلى قىلدى. 

بۇ
يەردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇلنى ئەيىبلىگەن كىشىنى
«سەن تېخى جاھىلىيەت قىلىقىنى تاشلىمىغان ئادەم ئىكەنسەن» دېگەن سۆزىنى
بىرلىكتە پىكىر قىلايلى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزى قۇلنى سۆزى ياكى ھەرىكىتى
ئارقىلىق خورلاش ۋە ئۇنىڭغا ئازار بېرىش  جاھىليەت قىلىقى ئىكەنلىكىنى
كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزى بىلەن قۇللارنى خورلىغانلارنى ئىسلامىيەتتىن
بۇرۇنقى جاھىلىيەت قىلىقىنى قىلغانلار دەپ سۈپەتلىدى.

تۆتىنچى، قۇللۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن خەلقنى ھەرىكەتلەندۈرۈش:

سەلمان
فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر مۇددەت مەدىنە چوڭلىرىدىن بىرىنىڭ قولىدا
قۇل بولغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بەزى جىھادلارغا قاتنىشالمىدى. مەسىلەن:
بەدىر ۋە ئۇھۇد غازاتلىرىغا چىقالمىدى. سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ ھالىنى ئېيتتى. رەسۇلۇلاھ،
خوجايىنى بىلەن پۇل بېرىپ ئازات بولۇشقا كېلىشىشنى مەسلىھەت بەردى. ئۇنىڭ
خوجايىنى 300 دانە خورما دەرىخى تىكىپ بېرىش ۋە 40 ئۇقىيە ئالتۇن بېرىش
بەدىلىگە ئازات قىلىشنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مۇسۇلمانلار
سەلماننى ئازات قىلىشقا سەپەرۋەر بولۇپ خورما دەرەخلىرىنى ئېلىپ كېلىپ،
تىكىلىدىغان يەرلەرنى كولاپ تىكتى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
كېلىپ ئالتۇنلارنى مۇبارەك قولى بىلەن تاپشۇرۇپ سەلماننى ئازات قىلدى.

سەلمان
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتناشقان بىرىنچى غازات خەندەك غازىتى ئىدى. بۇ
غازاتتا مەدىنىنىڭ ئەتراپىغا خەندەك كولاش پىكرىنى سەلمان رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ ئوتتۇرىغا قويدى. سەلماننىڭ پىكرى غەلىبە قىلىپ ئىدى، ئۇنىڭ ئەقلنىڭ
ئۆتكۈرلىكى ۋە خەندەك كولاش پىكرى ئارقىلىق ئىسلام دۆلىتىگە قىلغان خىزمىتى
سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ ئۇنى قەدىرلىشى ناھايىتى ئاشتى. ئەنسارلار: "سەلمان
بىزدىن" دېدى. مۇھاجىرلار: "سەلمان بىزدىن" دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سەلمان بىزدىن ـ ئالى بەيتتىن» دېدى.   

ئىسلام
دۆلىتىدە قۇللار تىرىشچانلىقى ۋە جەمئىيەتكە قىلغان خىزمىتى بىلەن مانا
مۇشۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىگە چىقتى. ئۇلارنىڭ قۇل بولغانلىقى مۇسۇلمان
قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ھېچقاچان ئەيىب سانالغان ئەمەس.

بۇنىڭدىن
باشقا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇل ئازات قىلىش ئۈچۈن
خەلقنى ئەمەلى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانلارنى قۇللۇقتىن ئازات قىلىش
ئۈچۈن خەلقنى سەپەرۋەر قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى جەمئىيەتكە ۋاجىب قىلدى.

بەشىنچى، «قۇلنى ئۇرۇشنىڭ كاپارىتى ئۇنى ئازات قىلىش» دېگەن قائىدىنى چىقىرىش:

ئىسلام
قۇللارنى ئازات قىلىش ئۈچۈن ئىشىك ئېچىپ، «قۇلنى ئۇرۇشنىڭ كاپارىتى ئۇنى
ئازات قىلىش» دېگەن قائىدىنى بېكىتتى. بۇنداق بىر قائىدە ئەينى زاماندىكى
جاھىلىيەت دەۋرىدە يوق ئىدى. بۇ قائىدە خوجايىنى ئۇرغان قۇلغا ئازات بولۇش
ھوقۇقىنى بەردى.

ئەبۇ
سالىھ زەكۋان زازاننىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "مەن ئابدۇللاھ
ئىبنى ئۆمەرنىڭ يېنىغا باردىم، ئۇ بىر قۇلىنى ئازات قىلىۋەتكەندىن كېيىن،
يەردىن بىر تال شاخنى ئېلىپ، "بۇ قۇلنى ئازات قىلغانلىقىم ئۈچۈن بۇ
شاخچىلىك ساۋابقا ئېگە بولمايمەن، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى قۇلىنى كاچاتلىسا ياكى ئۇرسا، ئۇنىڭ كاپارىتى ئۇ قۇلنى
ئازات قىلىشتۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم" دېدى." 

ئالتىنچى، ئىسلام دۆلىتىنىڭ مېيىپ ياكى كېسەل قۇلغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى:

ساھابە
كىراملاردىن زىنبائ ئەبۇ روھ نىڭ سەندەر ئىبنى سەندەر ئىسىملىك بىر قۇلى
بار ئىدى. ئۇ قۇلىنىڭ چۆرىلەردىن بىرىنى سۆيۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ،
قۇلنىڭ زەكىرىنى كېسىۋەتتى ۋە بۇرنىنى داغلىدى. مەزكۇر قۇل پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى بايان قىلدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زىنبائغا «نېمە سەۋەبتىن مۇنداق
قىلدىڭ؟» دېدى. زىنبائ: "بۇ مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلدى" دەپ قۇلنىڭ
چۆرىگە قىلغانلىرىنى بايان قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
ھېلىقى قۇلغا: «بارغىن سەن ھۆرسەن» دېدى. قۇل: "يارەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ئىگەم
كىم بولىدۇ؟" دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سېنىڭ
ئىگەڭ اللە ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرى» دېگەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارغا ئۇنىڭغا
كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەسىيەت قىلدى.

پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات قىلغاندىن كېيىن ھېلىقى قۇل ئەبۇ بەكرى
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: "مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنىڭ ۋەسىيەت قىلغان كىشىسىدۇرمەن" دېدى. ئەبۇ بكرى رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ "توغرا، سېنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ نەپىقىسى داۋام قىلىدۇ" دېدى. ۋە ۋاپات
بولغىچىلىك ئۇنىڭ نەپىقىسىنى دۆلەت خەزىنىسىدىن بەردى. ئەبۇ بەكرى
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغانلدىن كېيىن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ
يېنىغا كېلىپ: "مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەسىيەت
قىلغان كىشىسىدۇرمەن" دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "توغرا، قەيەردە
تۇرۇشنى خالايسەن؟" دېدى. ئۇ: "مىسىردا تۇرۇشنى خالايمەن" دېۋىدى، ئۆمەر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىسىرنىڭ ۋالىسىغا ئۇنىڭغا تېرىپ يەيدىغان يەر بېرىش
ئۈچۈن خەت يېزىپ بەردى.

ئىسلام
شەرىئىتىدە دۆلەت خۇددى ھۆر پۇقرالارغا كاپالەتلىك قىلغاندەك  مېيىپ
قۇللارغىمۇ كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇلارغا كىشىلەرگە موھتاج بولۇپ قول سۇنۇش
ياكى تىلەمچىلىك قىلىشتىن بىھاجەت قىلىدىغان شەكىلدە دائىمى مائاش
بەلگىلەيدۇ.

قۇللۇق قانۇنى چىقاردى دېگەن تۆھمەتكە رەددىيە.

خوجىمىز
ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇل ئازات قىلىش، بەلكى
قۇللۇقنى يوقىتىش ئۈچۈن شۈنچىلىك تىرىشقان بولسىمۇ، بەزى دۈشمەنلەر
"مۇھەممەد قۇللۇق قانۇنىنى چىقارغان" دەپ داۋا قىلىدۇ. بۇ تۆھمەتكە جاۋاب
بېرىشنى ئەللامە لايتنرغا بېرىمىز. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىز خرىستىئانلاردىن
بولغان ئەقىلسىزلارنىڭ ئىسلام دىنىنى گويا قۇللۇق قانۇنىنى چىقارغان دەپ
ئەيىبلىگەنلىكىى كۆرىمىز. ھالبۇكى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
قۇل ئازات قىلىشقا تەرغىب قىلغان. بۇ بولسا قۇللۇقنى ھەقىقىي يوقىتىش ئۈچۈن
ئەڭ مۇناسىپ ۋاستىدۇر." 

فرانسىيىلىك
يازغۇچى فانسان مونتييھ بۇ تۆھمەتكە قارشى چىقىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلار
ئىسلامدىن كېيىن ئەمەس بەلكى ئىسلامدىن ئىىلگىرى مەۋجۇد بولغان قۇللۇق
بىلەن ئىسلامنى ئەيىبلەيدۇ. ھالبۇكى ئىسلام يېڭى تارقىلىپ، ئىسلام
تەلىماتلىرى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن تارتىپ قۇللۇقنى ئەمەلدىن
قالدۇرۇشقا تىرىشقان. بەلكى ئىسلام ئىنساندىن ئۆتىلىدىغان كۆپلىگەن
گۇناھنىڭ كاپارىتىنى قۇل ئازات قىلىش قىلغان ۋە قۇل ئازات قىلىشنى اللە
تەئالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ساۋابلىق تائەت ـ ئىبادەتلەردىن قىلغان."  

ئەنگىلىيىلىك
مۇتەپەككۇر كويليام، ئىسلام دۈشمەنلىرى توقۇپ چىققان رىۋايەلەر ۋە
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قۇل قىلىشنى ۋە قۇل تىجارىتىنى يولغا قويغان
دېگەن داۋالار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "بۇنداق رىۋايەتلەر ھەقىقەتتىن
پۈتۈنلەي يىراق بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭ بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر
قىلىش مۇمكىن ئەمەس."  كويليام مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ
ئەرەب يېرىم ئارىلىدا قۇل تىجارىتىنى يوقاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە شەرقىي
ئاپرىقا بىلەن ئوتتۇرا ئاپرىقىدا قۇل قىلىش ۋە قۇل تىجارىتىنىڭ ئەۋج
ئالغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاپرىقا رايونلىرىدا بۇنداق
ئەھۋالنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ سەۋىبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "چۈنكى ئۇ
رايۇنلارغا ئىسلام كىرمىگەن، بۇنىڭ دەلىلى ئىسلام دىنىنىڭ خۇسۇسىيىتى قۇل
تىجارىتىنى مەڭگۈلۈك بىكار قىلىشتۇر."  ھالبۇكى قۇل قىلغۇچىلار ۋە قۇل
سودىگەرلىرى ـ ئىدۋار بروي دېگەندەك ـ ياۋرۇپالىقلاردىن ئىدى.  "ياۋرۇپالىق
قۇلدارلار ۋە قۇل سودىگەرلىرىنىڭ ئاپرىقا رايۇنلىرىدا پەيدا قىلغان بېھودە
قىلىقلىرى سەۋەبلىك ئۇ يەردىكى تەرەققىيات ھەرىكىتى توختاپ قالغان"

ئەگەر
ئىنسانىيەت پەيغەمبىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇللۇققا قارشى
شۇنچە ئۈرەش قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئىسلام قۇللۇقنى ۋە ئىنسان تىجارىتىنى
پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرمىغان، دېيىلسە، جاۋاب بېرىمىزكى، ئىسلام دۆلىتى
ئۆزى يالغۇز قۇللۇق ۋە قۇل تىجارىتى ئادىتىنى يوق قىلالمايدۇ، بۇنىڭ بىر
نەچچە مەنتىقلىق سەۋىبى بار:

بىرىنچى
سەۋەب: قۇللۇق ۋە قۇل تىجارىتى ھادىسىسى قەدىم زامانلاردىن تارتىپ ئەرەب
ۋە غەيرى ئەرەب مىللەتلەردە چوڭقۇر ئورۇنلىشىپ كەتكەن ۋە كەڭ تارقالغان
ئادەت ئىدى. ئىسلام شەرىئىتى ھەر قانداق يامان ئادەت ۋە ناچار ئىللەتلەرنى
تەدرىجىي يوقىتىش ئادىتى بويىچە قۇل قىلىش يوللىرىنى تارلاشتۇرۇپ، قۇل
ئازات قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

ئىككىنچى
سەۋەب: بۇ ئادەت ئىسلام كېلىشتىن ئىىلگىرى دۇنياۋىي ئادەتكە ئايلانغان
بولۇپ، بارلىق دۆلەتلەر ۋە ئىمپراتورلۇقلار ئىستىسناسىز قۇل قىلىش ۋە
ئىنسان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇللۇقنى يوقىتىش پۈتكۈل
دۆلەتلەرنى قۇل قىلىش ۋە ئىنسان تىجارىتىدىن مەنئى قىلىشقا زورلايدىغان
ئومۇمىي خەلقئارالىق ئىتتىپاققا موھتاج ئىدى. ھەممىگە مەلۇمكى، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاقتىدىكى يېڭى ئىسلام دۆلىتى بۇ
ئادەتلەرنى پۈتۈنلەي توسالايدىغان كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگە ئەمەس ۋە دۇنيانىڭ
ھەر تەرىپىگە تارقالمىغان ئىدى.

ئۈچۈنچى
سەۋەب: مۇسۇلمانلار ئىسلامنى تېخى يېڭى تونىغان ئىدى. ئەگەر ئىسلام دۆلىتى
قۇللۇقنى مەنئى قىلىش قارارى چىقارسا، سودا ـ تىجارىتى ۋە ئىشلىرى ئاشۇ
قۇللار ئارقىلىق بولىدىغان بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن قاتتىق قىيىنچىلىق پەيدا
بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام تۈزۈمىنىڭ قۇللۇق ۋە قۇل تىجارىتىنى يوقىتىشتا
تەدرىجىيلىك پرىنسىپىنى تۇتىشى كېرەك ئىدى.

تۆتىنچى
سەۋەب: ئىسلام دۆلىتى ئازات قىلىنغان قۇللارغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋە
ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە يەتكۈدەك مالىي ۋە
ئىقتىسادىي شارائىتقا ئىگە ئەمەس ئىدى. ھەممىگە مەلۇمكى، قۇللار
خوجايىنلىرىنىڭ كاپالىتىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ مېلىدىن يەپ ـ ئىچەتتى ۋە
ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدا ئىشلەيتتى.

ئىنسان تىجارىتىنى ھارام قىلىش:

ئىسلام
شەرىئىتىدە قۇللۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى شۇكى، ئىسلام
ئىنسان تىجارىتىنى بولۇپمۇ ھۆر ئاياللار بىلەن كىچىك بالىلارنى سېتىشنى
قەتئىي ھارام قىلغاندۇر. ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «اللە
ئېيتىدۇ: )مەن قىيامەت كۈنى ئۈچ خىل كىشىگە دۈشمەن بولىمەن: مېنىڭ نامىم
بىلەن ۋەدە بېرىپ، سۆزىدە تۇرمىغان ئادەم، ھۆر ئادەمنى سېتىپ پۇلىنى يېگەن
ئادەم ۋە بىراۋنى كىرالاپ ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ھەققىنى بەرمىگەن
ئادەم(» 

بۇ
يەردە ئىنسان تىجارىتى قىلىشنى خىيانەت، سۆزىدە تۇرماسلىق ۋە زۇلۇم
قاتارىدىن قىلدى. اللە تەئالا پۈتكۈل خائىنلارغا دۈشمەن، لېكىن بۇ يەردە
مەزكۇر ئۈچ خىل ئادەمگە دۈشمەنلىكىنى قاتتىق تەكىتلەشنى مەقسەت قىلغان.
چۈنكى ئۇلار ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئائىت ئېغىر جىنايەت ئىشلىگەن.
مەسىلەن: ئۇلارنىڭ بىرى بىر ئىنسان قېرىندىشىنى ئالداپ ۋەدە قىلىپ،
ۋەدىسىنى اللە بىلەن قەسەم قىلىش ئارقىلىق تەكىتلىگەندىن كېيىن ئۇنى بۇزدى.
يەنە بىرى ھۆر بىر ئىنسان قېرىندىشىنى ساتتى. ئۈچىنچىسى بىر ئىنسان
قېرىندىشىنى كىرالاپ ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ھەققىنى يېدى. بۇمۇ ئىككىنچى ئادەمگە
ئوخشاش ئىنسان ساتقانلىق گۇناھىغا كىرىدۇ. چۈنكى ئۇنى ھەقسىز ئىشلەتتى ۋە
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «كىرالانغان كىشىنىڭ ھەققىنى
تېرى قۇرۇپ بولغىچە بەرگىن»  دېگەن ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى.

ئىسلام
شەرىئىتى ھارام قىلغان ئىنسان تىجارىتى جىنايىتى بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى
جاھىلىيەت جەمئىيەتلىرى يۈرگىزىۋاتقان كۆپلىگەن ئىشلارنى ئىچىگە ئالىدۇ.
مەسىلەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر بولۇشتىن
ئىىلگىرى ئەرەب قەبىلىلىرى، پارسلار ۋە رىملىقلار ھۆر ئادەملەرنىڭ ئالدىنى
توسۇپ، ماللىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزلىرىنى بازارلاردا قۇل قىلىپ ساتاتتى.
ھازىرقى زاماندا بۇ ئىشنى ئامېرىكا نېگىرلارغا قارىتا يۈرگىزىۋاتىدۇ. ئۇلار
ھۆر ۋە ئەركىن نېگىر خەلقىنى ئېلىپ ـ ساتىدىغان ھەيئەتلەر قۇردى. ئۇلار
نېگىرلارغا قارشى ئىرق ئايرىمىنى ئەڭ يامان شەكىلدە قوللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن
باشقا جىنسىي سودا ـ تىجارەت ئۈچۈن ئاياللارنى ۋە كىچىك بالىلارنى
ساتىدىغان ئىنسان سودىگەرلىرى پەيدا بولدى. ئۇلار تەبىئىي ئاپەتلەر بىلەن
ئۇرۇشلارنى ئىنسان تىجارىتى ئۈچۈن پۇرسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ئوچۇق پاكىتى
ھىندونوزىيىدە تسۇنامىي ئاپىتى يۈز بەرگەندە بولغان ۋەقەلەردۇر. بۇ ئىنساني
پالاكەتتە سېتىلغان ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ گېزىتلاردا ئېلان
قىلىنغان سانى قورقۇنۇشلۇقتۇر. جاللات سىرب ئەسكەرلىرىنىڭ بوسنىيەدە
مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلغاندا، مىڭلارچە قىزلار بىلەن كىچىك بالىلار
تەرەققى تاپقان دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا سېتىلدى. ياۋرۇپا مەملىكەتلىرى بىلەن
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تەشكىلاتلىق ئىنسان سودىگەرلىرىنىڭ مەركەزلىرىگە
ئايلاندى. ئامېرىكا ئادالەت مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان ستاتېستىكىغا كۆرە
ئىنسان سودىگەرلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى 8 مىليارد بىلەن 10 مىليارد دوللار
ئارىسىدا ئىكەن. ھالبۇكى ئىسلام شەرىئىتى ھۆر ئىنساننى سېتىشنى قەتئىي
قارام قىلدى، ئىنسان سودىسىغا قاتتىق قارشى تۇردى ۋە قىزلارنى پاھىشە
ئىشلارنى قىلىشقا زورلاشنى ھارام قىلدى. اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ: ) ئەگەر
سىلەرنىڭ چۆرىلىرىڭلار ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىسا، بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنا
مېلىنى دەپ ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلىماڭلار..

ئىنسان
سودىسى ــ ئىنساننىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقىنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىق، كىچىك
بالىلار بىلەن ئاياللارنىڭ خاتىرجەم ۋە ياخشى مۇھىتتا ياشاش ھوقۇقىنى
دەپسەندە قىلغانلىق جىنايىتىدۇر. سېتىلغانلار ئۆز ئائىلىسىدىن، ئاتا ـ
ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ جىنسىي ئىزىش، مەسخىرە قىلىش، پسىخىكىي ۋە بەدەنىي
قىيناش جەھەننىمىگە تاشلىنىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام ھارام قىلغان
ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قارشى كۈرەش قىلغان ئىشلاردۇر.

ئىنسانلارنى
قۇل قىلىشقا ۋە ئىنسان سودىسىغا قارشى تۇرۇشتىكى پەيغەمبەر يوليورۇقى اللە
تەئالانىڭ ئالدىدا ۋە تاريخ ئالدىدا ئىسلامي تۈزۈمنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا
قۇللۇققا قارشى چىققان ۋە ئىنسان سودىسىغا قارشى كۈرەش قىلغان بىرىنچى
تۈزۈم بولغانلىقىنى قەيىد قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:

بۇ
ماقالە مىسىرلىق تەتقىقاتچى ۋە دەۋەتچى ئالىم مۇھەممەد مەسئەد ياقۇت
تەرىپىدىن تەييارلىنىپ »ئىسلام ئونلاين« تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان.

ئابدۇل ئەھەت ھاپىز تەرجىمە قىلدى.