رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاق ۋە خوسۇسىيەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلغانلىقى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇنىڭ
ئەڭ ئېسىل ئەخلاق، ئەڭ گۈزەل سۈپەتلەرگە ساھىب بولغانلىقىدۇر. بۇ
كامالەتلەر ئاللاھنىڭ ئاتاسى بولۇپ، ئەقىل ئىگىلىرىنى ئۇنىڭ
پەيغەمبەرلىكىگ قانائەتلەندۈرىدىغان دەلىللەردىن ھېسابلىنىدۇ. يالغاندىن
پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغان ئالدامچىلاردا بۇنداق ئەخلاقلارنىڭ بولۇشى
مۇمكىن ئەمەس. ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "راستچىل پەيغەمبەرنىڭ
راستچىللىقىنىڭ يالغاندىن پەيغەمبەرلىكنى داۋا قىلغۇچى كەززابنىڭ
يالغانچىلىقىنى دەلىللىرى ناھايىتى كۆپ. پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلىپ،
دەۋاسىدا راستچىل بولغان كىشى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، دىن ۋە
ئىلىمدە ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇكەممىلى بولىدۇ. چۈنكى ھېچكىم ئاللاھنىڭ
پەيغەمبەرلىرىدن ئەۋزەل ئەمەس. پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلىپ، دەۋاسىدا
يالغانچى بولغان كىشى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئەڭ تۇزكورى، ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ
ناچار - ئەسكىسى بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىدە، يەنە
بىرى ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا بولغان بولۇپ، راستچىلنىڭ راستچىللىقىغا،
يالغانچىنىڭ يالغانچىلىقىغا دالالەت قىلىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بار، ئەقىل –
ھۇشى جايىدا كىشى بۇنى ياخشى بىلەلەيدۇ، شۇڭا يالغاندىن پەيغەمبەرلىكنى
دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ يالغانچىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرنىڭ كۆپ
بولغىنىدەك، راستچىل پەيغەمبەرلەرنىڭ راستچىللىقىغا دالالەت قىلىدىغان
دەلىللەرمۇ ناھايىتى كۆپ"، دېگەن.

  
ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار مانا مۇشۇ خىلدىكى دەلىللەرگە ئاساسلىنىپ پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا پارلاق مۆجىزىلەر ئاشكارە بولۇشتىن ئىلگىرىلا
ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان. يەر يۈزىدە ئۇنىڭغا تۈنجى بولۇپ ئىمان ئېيتقان كىشى
خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق
پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاقى، گۈزەل سۈپىتىنى دەلىل قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىرا غارىدىن ئەندىشە ئىچىدە قايتىپ كەلگەندە
خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ياق، ئاللاھ سىزنى ھەرگىز خار قىلمايدۇ. چۈنكى
سىز سىلە – رەھىم قىلىسىز، يۈك بولغانلارنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرىسىز،
يوقسىۇللارغا يار يۆلەك بولىسىز، مېھمانلارغا زىياپەت بېرىسىز، ھەق ئىشقا
ياردەم قىلىسىز، دېگەن. دېمەك، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل
ئەخلاقىنى ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى قىلغان.

  
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك
ئەخلاققا ئىگىسەن». (سۈرە قەلەم 4- ئايەت) دەپ تەرىپلىگەنلىكى يېتەرلىك.

  
كۆپلىگەن ئەقىل ئىگىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدا ئۇنىڭ
پەيغەمبەلىكىگە يېتەرلىك دەلىل بار، دەپ قارىغان. جۈملىدىن پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ پەيغەمبەرلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، تېخى ئىمان ئېيتىش نېسىپ
بولمىغان ئەبۇ سۇفياندىن ئۇنىڭ سۈپەت ۋە ئەخلاقلىرىدىن سوراپ، ئۇنىڭ ھەق
پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن رىم پادىشاھى ھىرەقلە: "ئەگەر
ئېيتقانلىرىڭ ھەق بولسا، ئۇ قەدىمىمنىڭ ئاستىغىمۇ ئىگە بولىدۇ، ئۇنىڭ چوقۇم
چىقىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن سىلەردىن چىقىدۇ، دەپ ئويلىمىغان
ئىكەنمەن، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشالايدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسام،
ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا تىرىشقان بولاتتىم، ئەگەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا
بولغان بولسام ئەلۋەتتە ئۇنىڭ پۇتىنى يۇغان بولاتتىم، دېگەنىدى.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرد ۋە سېخىلىقى

  
ئۇنىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇنىڭ مەرت ۋە سېخىلىقىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ئەڭ مەرت ۋە ئەڭ سېخى كىشى ئىدى. تاغىسىنىڭ ئوغلى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى تەرىپلەپ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىسى ئىدى، رامزاندا جبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن
ئۇچراشقان ۋاقىتتا ئۇ تېخىمۇ سېخىيلىشىپ كېتەتتى، جبرىئىل ئەلەيھىسسالام
رامىزان ئېيىنىڭ ھەركېچىسى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭغا
دەرس قىلىپ بېرەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالقىن شامالدىنمۇ سېخى
ئىدى"، دېگەن. (بۇخارى رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئون يىل بىرگە ياشىغان ئەنەس رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ ئۇنى تەرىپلەپ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى،
ئەڭ جەسۇرى ۋە ئەڭ سېخىسى ئىدى"، دېگەن.

   بۇنىڭغا ئىسپات ئىزدىگەن كىشى تۆۋەندىكىلەرگە ياخشى قۇلاق سالسۇن:

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھونەيندىن قايتقان ۋاقتىدا خالايىق ئۇنىڭدىن
نەرسە سوراپ ئېسىلىۋېلىپ، ھەتتا ئۇنى تىكەنلىك بىر دەرەخنىڭ تۆيىگە قىستاپ،
دەرەخنىڭ تىكەنلىرى ئۇنىڭ تونىنى ئېلىۋالغاندا: "تونىمنى بېرىڭلار، ئەگەر
مەندە مۇشۇ تىكەنلەرنىڭ سانىدەك مال – دۇنيا بولىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە
سىلەرگە بۆلۈپ بەرگەن بولاتتىم، ئۇ ۋاقىتتا سىلەر مېنىڭ بېخىل، يالغانچى،
قورقۇنچاق ئەمەسلىكىمنى تېخىمۇ ياخشى بىلەتتىڭلار" دېگەنىدى. (بۇخارى
رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەرسە بېرىشنى سوراپ كەلگەن بىر كىشىگە:
"مەندە ھازىر بىر نەرسە يوق، لېكىن ھاجەت بولغان نەرسىڭىزنى مېنىڭ
ھېسابىمغا سېتىۋېلىڭ، ماڭا بىر نەرسە گەلگەندە ئۇنىڭ ھېسابىنى مەن بېرىمەن"
دېگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ سىزنى
تاقىتىڭىز يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمىغان تۇرسا، نېمانچە ئۆزىنىڭىزنى
قىينايسىز؟ دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۆزىنى ياقتۇرمىغان.
ئەنسارلاردىن بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئېھسان قىلىڭ، ئەرش
ئىگىسىنىڭ ئازلىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەڭ، دېگەندە ئەنسارىنىڭ بۇ سۆزىگە
خۇرسەن بولۇپ، يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋە قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "مەن
شۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم"، دېگەن.

   قولى قىسقا تۇرۇپ ئېھسان قىلىش سېخىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر.

  
ئەنسارلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئېھسان تەلەپ
قىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئېھسان قىلىدۇ، ئاندىن
ئۇلار يەنە كېلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئېھسان قىلىپ، ھەتتا
ئۇنىڭدا بەرگۈدەك بىر نەرسە قالمايدۇ، ئاندىن ئۇ: "مەندە بىر نەرسە بولسا
سىلەردىن ھەرگىز ئايىمايمەن، كىمكى ئىپپەتلىك بولۇشنى تىلەيدىكەن ئاللاھ
ئۇنى ئىپپەتلىك قىلىدۇ، كىمكى بىھاجەت بولۇشنى تىلەيدىكەن ئاللاھ ئۇنى
بىھاجەت قىلىدۇ، كىمكى سەۋر قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا سەۋر ئاتا قىلىدۇ،
ھېچكىم سەۋرىدىن ياخشى بىر نەرسە بېرىلمىدى"، دېگەن. (مالىك رىۋايىتى).

  
بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تون ئېلىپ كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ
پەيغەمبىرى! بۇنى ئۆزلىرىنى كەيسۇن، دەپ ئۆز قولۇم بىلەن تۇقۇغانىدىم،
دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ياقتۇرۇپ قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنى كىيىپ
يېنىمىزغا چىققاندا جامائەت ئىچىدىن بىر كىشى: ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنى ماڭا
بەرگەن بولسىلا، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "بولىدۇ" دەيدۇ ۋە
ئارىمىزدا بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۆيىگە كىرىپ، توننى قاتلاپ ھېلىقى
كىشىگە ئەۋەتىدۇ، جامائەتلەر ئۇ كىشىگە تاپا قىلىپ: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ بىر نەرسە سوراپ كەلگەن كىشىنى قۇرۇق قول
قايتۇرمايدىغانىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى سورىغىنىڭىز ياخشى بولمىدى!،
دېگەندە ئۇ ئادەم: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنى پەقەت ئۆلگەن كۈنۈم
كىپەنلىكىم بولسۇن، دەپ سورىغانىدىم، دېگەن.

  
توغرا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەرسە سوراپ كەلگەن كىشىنى قۇرۇق قول
قايتۇرمىغان، ھەتتا ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنىمۇ باشقىلارغا ئېھسان
قىلغان مەرت، سېخى زاتتۇر.

  
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىلىقىنى تەرىپلەپ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەرسە سورالغاندا: "ياق" دەپ باققان زات
ئەمەس، دېگەن.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھونەين كۈنى ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قويلارنى
بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن كىشىگە تەلەپ قىلغان قويلارنى بەرگەندە ئۇ
ئادەم قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتىپ: ئى قەۋمىم! مۇسۇلمان بولۇڭلار، ئاللاھ بىلەن
قەسەمكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پېقىرلىقتىن قورقمايدىغان كىشى ئېھسان
قىلغاندەك ئېھسان قىلىدىكەن، دېگەن.

  
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەقەت دۇنيالىقنى مەقسەت قىلىپ مۇسۇلمان بولغان
كىشى ئىسلامنى دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ياخشى كۆرمىگىچىلىك
مۇسۇلمان بولغان بولمايدۇ، دېگەن.

  
ئىبنى ئاساكىر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ھونەين كۈنى
سەفۋان ئىبنى ئۇمەييەنىڭ تاغ جىلغىلىرىگە تولۇپ كەتكەن چارۋا ماللاردىن
كۆزىنى ئۆزەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى
ئەبۇ ۋەھب! بۇ جىلغا سىزگە يارىمىدۇ؟ دەيدۇ. ئۇ: يارىدى، دېگەندە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: "ئۇنداقتا بۇ جىلغا ئىچىدىكى نەرسىلىرى بىلەن سىزنىڭ
بولسۇن"، دېگەن. ئەبۇ سۇفيان: پەيغەمبەر بولمىغان ئادەمنىڭ كۆكسى – قارنى
بۇنداق كەڭ بولمايدۇ. مەن ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، دېگەن.

  
قۇرەيشنىڭ كاتتىسى، ئەقىللىكى ھېسابلىنىدىغان ئەبۇ سۇفيان پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ سېخىلىقىنى ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلى قىلىپ
مۇسۇلمان بولغان.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا – ئېھسانى شەخسى مەنپەئەتكە ۋە ئېھسان
قىلىنغان كىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە باغلانغان ئەمەسىدى. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: "مەن بىر كىشىگە ئاللاھنىڭ ئۇنى دوزاخكە تاشلىشىدىن قورقۇپ
ئاتا – ئېھسان قىلىمەن. ۋاھالەنكى، ئۇ كىشىنىڭ باشقىسى ماڭا ئۇنىڭدىن
سۈيۈملىكتۇر" دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىلىقىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن جابىر ئىبنى
ئابدۇللاھنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدۇر. ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر غازاتقا بىرگە چىققانىدىم، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: "ئاللاھ سىز ئۈچۈن مەغپىرەت قىلسۇن، تۈگىڭىزنى بىر دىنارغا
سېتىپ بېرەمسىز؟" دېدى. مەن: يا رەسۇلۇللاھ! مەن مەدىنىگە بېرىۋالسام بۇ
تۈگە سىلەرنىڭ بولسۇن، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: "ئاللاھ سىز
ئۈچۈن مەغپىرەت قىلسۇن، تۈگىڭىزنى ئىككى دىنارغا سېتىپ بېرەمسىز؟" دېدى ۋە
بىر دىناردىن ئۆرلەپ يىگىرمە دىنارغا يەتتى. مەن مەدىنىگە يىتىپ كەلگەندىن
كېيىن تۈگىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدىم. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: "ئى بىلال! ئۇنىڭغا غەنىمەتتىن يىگىرمە دىنار بەرگىن، دېدى
ۋە ماڭا: تۈگىڭىزنىمۇ ئېلىپ كېتىڭ" دېدى. (ئىبنى ماجە، ئەھمەد رىۋايىتى).

  
يەنە بىر رىۋايەتتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن قايتىپ
كېلىۋېتىپ بىر يەھۇدىغا بۇ گەپنى ئېيتىپ بەرسەم ئۇ ھەيران بولۇپ: ئۇ سىزدىن
تۈگىڭىزنى سېتىۋېلىپ، پۇلىنى بېرىپ بولۇپ، تۈگىنى يەنە سىزگە بەردىمۇ؟
دېگەن.

  
ئۇنىڭ ھەيران قېلىشى ھەقلىق. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ تۈگىسىنى سېتىۋېلىپ،
ئاندىن ئۇنىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇپ، ئاندىن تۈگىنىڭ پۇلىسىنى ۋە تۈگىنى بىرگە
بېرىۋېتىش خەلق ئىچىدە تونۇلمىغان بىر ئىشتۇر. بۇ پەقەت رەببى تەربىيلەپ
يېتىشتۈرگەن بىر پەيغەمبەرنىڭ مەرت ۋە سېخىلىقىدۇر.