[ئېيتقىنكى: ئاللا تەرەپكە قېچىڭلار [50] سۈرە زارىيات] ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللا، ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاللانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن قىيامەتكىچە مەيدانغا كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك پىتنىلەرنى ھەممىدىن ياخشى بىلىمەن. بۇنداق بولۇشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« قىيامەتنىڭ ئالدىدا زۇلمەتلىك قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسىدەك دەھشەتلىك قەبىھ پىتنە – پاساتلار باردۇر»[ ھاكىم سەھىھ]
ئەرفەجە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« بارلىق پىتنە- پاسادلار مۇشۇ تەرەپتىن (يەنى كۈن چىقىش) تەرەپتىن كېلىدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەرق تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن:« ئاگاھ بولۇڭلاركى، شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزى شۇ تەرەپتە پەيدا بولىدۇ، بالايىئاپەتمۇ شۇ تەرەپتىن كېلىدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« ھەقىقەتەن ئارقاڭلاردا سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان سەۋرىنىڭ زامانى باردۇر، (يەنى پىتنە – پاساتقا ، بالالارغا، سىناقلارغا، دىنسىزلارنىڭ زۇلۇمىغا سەۋرى قىلىش زامانى) شۇ كۈنلەردە سەۋر قىلىپ، ئىسلام دىنىنى مۇستەھكەم چىڭ تۇتۇپ تۇرغۇچىلار ئۈچۈن سىلەردىن بولغان 50 شېھىدنىڭ ئەجىرى بولىدۇ»[ تەبرانى سەھىھ]
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، دىنى ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىش چوغنى تۇتقاندەك قىيىن بولىدۇ » [تىرمىزى سەھىھ]
ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئۈممىتىم ئىختىلاپلاشقاند
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاخىر زاماندا ئالدامچىلار، كازاپلار بولىدۇ. ئۇلار سىلەر ياكى ئاتا- بوۋاڭلار ئاڭلاپ باقمىغان سۆزلەرنى قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ھەرگىز ئىشىنىپ كەتمەڭلار. سىلەرنى ئازدۇرۇپ پىتنىگە تىقىپ قويمىسۇن» [مۇسلىم]
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كەلگۈسىدە نۇرغۇن پىتنىلەر يۈز بېرىدۇ. ئۇ چاغدا ئولتۇرغان تىڭ تۇرغاندىن، تىك تۇرغان ماڭغاندىن، ماڭغان يۈگۈرگەندىن ياخشىراق بولىدۇ. كىم ئۇنىڭغا يۈزلەنسە، ئۇمۇ ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ. كىم ساقلىنىدىغان بىر پاناھ جاي تاپالىسا، ئۇنىڭدىن ساقلانسۇن» [بۇخارى]
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«( بىر زامان كېلىدۇكى) مۇسۇلماننىڭ ئەڭ ياخشىسى مېلى قوي بولۇپ قالىدۇ، دىنىنى ساقلاش مەقسىتىدە پىتنىدىن قېچىپ، قويلىرىنى تاغ باغرىغا ھەيدەپ چىقىپ كېتىدۇ. قەيەردە يامغۇر بولسا، شۇ يەردە ئوتلىتىدۇ» [بۇخارى]
مەئقىل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« پىتنە زامانىدە ئىبادەت قىلىش، ماڭا ھىجرەت قىلىش بىلەن باراۋەردۇر» [مۇسلىم]
مىقدار ئىبنى ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« پىتنىدىن قۇتۇلغانلار بەختىياردۇر، پىتنىدىن قۇتۇلغانلار بەختىياردۇر، پىتنىدىن قۇتۇلغانلار بەختىياردۇر، پىتنىگە مۇپتىلا بولۇپ، سەۋر قىلغان ئىنسان نېمىدېگەن بەختلىك؟!» [ئەبۇ داۋۇد سەھىھ]
ئابدۇللا ئىبنى ئامىر ئىبنى رەبىيئەدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: كىشىلەر ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈستىدىن پىتنە تارقاتقان چاغدا، ئاتام ئامىر ئىبنى رەبىيئە بىر كېچىسى تۇرۇپ ناماز ئوقۇدى. ئاندىن ئۇخلىدى. چۈشىدە ئۇنىڭغا: تۇر ئاللادىن سالىھ بەندىلىرىنى ساقلىغان مۇشۇ پىتنىدىن سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تىلىگىن!- دېيىلگەنىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ناماز ئوقۇدى. كۆپ ئۆتمەي، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى ۋە ئۆيدىن جىنازىسى چىقتى (يەنى پىتنىدىن قۇتۇلۇپ قالدى)» [ئەلكەبىر]
ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«
ھۈزەيفە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئىنسانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدى
ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« ھەقىقەتەن كىشىنىڭ مېلىدا، ئايالىدا، بالىلىرىدا پىتنە باردۇر »[ تەبرانى سەھىھ]
ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: سىلەردىن ھېچكىم:« ئى ئاللا! ساڭا سېغىنىپ پىتنىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېمىسۇن! چۈنكى ئاراڭلاردا پىتنىگە يولۇقمايدىغان ھېچكىم يوق. ئەمما كىمكى پاناھ تىلىسە پىتنىدىن ئېزىپ كېتىشتىن پاناھ تىلىسۇن. چۈنكى ئاللا قۇرئاندا:[ ئەلۋەتتە ماللىرىڭلار ۋە بالا- چاقاڭلار پىتنىدۇر] دەيدۇ [ئەلكەبىر]
ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەقىقەتەن دۇنيا شېرىن ۋە ياپيېشىلدۇ. ئاللاتائالا سىلەرنى دۇنيادا ئورۇنباسار قىلدى. سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭل
ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مەن (دۇنيادا) ئەرلەرگە ئاياللاردىنمۇ بەكرەك زىيانلىق پىتنە قالدۇرۇپ قويمىدىم» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
كەئب ئىبنى ئىياز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىلىرىغا ئوخشاش پىتنە- پاساتلار مەيدانغا كېلىدۇ. بىر كىشى مۆئمىن ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزسا، كاپىر ھالىتىدە كەچ قىلىدۇ. مۆئمىن ھالىتىدە كەچ قىلسا، كاپىر ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئۆزىنىڭ دىنىنى دۇنيانىڭ ئازغىنا نەرسىسىگە سېتىۋېتىدۇ» [مۇسلىم]
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەتتىن بۇرۇن قاپ- قاراڭغۇ كېچىلەردەك (ھەق بىلەن باتىلنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان) پىتنىلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ چاغدا، ئادەملەر ئەتىگىنى مۆئمىن بولۇپ تاڭ ئاتقۇزسا، كەچتە كاپىر بولۇپ كېتىدۇ. ئاخشىمى مۆئمىن ھالەتتە ياتسا، ئەتىگىنى كاپىر بولۇپ قوپىدۇ. ئۇ زاماندا ئولتۇرغان ئۆرە تۇرغاندىن، ماڭغان يۈگۈرگەندىن ياخشىراق بولىدۇ. ئۇ زاماندا ياچاق ۋە قېلىچلارنى سۇندۇرۇپ تاشلاڭلار، بۇ پىتنە بىرىڭلارنىڭ ئۆيىگە كىرسە، ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى
باشقا بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:« ئۇ كۈندە نېمە قىلىشىمىزغا بۇيرۇيسەن؟- دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ كۈندە ئۆيلىرىڭلارنىڭ پالاسلىرى بولۇڭلار (يەنى ئۆيدىن ئايرىلماڭلار)!- دېدى » [ئەبۇ داۋۇد سەھىھ]
ئابدۇللا ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە سېپىللىرىدىن بىرىگە چىقىپ:« مەن كۆرگەننى سىلەرمۇ كۆرىۋاتامسىلەر؟
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« باشلىقىڭلار ياخشىلىرىڭلار بولسا، بايلىرىڭلار سېخىيلىرىڭلار بولسا، ئىشلىرىڭلار ئۆز ئارا مەسلىھەت قىلىشىڭلار بىلەن بولسا، زېمىننىڭ ئۈستى ئاستىدىن ياخشىدۇر. ئەمما باشلىقىڭلار يامانلىرىڭلار، بايلىرىڭلار بېخىللىرىڭلاردى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئەرەبنىڭ ھالىغا ۋاي! پىتنە يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇ چاغدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قولىنى تارتقانلار نىجات تاپقۇسى» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ھاكىم سەھىھ]
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئى خالايىق! ئاياللىرىڭلار ھەددىدىن ئېشىپ، ياشلىرىڭلار پاسىقلىشىپ كەتسە، ھالىڭلار قانداق بولۇپ كېتەر؟-دېگەن ئىدى. ساھابىلار؛ ئى رەسۇلۇللا! شۇنداق بولامدۇ؟- دەپ سوراشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئۇنىڭدىنمۇ يامانراقى بولىدۇ. سىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنى تاشلىۋەتكىنىڭلا
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« ئىنسانلارنىڭ خۇددى قاچىدىكى تاماققا دۈم چۈشكەندەك سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا يوپۇرۇلۇپ كېلىشىگە ئاز قالدى- دېدى. بىرەيلەن: ئۇ چاغدا بىزنىڭ سانىمىز ئاز بولامدۇ؟- دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، سانىڭلار كۆپ بولىدۇ. ئەمما كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىۋاتقان ئەخلەت- چاۋاردەك كۈچسىز بولىسىلەر. ئاللا دۈشمەنلىرىڭلارن
سەئىد ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« جېنىم ئىلكىدە بولغان زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئىنسانلارغا شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۆلتۈرگۈچى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگىنىنى، ئۆلگۈچىمۇ نېمە ئۈچۈن ئۆلگىنىنى بىلمەيدۇ- دېدى. ئى رەسۇلۇللا! بۇ قانداق بولىدۇ؟- دەپ سورالغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: پىتنە سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلگۈچى ھەر ئىككىسى دوزاخقا چۈشىدۇ- دەپ جاۋاب بەردى» [مۇسلىم]
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئى ئەبۇ زەر!- دېگەنىدى، مەن: لەببەيكە ئى رەسۇلۇللا!- دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىشىلەرگە ئاپەت كېلىپ، ئىنسانلار توپ- توپ ئۆلۈپ، قەبرە كولايدىغانلار يېتىشمەي قالغاندا، سېنىڭ ھالىڭ نېمە بولۇپ كېتەر؟- دېدى. مەن: ئاللا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر (ياكى ئاللا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرىغاننى قىلىمەن) دېگەنىدىم: سەۋىر قىلىشىڭ لازىم، سەۋىر قىل!- دېدى. ئاندىن يەنە: ئى ئەبۇ زەر!- دەپ چاقىردى. مەن: لەببەيكە ئى رەسۇلۇللا!- دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەھجارۇ زەيت كەنتىنىڭ قانغا بويالغانلىقىنى كۆرسەڭ، نېمە قىلىسەن؟- دەپ سورىدى. مەن: ئاللا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرىغاننى قىلىمەن- دېگەنىدىم.: ئۇ چاغدا، ئۆزەڭنىڭ يېقىنلىرىڭ بىلەن بىرگە بولغىن!- دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللا! قېلىچىمنى بوينۇمغا ئېسىپ چىقايمۇ؟- دەپ سورىغانىدىم: ئۇ چاغدا سەنمۇ ئۇلارغا قوشۇلغان بولىسەن؟- دېدى. مەن: ئۇنداقتا، مېنى نېمە قىلىشقا بۇيرۇيسەن؟- دەپ سورىغانىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۆيۈڭدە ئولتۇرغىن!- دېدى. ئۆيۈمگە باستۇرۇپ كىرسىچۇ؟- دېگەنىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر قېلىچنىڭ يالتىرشىدىن قورقساڭ، كىيىمىڭ بىلەن يۈزۈڭنى ئورىۋالغىن (يەنى سەن قول ياندۇرما) چۈنكى قاتىل سېنى ئۆلتۈرگەننىڭ گۇناھىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ- دېدى» [ئەبۇ داۋۇد]
ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مەندىن كېيىن ئۈممىتىمنىڭ ئۆزئارا قېنىنى تۆكۈشكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ۋاسلەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مېنى سىلەردىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ دەپ گۇمان قىلامسىلەر؟ ئاگاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەردىن بۇرۇن ۋاپات بولىمەن، سىلەر بەزىڭلار- بەزىڭلارنى ئۆلتۈرۈپ بىر-بىرلەپ تۈگىگەن ھالدا ماڭا ئەگىشىسىلەر»[ ئەھمەد سەھىھ]
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەقىقەتەن قىيامەت قايىم بولۇش ئالدىدا زور قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدۇ. ئۇ كۇففارلارنىڭ قىرغىنچىلىقى ئەمەس. لېكىن، ئۇ مۇشۇ ئۈممەتنىڭ بەزىسى- بەزىسىنى ئۆلتۈرۈشى، ھەتتا، بىر كىشىگە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئۇچرىسىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېرىدۇ. شۇ زاماننىڭ ئەھلىنىڭ ئەقىللىرى تارتىلىپ كېتىپ كىشىلەرنىڭ شاللاقلىرى، نادانلىرى خەلىپە قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى بىز توغرا يولدا دەپ داۋا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار توغرا يول ئۈستىدە ئەمەس» [ئەھمەد ۋە تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە ۋە بۇخارى ۋە مۇسلىم سەھىھ]
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئۈممىتىمنىڭ ئارىسىغا قېلىچ قويۇلۇپ قالسا (يەنى ئۆز- ئارا جەڭ بولسا) قىيامەت كۈنىگىچە كۆتۈرۈلمەيدۇ. (يەنى ئۆز- ئارا جەڭ توختىمايدۇ)» [تىرمىزى سەھىھ]
زۇبەير ئىبنى ئەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا ھەججاجنىڭ قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى شىكايەت قىلىپ كەلدۇق. ئۇ: سەۋر قىلىڭلار. مەن شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
مەنبە:ئۆزەم
پايدىلانغان كىتابلار: بۇخارى، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى، 9 ھەدىس كىتاب، مىشكات، ياخشىلار باغچىسى