رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ھىمايە قىلغانلىقى (1)
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ھىمايە قىلغانلىقى، ئۇلاردىن
خالىغانلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قوتۇلدۇرغانلىقى پەيغەمبەرلىك
دەلىللىرىنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالام كاپىر قەۋمىگە دۇئېل ئېلان قىلىپ: «ئى قەۋمىم! ئەگەر
سىلەرگە مېنىڭ ئىچڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرنى  ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن
قورقۇتۇشۇم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدىم (يەنى
ئاللاھقا يۆلەندىم، سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن). سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن
بىرلىكتە (مېنى قەستلەيدىغان) ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار
سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن (يەنى مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلار ئاشكارا
بولسۇن)، ئاندىن مېنى بىردەممۇ كېچىكتۈرمەي، مېنىڭ ھەققىمدە
(خالىغىنىڭلارنى) ئىجرا قىلىۋېرىڭلار». (سۈرە يۇنۇس 71- ئايەت). دېگەن
لېكىن ئاللاھ نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ھىمايە قىلغانلىقتىن ئۇلار ئۇنىڭغا
ھېچقانداق زىيانكەشلىك قىلالمىغان.

  
ھۇد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئوخشىشىنى ئېيتقان: «ھۇد ئېيتتى: «مەن
ھەقىقەتەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ
ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن ئادا- جۇدامەن، ھەممىڭلار
ماڭا سۈيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ
پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا مەن تەۋەككۈل
قىلدىم». (سۈرە ھۇد 54-، 55-، 56- ئايەتلەر).

  
بىر تۈركۈم جاھىللار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئىرادە
قىلىپ، ئۇنى ئوتقا تاشلىغان ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا قۇرىتى، پەزلى –
مەرھەمىتى بىلەن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان: «ئۇلار ئېيتتى: «ئىبراھىمنى
كۆيدۈرۈڭلار، ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي
ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار». بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە
ئامانلىق (بەخش ئېتىدىغان) بولۇپ بەرگىن» دېدۇق. ئۇلار ئىبراھىمغا
زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچى قىلدۇق».
(سۈرە ئەنبىيا 68-، 69-، 70- ئايەتلەر).

  
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان ئەھۋالمۇ شۇنىڭغا
ئوخشاش بولغان، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۇ پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن
ۋاقىتتىن باشلاپ دۇچ كەلگەن نۇرغۇن سۈيقەستلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ۋە
ئۇنى دۈشمەنلىرىنىڭ ھېلە – مىكىر ۋە سۈيقەستلىرىدىن سالامەت
قىلىدىغانلىقىن ئالدىن خەۋەر قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئى پەيغەمبەر!
پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملار نىڭ ھەممىسىنى
يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا
قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ».
(سۈرە مائىدە 67- ئايەت).

  
ئىبنى كەسىر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ئايەتنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
ئى پەيغەمبەر! سەن ئەلچىلىكىمنى يەتكۈزگىن، مەن سېنى ساقلايمەن، ساڭا
ياردەم بېرىمەن، دۇشمەنلىرىڭ ئۈستىدىن سېنى غالىپ قىلىمەن، قورقمىغىن،
قايغۇرمىغىن، ھېچكىم ساڭا زىيانكەشلىق قىلالمايدۇ.

  
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاللاھ
سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ» دېگەن ئايەت كەرىم نازىل
بولغانغا قەدەر قوغدۇلاتتى، بۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن ئۇ بېشىنى
چىقىرىپ: "ئى خالايىق! ئاللاھ مېنى ساقلايدىغان بولدى، سىلەر تارقىلىپ
كېتىڭلار" دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].

  
يۇقىرىدىكى ئايەتتە پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىدىن ئىككى دەلىل بار بولۇپ،
ئۇنىڭ بىرى ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇنى كىشىلەرنىڭ
زىيانكەشلىكىدى ساقلايدىغانلىقى بىلەن خەۋەر قىلغانلىقىدۇر.

  
ئىمام ماۋەردى مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى
نۇرغۇن دۈشمەنلىرىنىڭ ئارىسىدا ئون ئۇچ يىل سالامەت ساقلاپ، يەنە سالامەت
ھالدا ھىجرەت قىلغىلى نېسىپ قىلغانلىقى، ھىجرەتتىن كېيىن يەنە كېچە –
كۈندۈز ئۇنى ئۇچۇقتۇرىۋېتىشنىڭ كويىدا بولغان رەقىبلىرىنىڭ
زىيانكەشلىكلىردىن ساقلىغانلىقى ناھايىتى چوڭ مۆجىزىلەردىن ھېسابلىنىدۇ.
بۇ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ساقلايدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىگە
بىنائەن ئۇنى ياخشى قوغدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

  
يۇقىرىدىكى ئايەتتىكى پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنىڭ يەنە بىرى پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ئوبىكتى قىلىنغانلىقىنى
بىلگەن كىشى ئۈچۈن ئاشكارە بولىدۇ. ساھابىلار مۇھممەد ئەلەيھىسسالامدىن
ئەنسىرەپ ئۇنى كىچە – كۈندۈز قوغدايتتى، بۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن ئۇ
قوغدىغۇچىلىرىنى تارقىتۋەتكەنىدى. ئۇ پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلىۋالغان
يالغانچى بولغان بولسا ھەرگىز مەغرۇرلىنىپ، ئۆزىنى خەتەرگە توغرىلىمغان
بولاتتى.

  
شەرقشۇناس بارتلىمى ھىلر مۇنداق دەيدۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ
تائالا «ئاللاھ سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ» دېگەن سۆزى
بىلەن ئۇنى ساقلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكتىن قوغدىغۇچىلىرىنى
تارقىتىۋەتكەن، ئىنسان ئۆزىنىڭ زىيىنىغا يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئەگەر بۇ
قۇرئان ئۈچۈن ئاسماندىن باشقا مەنبە بولىدىغان بولسا مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام قوغدىغۇچىلىرىنى ھەرگىز تارقىتۋەتمەيتتى.

  
ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامن قوغداش ئارقىلىق قوللاپ، قۇۋۋەتلىگەنلىكى بىلەن ئۇنىڭ
پەيغەمبەرلىكىگ دەلىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنى
پەيغەمبەرلىرىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن نەرسىلەر بىلەن قوللاپ، قۇۋۋەتلىدى.
بەلكى ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر ئۇ زات قوللاپ،  قۇۋۋەتلەنگەندەك، قوللاپ،
قۇۋۋەتلەنمىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كىتاب ۋە
شەرىئەتلەرنىڭ ئەۋزىلى بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئەۋزىلىگە پەيغەمبەر قىلىپ
ئەۋەتتى، ئۇنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىرىنىڭ سەردارى قىلدى.

  
ئاللاھ تائالا نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئەيسا، داۋۇد، سۇلايمان، شۇئەيب، ھۇد،
سالىھ ئەلەيھىمۇسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلىرىنى قوللاپ، قۇۋۋەتلىگەندەك،
تارىختا ئۆتكەن راستچىل پەيغەمبەرلىرىنى قوللاپ، قۇۋۋەتلىدى، يالغانچىلارنى
رەسۋا، خار قىلدى ۋە ئۈزىل – كېسىل ھالاك قىلدى.

  
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھىمايە قىلغانلىقىنىڭ
سۈرەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، جۈملىدىن بىر كۈنى قۇرەيشلەر كەبىدىكى
ھىجرىگە يىغىلىپ، ئەگەر مۇھەممەدنى كۆرسەك ھەممىمىز بىردەك ئېتىلىپ بېرىپ
ئۆلتۈرەيلى، دەپ لات، ئۇززا، مانات قاتارلىق بۇتلىرى بىلەن قەسەمياد
قىلىشىدۇ.

  
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە
رەزىيەللاھۇ ئەنھا يىغلىغان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا
كېرىپ: قۇرەيشلەر سىزنى كۆرگەن ھامان بىرلىشىپ ئۆلتۈرۈۋېتىش ھەققىدە
كېلىشىم تۈزدى، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى قىزىم! سۇ ئېلىپ كېلىڭ،
دەيدۇ - دە دەرھال تاھارەت ئېلىپ، ھەرەم مەسجىدىگە كىرىدۇ، ئۇلار
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ: ھەئە، ئاشۇ شۇ، دېيىشىدۇ لېكىن ھەممىسى
يەرگە قاراپ ئولتۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىيالمايدۇ ۋە
ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ
يېنىغا كېلىپ، بىر ئوچۇم تۇپىنى ئېلىپ ئۇلارغا چاچىدۇ. ئىبنى ئابباس
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: شۇ كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاچقان
تۇپا يەتكەن كىشىلەردىن بىرسىمۇ قالماي بەدرى كۈنى كاپىر ھالىتىدە
ئۆلتۈرۈلگەن.

  
ئاللاھۇ ئەكبەر، قولىدا ھېچ نەرسە بولمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە
بۇتلىرى بىلەن قەسەمياد قىلىشقان مۇتەكەببۇر قۇرەيشلەردىن ھېچكىم
قەسەملىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرالمىدى. بەلكى پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بېشىغا تۇپا چېچىپ، ئۇلارغا دۇئېل ئېلان قىلدى.
نېمە ئۈچۈن دۇئېل ئېلان قىلالمىسۇن؟ ۋاھالەنكى ئاللاھ تائالا ئۇنى قوللاپ،
قۇۋۋەتلەپ: «ئاللاھ سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ» دېگەن
ئەمەسمىدى؟!

  
بۇ ئۇممەتنىڭ پىرئەۋنى ئەبۇ جەھل بىر كۈنى مەككىنىڭ كوچىلىرىدا كېتىۋېتىپ،
مۇشرىكلەرگە: مۇھەممەد سىلەر بار يەردىمۇ يۈزىنى تۇپىغا بۇلاپ ئولتۇرامدۇ؟
دەيدۇ. (يەنى سەجدە قىلىپ، ناماز ئوقۇيامدۇ، دېمەكچى). ئۇلار: ھەئە، دەپ
جاۋاپ بېرىشىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلۇق بىلەن: لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەم
قىلىمەنكى، ئۇنىڭ يەنە شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرىدىغان بولسام گەردىنىگە
دەسسەيمەن، دەيدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇۋاتقاندا يېنىغا
كېلىپ، بېشىغا دەسسەشكە تەمشىلىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت ئىككى قولى بىلەن بىر
نەرسىدىن مۇداپەلىنىۋاتقان قىياپەتتە ئارقىسىغا چېكىنىدۇ. ئۇنىڭغا: سىزگە
نېمە بولدى، دېيىلگەندە ئۇ: مەن بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوتتىن بولغان بىر
خەندەك پەيدا بولدى ۋە ناھايىتى قورقۇنچلۇق قاناتلارنى كۆردۈم، دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئەگەر ئۇ يېنىمغا كەلگەن بولسا پەرىشتىلەر ئۇنى
پارچە - پارچە قىلىۋەتكەن بولاتتى، دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى].

  
مانا بۇ ئىسلام دۈشمىنى ئەبۇ جەھل ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كاتتا مۆجىزىدۇر.
ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھىمايە قىلىۋاتقان پەرىشتىلەرنىڭ
قاناتلىرىنى كۆرگەن ۋە ئاللاھنىڭ خاس قوشۇنى، ياردىمى بىلەن پەيغەمبىرىنى
ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا جەزم قىلغان لېكىن ئۇنىڭ چوڭچىلىقى،
ئابرۇيپەرەسلىك، باشلىقپەرەسلىكى ئۇنى ھەققە بويسۇنۇشتىن توسۇپ قويغان.
ئۇنىڭ ۋە باشقا مۇشرىكلەرنىڭ ھالى ئاللاھنىڭ: «ئۇلار سېنى (ئىچىدە) ئىنكار
قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ». دېگىنىگە ئوخشاشتۇر. (سۈرە ئەنئام
33- ئايەت).

  
ئىمام نەۋەۋەى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامن دۈشمەنلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ھىمايە قىلغانلىقىنىڭ
مىساللىرى كۆپ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: «ئاللاھ سىېنى كىشىلەرنىڭ
زىيانكەشلىكىدى ساقلايدۇ» دېگەن، دەيدۇ.

  
پەرىشتىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەبۇ جەھلدىن ھىمايە قىلغىنىدەك،
ئۇھۇد كۈنى ساھابىلەر مەغلۇپ بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىن
تارقىلىپ كېتىپ، مۇشرىكلەر ئۇنى قورشىۋالغاندا ئۇنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن
چۈشكەنىدى. سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن
ئۇھۇد كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆڭ ۋە سول تەرىپىدە ئاق كېيىم
كىيگەن ئىككى كىشىنى كۆرگەنىدىم، ئىلگىرىمۇ ۋە كېيىنمۇ ئۇلارنى قايتا كۆرۈپ
باقمىدىم. ئۇ جىبرىئىل ۋە مىكائىل ئەلەيھىسسالاملارنى دېمەكچى. [بۇخارى ۋە
مۇسلىم رىۋايىتى].

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھىمايە قىلىپ، ئۇرۇش قىلىدىغان پەرىشتىلەرنى
چۇشۇرۇش بىلەن ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكىنى بايان قىلىش ۋە پەرىشتىلەرنىڭ
مۆمىنلەرنىڭ سېپىدە ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشلىرىنىڭ بەدرى
كۈنىگە خاس ئەمەسلىكىنى بايان قىلىش بار، دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىنلىرىدىن بولغان مۇشرىكلەر داۋاملىق
ئۇنىڭغا ئەزىيەت قىلىش، ھېلە – مىكىر ئىشلىتىشكە ئورۇناتتى. جۈملىدىن
ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە)
قۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا مال- مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى. ئۇ
لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى
سۇخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم
ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ». دېگەن سۆزى نازىل بولغان ۋاقىتتا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ تاغىسى ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالى ئۇممۇ جەمىل ئۇنىڭ يېنىغا
كېلىدۇ ۋاھالەنكى ئۇنىڭ يېنىدا ئەبۇ بەكرى زەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار ئىدى.
ئەبۇ بەكرى: يا رەسۇلۇللاھ! ئۇ تىلى يامان بىر ئايال، ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە
ئەزىيەت قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئۇ
ھەرگىز مېنى كۆرەلمەيدۇ" دەيدۇ.

  
ئۇممۇ جەمىل كېلىپ، ئەبۇ بەكرىگە: دوستۇڭ مېنى ھەجۋە قىلدى، دەيدۇ. ئەبۇ
بەكرى: ياق، ئۇ شىر ئوقۇمايدۇ، دېگەندە ئۇ ئايال: مەن سىزنىڭ سۆزىڭىزگە
ئىشىنىمەن، دەيدۇ ۋە قايتىپ كېتىدۇ. ئەبۇ بەكرى: يا رەسۇلۇللاھ! ئۇ سىزنى
كۆرمىدىغۇ، دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر پەرىشتە قانىتى بىلەن مېنى
توسۇپ تۇردى، دېگەن. [ئەبۇ يەئلا رىۋايىتى].